3:35
إِذْ قَالَتِ امْرَأَتُ عِمْرَانَ رَبِّ إِنِّي نَذَرْتُ لَكَ مَا فِي بَطْنِي مُحَرَّرًا فَتَقَبَّلْ مِنِّي ۖ إِنَّكَ أَنتَ السَّمِيعُ الْعَلِيمُ
ئۆز ۋاقتىدا ئىمراننىڭ ئايالى ئېيتتى: «پەرۋەردىگارىم! مەن قورسىقىمدىكى پەرزەنتىمنى (دۇنيا ئىشلىرىدىن) ئازاد قىلىنغان ھالدا چوقۇم سېنىڭ خىزمىتىڭگە ئاتىدىم، (بۇ نەزرەمنى) قوبۇل قىلغىن، سەن ھەقىقەتەن (دۇئايىمنى) ئاڭلاپ تۇرغۇچىسەن، (نىيىتىمنى) بىلىپ تۇرغۇچىسەن»
3:36
فَلَمَّا وَضَعَتْهَا قَالَتْ رَبِّ إِنِّي وَضَعْتُهَا أُنثَىٰ وَاللَّهُ أَعْلَمُ بِمَا وَضَعَتْ وَلَيْسَ الذَّكَرُ كَالْأُنثَىٰ ۖ وَإِنِّي سَمَّيْتُهَا مَرْيَمَ وَإِنِّي أُعِيذُهَا بِكَ وَذُرِّيَّتَهَا مِنَ الشَّيْطَانِ الرَّجِيمِ
ئۇ قىز تۇغقان ۋاقتىدا: «ئى پەرۋەردىگارىم! قىز تۇغدۇم» دېدى، ئۇنىڭ نېمە تۇغقانلىقىنى ئاللاھ ئوبدان بىلىدۇ. (ئۇ تەلەپ قىلغان) ئوغۇل (ئاتا قىلىنغان) قىزغا ئوخشاش ئەمەس (بەلكى بۇ قىز ئارتۇقتۇر). (ئىمراننىڭ ئايالى ئېيتتىكى) «مەن ئۇنى مەريەم ئاتىدىم، مەن ھەقىقەتەن ئۇنىڭ ئۈچۈن، ئۇنىڭ ئەۋلادلىرى ئۈچۈن ساڭا سېغىنىپ، قوغلاندى شەيتاندىن پاناھ تىلەيمەن»
3:37
فَتَقَبَّلَهَا رَبُّهَا بِقَبُولٍ حَسَنٍ وَأَنبَتَهَا نَبَاتًا حَسَنًا وَكَفَّلَهَا زَكَرِيَّا ۖ كُلَّمَا دَخَلَ عَلَيْهَا زَكَرِيَّا الْمِحْرَابَ وَجَدَ عِندَهَا رِزْقًا ۖ قَالَ يَا مَرْيَمُ أَنَّىٰ لَكِ هَٰذَا ۖ قَالَتْ هُوَ مِنْ عِندِ اللَّهِ ۖ إِنَّ اللَّهَ يَرْزُقُ مَن يَشَاءُ بِغَيْرِ حِسَابٍ
ئۇنى پەرۋەردىگارى چىرايلىقچە قوبۇل قىلدى، ئۇنى ئوبدان ئۆستۈردى، ئۇنىڭغا زەكەرىيانى كېپىل قىلدى (يەنى ئۇنىڭ خىزمىتىنى قىلىشقا زەكەرىيانى قويدى). زەكەرىيا ھەر قېتىم (ئۇنىڭ) ئىبادەتگاھىغا ئۇنى كۆرگىلى كىرسە، ئۇنىڭ يېنىدا بىرەر يېمەكلىك ئۇچرىتاتتى. ئۇ: «ئى مەريەم! بۇ ساڭا قەيەردىن كەلدى؟» دەيتتى، مەريەم: «ئۇ، ئاللاھ تەرىپىدىن كەلدى» دەيتتى. ئاللاھ ھەقىقەتەن خالىغان ئادەمگە (جاپا - مۇشەققەتسىزلا) ھېسابسىز رىزىق بېرىدۇ
