7:180
وَلِلَّهِ الْأَسْمَاءُ الْحُسْنَىٰ فَادْعُوهُ بِهَا ۖ وَذَرُوا الَّذِينَ يُلْحِدُونَ فِي أَسْمَائِهِ ۚ سَيُجْزَوْنَ مَا كَانُوا يَعْمَلُونَ
ئاللاھ نىڭ گۈزەل ئىسىملىرى بار، ئاللاھ نى شۇ (گۈزەل ئىسىملىرى) بىلەن ئاتاڭلار، ئاللاھ نىڭ ئىسىملىرىنى كەلسە - كەلمەس قوللىنىدىغانلارنى تەرك ئېتىڭلار، ئۇلار (ئاخىرەتتە) قىلمىشلىرىنىڭ جازاسىنى تارتىدۇ
17:110
قُلِ ادْعُوا اللَّهَ أَوِ ادْعُوا الرَّحْمَٰنَ ۖ أَيًّا مَّا تَدْعُوا فَلَهُ الْأَسْمَاءُ الْحُسْنَىٰ ۚ وَلَا تَجْهَرْ بِصَلَاتِكَ وَلَا تُخَافِتْ بِهَا وَابْتَغِ بَيْنَ ذَٰلِكَ سَبِيلًا
«ئاللاھ دەپ ئاتىساڭلارمۇ بولىدۇ، رەھمان دەپ ئاتىساڭلارمۇ بولىدۇ، قايسىنى ئاتىساڭلار (ھەممىسى ياخشىدۇر). چۈنكى ئاللاھ نىڭ نۇرغۇن گۈزەل ئىسىملىرى بار» دېگىن، نامىزىڭدا (قىرائەتنى) (مۇشرىكلار ئاڭلاپ ساڭا ئەزىيەت يەتكۈزمەسلىگى ئۈچۈن) يۇقىرى ئاۋاز بىلەنمۇ ئوقۇمىغىن، (مۆمىنلەر ئاڭلىماي قالماسلىقى ئۈچۈن) پەس ئاۋاز بىلەنمۇ ئوقۇمىغىن. ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئوتتۇرا يول تۇتقىن
20:8
اللَّهُ لَا إِلَٰهَ إِلَّا هُوَ ۖ لَهُ الْأَسْمَاءُ الْحُسْنَىٰ
ئاللاھ تىن باشقا ھېچ مەبۇد (بەرھەق) يوقتۇر، ئاللاھ نىڭ گۈزەل ئىسىملىرى بار
59:24
هُوَ اللَّهُ الْخَالِقُ الْبَارِئُ الْمُصَوِّرُ ۖ لَهُ الْأَسْمَاءُ الْحُسْنَىٰ ۚ يُسَبِّحُ لَهُ مَا فِي السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضِ ۖ وَهُوَ الْعَزِيزُ الْحَكِيمُ
ئاللاھ (ھەممىنى) ياراتقۇچىدۇر، (يوقلۇقتىن) پەيدا قىلغۇچىدۇر، (ھەممە نەرسىگە) سۈرەت (شەكىل) بېغىشلىغۇچىدۇر، ئەڭ چىرايلىق ئىسىملارغا ئىگىدۇر، ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى نەرسىلەر ئۇنىڭغا تەسبىھ ئېيتىپ تۇرىدۇ، ئۇ غالىبتۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر