4:172
لَّن يَسْتَنكِفَ الْمَسِيحُ أَن يَكُونَ عَبْدًا لِّلَّهِ وَلَا الْمَلَائِكَةُ الْمُقَرَّبُونَ ۚ وَمَن يَسْتَنكِفْ عَنْ عِبَادَتِهِ وَيَسْتَكْبِرْ فَسَيَحْشُرُهُمْ إِلَيْهِ جَمِيعًا
مەسىھمۇ، (ئاللاھ قا) يېقىن پەرىشتىلەرمۇ ئاللاھ قا بەندە بولۇشتىن ھەرگىز باش تارتمايدۇ، كىملەركى ئاللاھ قا بەندىچىلىك قىلىشتىن باش تارتىدىكەن ۋە كۆرەڭلەپ كېتىدىكەن، (بىلسۇنكى) ئاللاھ ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى (قىيامەت كۈنى ھېساب ئېلىش ۋە جازالاش ئۈچۈن) ئۆز دەرگاھىغا توپلايدۇ
4:173
فَأَمَّا الَّذِينَ آمَنُوا وَعَمِلُوا الصَّالِحَاتِ فَيُوَفِّيهِمْ أُجُورَهُمْ وَيَزِيدُهُم مِّن فَضْلِهِ ۖ وَأَمَّا الَّذِينَ اسْتَنكَفُوا وَاسْتَكْبَرُوا فَيُعَذِّبُهُمْ عَذَابًا أَلِيمًا وَلَا يَجِدُونَ لَهُم مِّن دُونِ اللَّهِ وَلِيًّا وَلَا نَصِيرًا
ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلارغا كەلسەك، ئاللاھ ئۇلارنىڭ (ئەمەللىرىنىڭ) ئەجرىنى تولۇق بېرىدۇ، نېمىتىنى ئۇلارغا بېرىدۇ، (ئاللاھ قا قۇلچىلىق قىلىشتىن) باش تارتقان ۋە كۆرەڭلەپ كەتكەنلەرگە كەلسەك، ئاللاھ ئۇلارغا قاتتىق ئازاب قىلىدۇ. ئۇلار ئۆزلىرى ئۈچۈن ئاللاھ تىن باشقا (ئاللاھ نىڭ ئازابىدىن قۇتۇلدۇرىدىغان) ھېچقانداق دوست ۋە ھېچقانداق مەدەتكار تاپالمايدۇ
16:22
إِلَٰهُكُمْ إِلَٰهٌ وَاحِدٌ ۚ فَالَّذِينَ لَا يُؤْمِنُونَ بِالْآخِرَةِ قُلُوبُهُم مُّنكِرَةٌ وَهُم مُّسْتَكْبِرُونَ
سىلەرنى (ئىبادەت قىلىشقا لايىق) ئىلاھىڭلار بىردۇر، ئاخىرەتكە ئىشەنمەيدىغانلارنىڭ دىللىرى (ئاللاھ نىڭ بىرلىكىنى) ئىنكار قىلىدۇ، ئۇلار چوڭچىلىق قىلىپ، (ھەقنى قوبۇل قىلىشتىن) باش تارتقۇچىلاردۇر
16:23
لَا جَرَمَ أَنَّ اللَّهَ يَعْلَمُ مَا يُسِرُّونَ وَمَا يُعْلِنُونَ ۚ إِنَّهُ لَا يُحِبُّ الْمُسْتَكْبِرِينَ
ئاللاھ ئۇلارنىڭ يوشۇرغانلىرىنى ۋە ئاشكارا قىلغانلىرىنى راستلا بىلىپ تۇرىدۇ، ئاللاھ تەكەببۇرلۇق قىلغۇچىلارنى ھەقىقەتەن دوست تۇتمايدۇ
32:15
إِنَّمَا يُؤْمِنُ بِآيَاتِنَا الَّذِينَ إِذَا ذُكِّرُوا بِهَا خَرُّوا سُجَّدًا وَسَبَّحُوا بِحَمْدِ رَبِّهِمْ وَهُمْ لَا يَسْتَكْبِرُونَ ۩
بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزگە ھەقىقەتەن شۇنداق كىشىلەر ئىمان ئېيتىدۇكى، ئۇلارغا شۇ ئايەتلەر بىلەن ۋەز - نەسىھەت قىلىنسا (ئاللاھ نىڭ ئايەتلىرىنى ئۇلۇغلاش يۈزىسىدىن ئاللاھ قا) سەجدە قىلغان ھالدا يىقىلىدۇ، پەرۋەردىگارىغا تەسبىھ ئېيتىدۇ، ھەمدۇ ئېيتىدۇ. ئۇلار (پەرۋەردىگارىنىڭ تائەت - ئىبادىتىدىن) چوڭچىلىق قىلىپ باش تارتمايدۇ