3:38
هُنَالِكَ دَعَا زَكَرِيَّا رَبَّهُ ۖ قَالَ رَبِّ هَبْ لِي مِن لَّدُنكَ ذُرِّيَّةً طَيِّبَةً ۖ إِنَّكَ سَمِيعُ الدُّعَاءِ
شۇ ۋاقىتتا (يەنى مەريەمنىڭ كارامىتىنى كۆرگەن چاغدا) زەكەرىيا پەرۋەردىگارىغا دۇئا قىلىپ: «ئى پەرۋەردىگارىم! ماڭا ئۆز دەرگاھىڭدىن بىر ياخشى پەرزەنت ئاتا قىلغىن، ھەقىقەتەن دۇئانى ئىشىتكۈچىسەن» دېدى
3:39
فَنَادَتْهُ الْمَلَائِكَةُ وَهُوَ قَائِمٌ يُصَلِّي فِي الْمِحْرَابِ أَنَّ اللَّهَ يُبَشِّرُكَ بِيَحْيَىٰ مُصَدِّقًا بِكَلِمَةٍ مِّنَ اللَّهِ وَسَيِّدًا وَحَصُورًا وَنَبِيًّا مِّنَ الصَّالِحِينَ
ئۇ ئىبادەتگاھىدا ناماز ئوقۇۋاتقاندا پەرىشتىلەر ئۇنىڭغا: «ساڭا ئاللاھ نىڭ كەلىمىسى (يەنى ئىسا) نى تەستىق قىلغۇچى، سەييىد، پەرھىزكار ۋە ياخشىلاردىن بولغان يەھيا ئىسىملىك بىر پەيغەمبەر بىلەن خۇش خەۋەر بېرىدۇ» دەپ نىدا قىلدى
3:40
قَالَ رَبِّ أَنَّىٰ يَكُونُ لِي غُلَامٌ وَقَدْ بَلَغَنِيَ الْكِبَرُ وَامْرَأَتِي عَاقِرٌ ۖ قَالَ كَذَٰلِكَ اللَّهُ يَفْعَلُ مَا يَشَاءُ
ئۇ: «پەرۋەردىگارىم! مەن قېرىپ قالغان تۇرسام، ئايالىم تۇغۇتتىن قالغان تۇرسا قانداقمۇ مېنىڭ ئوغلۇم بولسۇن؟» دېدى. پەرىشتىلەر: «ئاللاھ شۇنىڭدەك خالىغىنىنى قىلىدۇ (يەنى قۇدرىتى ئىلاھىيە ھېچ نەرسىدىن ئاجىز ئەمەس)» دېدى
3:41
قَالَ رَبِّ اجْعَل لِّي آيَةً ۖ قَالَ آيَتُكَ أَلَّا تُكَلِّمَ النَّاسَ ثَلَاثَةَ أَيَّامٍ إِلَّا رَمْزًا ۗ وَاذْكُر رَّبَّكَ كَثِيرًا وَسَبِّحْ بِالْعَشِيِّ وَالْإِبْكَارِ
ئۇ: ‹‹پەرۋەردىگارىم! ماڭا (ئايالىمنىڭ ھامىلىدار بولغانلىقىغا) بىر نىشانە ئاتا قىلغىن» دېدى. ئاللاھ: ‹‹ساڭا بولىدىغان نىشانە شۇكى، ئۈچ كۈنگىچە كىشىلەرگە سۆز قىلالمايسەن (يەنى زىكرى تەسبىھ ئېيتىشتىن باشقا سۆزگە تىلىڭ كەلمەيدۇ). پەقەت ئىشارەتلا قىلىسەن، (نېمىتىمگە شۈكۈر قىلىش يۈزىسىدىن) پەرۋەردىگارىڭنى كۆپ ياد ئەت، كەچتە، ئەتىگەندە تەسبىھ ئېيت» دېدى
