4:105
إِنَّا أَنزَلْنَا إِلَيْكَ الْكِتَابَ بِالْحَقِّ لِتَحْكُمَ بَيْنَ النَّاسِ بِمَا أَرَاكَ اللَّهُ ۚ وَلَا تَكُن لِّلْخَائِنِينَ خَصِيمًا
(ئى مۇھەممەد!) سېنى كىشىلەر ئارىسىدا ئاللاھ نىڭ كۆرسەتكىنى بويىچە ھۆكۈم قىلسۇن دەپ، ساڭا ھەقىقەتەن ھەق كىتابنى نازىل قىلدۇق. خائىنلارنىڭ تەرىپىنى ئالمىغىن
4:106
وَاسْتَغْفِرِ اللَّهَ ۖ إِنَّ اللَّهَ كَانَ غَفُورًا رَّحِيمًا
ئاللاھ تىن مەغپىرەت تىلىگىن. ئاللاھ ھەقىقەتەن ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر
4:107
وَلَا تُجَادِلْ عَنِ الَّذِينَ يَخْتَانُونَ أَنفُسَهُمْ ۚ إِنَّ اللَّهَ لَا يُحِبُّ مَن كَانَ خَوَّانًا أَثِيمًا
(گۇناھ قىلىش بىلەن) ئۆزلىرىگە خىيانەت قىلغۇچىلارنىڭ تەرىپىنى ئالمىغىن. خىيانەتكە ئادەتلەنگەن، گۇناھقا چۆمگەن كىشىنى ئاللاھ ھەقىقەتەن دوست تۇتمايدۇ
4:108
يَسْتَخْفُونَ مِنَ النَّاسِ وَلَا يَسْتَخْفُونَ مِنَ اللَّهِ وَهُوَ مَعَهُمْ إِذْ يُبَيِّتُونَ مَا لَا يَرْضَىٰ مِنَ الْقَوْلِ ۚ وَكَانَ اللَّهُ بِمَا يَعْمَلُونَ مُحِيطًا
ئۇلار (خىيانەتلىرىنى) ئىنسانلاردىن (خىجىل بولۇپ) يوشۇرىدۇ، ئاللاھ تىن (خىجىل بولۇپ) يوشۇرمايدۇ؛ ئۇلار ئاللاھ رازى بولمايدىغان سۆزنى (يەنى بوھتان چاپلاش، يالغان گۇۋاھلىق بېرىش ۋە يالغان قەسەمنى) پىلانلىغان چاغدا، ئاللاھ ئۇلار بىلەن بىللە ئىدى (يەنى ئۇلارنىڭ ئەھۋالىنى بىلىپ تۇراتتى، سۆزىنى ئاڭلاپ تۇراتتى). ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرىنى ئاللاھ تامامەن بىلگۈچىدۇر
8:27
يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا لَا تَخُونُوا اللَّهَ وَالرَّسُولَ وَتَخُونُوا أَمَانَاتِكُمْ وَأَنتُمْ تَعْلَمُونَ
ئى مۆمىنلەر! ئاللاھ قا، پەيغەمبەرگە خىيانەت قىلماڭلار، سىلەرگە قويۇلغان ئامانەتلەرگە بىلىپ تۇرۇپ خىيانەت قىلماڭلار
8:58
وَإِمَّا تَخَافَنَّ مِن قَوْمٍ خِيَانَةً فَانبِذْ إِلَيْهِمْ عَلَىٰ سَوَاءٍ ۚ إِنَّ اللَّهَ لَا يُحِبُّ الْخَائِنِينَ
ئەگەر سەن (مۇئاھىدە تۈزگەن) قەۋمدىن خىيانەت (ئالامەتلىرىنى) سەزسەڭ، مۇئاھىدىسىنى ئۇلارغا ئوچۇق - يورۇقلۇق بىلەن تاشلاپ بەرگىن (يەنى سەن بىلەن مۇئاھىدە تۈزۈشكەن قەۋمدىن خىيانەت شەپىسى كۆرۈلسە، ئۇلارغا تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلماستىن، مۇئاھىدىنىڭ ئەمەلدىن قالغانلىقىنى ئالدى بىلەن ئۇلارغا ئۇقتۇرۇپ قويغىن). ئاللاھ ھەقىقەتەن خائىنلارنى دوست تۇتمايدۇ
12:52
ذَٰلِكَ لِيَعْلَمَ أَنِّي لَمْ أَخُنْهُ بِالْغَيْبِ وَأَنَّ اللَّهَ لَا يَهْدِي كَيْدَ الْخَائِنِينَ
(يۇسۇف ئېيتتى) «بۇ (يەنى پادىشاھنىڭ ئەلچىسىنى قايتۇرۇۋەتكەنلىكىم) ئەزىز يوق چاغدا خوتۇنىغا خىيانەت قىلمىغانلىقىمنى ۋە خائىنلارنىڭ ھىيلىسىنى ئاللاھ نىڭ مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشتۈرمەيدىغانلىقىنى ئەزىزگە بىلدۈرۈش ئۈچۈندۇر»
22:38
إِنَّ اللَّهَ يُدَافِعُ عَنِ الَّذِينَ آمَنُوا ۗ إِنَّ اللَّهَ لَا يُحِبُّ كُلَّ خَوَّانٍ كَفُورٍ
ئاللاھ مۆمىنلەرنى چوقۇم قوغدايدۇ، ئاللاھ ھەر قانداق خىيانەتچى، ناشۈكۈر بەندىنى دوست تۇتمايدۇ