6:85
وَزَكَرِيَّا وَيَحْيَىٰ وَعِيسَىٰ وَإِلْيَاسَ ۖ كُلٌّ مِّنَ الصَّالِحِينَ
زەكەرىيا، يەھيا، ئىسا ۋە ئىلياسلارنى ھىدايەت قىلدۇق، ئۇلارنىڭ ھەممىسى ياخشىلاردىندۇر
19:2
ذِكْرُ رَحْمَتِ رَبِّكَ عَبْدَهُ زَكَرِيَّا
بۇ، پەرۋەردىگارىڭنىڭ بەندىسى زەكەرىياغا قىلغان مەرھىمىتىنىڭ بايانىدۇر
19:3
إِذْ نَادَىٰ رَبَّهُ نِدَاءً خَفِيًّا
ئۇ ئۆز ۋاقتىدا پەرۋەردىگارىغا پەس ئاۋازدا مۇناجات قىلدى
19:4
قَالَ رَبِّ إِنِّي وَهَنَ الْعَظْمُ مِنِّي وَاشْتَعَلَ الرَّأْسُ شَيْبًا وَلَمْ أَكُن بِدُعَائِكَ رَبِّ شَقِيًّا
ئۇ ئېيتتى: «پەرۋەردىگارىم! مەن ھەقىقەتەن كۈچ - قۇۋۋىتىمدىن كەتتىم، چېچىم ئاقاردى. پەرۋەردىگارىم! ساڭا دۇئا قىلىپ ئۈمىدسىز بولۇپ قالغىنىم يوق
19:5
وَإِنِّي خِفْتُ الْمَوَالِيَ مِن وَرَائِي وَكَانَتِ امْرَأَتِي عَاقِرًا فَهَبْ لِي مِن لَّدُنكَ وَلِيًّا
مەن تاغىلىرىمنىڭ بالىلىرىنىڭ ئورنۇمنى باسالماسلىقلىرىدىن (يەنى دىننى قولدىن بېرىپ قويۇشلىرىدىن) ھەقىقەتەن ئەنسىرەيمەن، مېنىڭ ئايالىم تۇغماستۇر، (پەزلىڭدىن) ماڭا بىر (ياخشى) پەرزەنت ئاتا قىلغىن
19:6
يَرِثُنِي وَيَرِثُ مِنْ آلِ يَعْقُوبَ ۖ وَاجْعَلْهُ رَبِّ رَضِيًّا
ئۇ ماڭا ۋارىس بولغاي ۋە يەئقۇب ئەۋلادىغا ۋارىس بولغاي، پەرۋەردىگارىم! ئۇنى سېنىڭ رازىلىقىڭغا ئېرىشىدىغان قىلغىن»
19:7
يَا زَكَرِيَّا إِنَّا نُبَشِّرُكَ بِغُلَامٍ اسْمُهُ يَحْيَىٰ لَمْ نَجْعَل لَّهُ مِن قَبْلُ سَمِيًّا
(ئاللاھ ئېيتتىكى) «ئى زەكەرىيا! بىز ھەقىقەتەن ساڭا (پەرىشتىلەر ئارقىلىق) يەھيا ئىسىملىك بىر ئوغۇل بىلەن خۇش خەۋەر بېرىمىز، ئىلگىرى ھېچ ئادەمنى ئۇنىڭغا ئىسىمداش قىلمىدۇق»
19:8
قَالَ رَبِّ أَنَّىٰ يَكُونُ لِي غُلَامٌ وَكَانَتِ امْرَأَتِي عَاقِرًا وَقَدْ بَلَغْتُ مِنَ الْكِبَرِ عِتِيًّا
زەكەرىيا ئېيتتى: «ئايالىم تۇغماس تۇرسا، مەن قېرىپ مۈكچىيىپ كەتكەن تۇرسام، مېنىڭ قانداقمۇ ئوغلۇم بولسۇن؟»
19:9
قَالَ كَذَٰلِكَ قَالَ رَبُّكَ هُوَ عَلَيَّ هَيِّنٌ وَقَدْ خَلَقْتُكَ مِن قَبْلُ وَلَمْ تَكُ شَيْئًا
(نىدا قىلغان پەرىشتە) ئېيتتى: «ئىش ئەنە شۇنداقتۇر، پەرۋەردىگارىڭ ئېيتتى: بۇ مەن ئۈچۈن ئاساندۇر، سېنى مەن ياراتتىم، ھالبۇكى سەن بۇرۇن يوق ئىدىڭ (يەنى سېنى يوقتىن بار قىلغاندەك، يەھيانى ئىككىڭلاردىن تۆرەلدۈرۈشكە قادىرمەن)»
19:10
قَالَ رَبِّ اجْعَل لِّي آيَةً ۚ قَالَ آيَتُكَ أَلَّا تُكَلِّمَ النَّاسَ ثَلَاثَ لَيَالٍ سَوِيًّا
زەكەرىيا ئېيتتى: «پەرۋەردىگارىم! (ئايالىمنىڭ ھامىلدار بولغانلىقىغا) ماڭا بىر ئالامەت قىلىپ بەرسەڭ». ئاللاھ ئېيتتى: «سېنىڭ ئالامىتىڭ (شۇكى) ساق تۇرۇپ ئۈچ كېچە - كۈندۈز كىشىلەرگە سۆز قىلالمايسەن»
19:11
فَخَرَجَ عَلَىٰ قَوْمِهِ مِنَ الْمِحْرَابِ فَأَوْحَىٰ إِلَيْهِمْ أَن سَبِّحُوا بُكْرَةً وَعَشِيًّا
زەكەرىيا نامازگاھىدىن قەۋمىنىڭ ئالدىغا چىقىپ، ئۇلارنى ئەتىگەن - ئاخشامدا تەسبىھ ئېيتىشقا ئىشارەت قىلدى
21:89
وَزَكَرِيَّا إِذْ نَادَىٰ رَبَّهُ رَبِّ لَا تَذَرْنِي فَرْدًا وَأَنتَ خَيْرُ الْوَارِثِينَ
زەكەرىيانىڭ (قىسسىنى بايان قىلغىن). ئۆز ۋاقتىدا ئۇ: «ئى پەرۋەردىگارىم! مىنى (بالىسىز، ۋارىسسىز) يالغۇز قويمىساڭ، سەن ئەڭ ياخشى ۋارىستۇرسەن (يەنى ھەممە ئادەم ئۆلىدۇ، سەنلا باقىي قالىسەن)» دەپ نىدا قىلدى
21:90
فَاسْتَجَبْنَا لَهُ وَوَهَبْنَا لَهُ يَحْيَىٰ وَأَصْلَحْنَا لَهُ زَوْجَهُ ۚ إِنَّهُمْ كَانُوا يُسَارِعُونَ فِي الْخَيْرَاتِ وَيَدْعُونَنَا رَغَبًا وَرَهَبًا ۖ وَكَانُوا لَنَا خَاشِعِينَ
بىز ئۇنىڭ دۇئاسىنى ئىجابەت قىلدۇق، ئۇنىڭغا يەھيانى ئاتا قىلدۇق، ئۇنىڭغا خوتۇنىنى ئۆزگەرتىپ بەردۇق (يەنى تۇغىدىغان قىلىپ بەردۇق). (يۇقىرىقى پەيغەمبەرلەرنىڭ دۇئاسىنى ئىجابەت قىلىشىمىز) شۇنىڭ ئۈچۈن ئىدىكى، ئۇلار ياخشى ئىشلارنى قىلىشقا ئالدىرايتتى، (رەھمىتىمىزنى) ئۈمىد قىلىپ، (ئازابىمىزدىن) قورقۇپ بىزگە دۇئا قىلاتتى، بىزگە كەمتەرلىك بىلەن ئىبادەت قىلاتتى