2:106
مَا نَنسَخْ مِنْ آيَةٍ أَوْ نُنسِهَا نَأْتِ بِخَيْرٍ مِّنْهَا أَوْ مِثْلِهَا ۗ أَلَمْ تَعْلَمْ أَنَّ اللَّهَ عَلَىٰ كُلِّ شَيْءٍ قَدِيرٌ
قانداقلا بىر ئايەتنى ئەمەلدىن قالدۇرساق ياكى ئۇنتۇلدۇرساق، (ئورنىغا) ئۇنىڭدىن ئارتۇق ياكى شۇنىڭغا ئوخشاش بىر ئايەتنى كەلتۈرىمىز. ئاللاھ نىڭ ھەر نەرسىگە قادىر ئىكەنلىكىنى بىلمەمسەن؟
16:101
وَإِذَا بَدَّلْنَا آيَةً مَّكَانَ آيَةٍ ۙ وَاللَّهُ أَعْلَمُ بِمَا يُنَزِّلُ قَالُوا إِنَّمَا أَنتَ مُفْتَرٍ ۚ بَلْ أَكْثَرُهُمْ لَا يَعْلَمُونَ
بىز بىر ئايەتنى يەنە بىر ئايەتنىڭ ئورنىغا ئالماشتۇرغىنىمىزدا (يەنى بىر ھۆكۈمنى بىكار قىلىپ، ئۇنىڭ ئورنىغا باشقا بىر ھۆكۈمنى چۈشۈرگىنىمىزدە)، - ئاللاھ ئۆزى نازىل قىلغاننى (يەنى شۇ ھۆكۈمدە بەندىگە نېمە مەنپەئەت ۋە ھېكمەت بارلىقىنى) ئۆزى ئوبدان بىلىدۇ - ئۇلار: «(ئى مۇھەممەد!) سەن (ئاللاھ قا) يالغان چاپلىدىڭ» دەيدۇ، ئۇنداق ئەمەس، ئۇلارنىڭ تولىسى (ئاللاھ نىڭ ھېكمىتىنى) ئۇقمايدۇ
16:102
قُلْ نَزَّلَهُ رُوحُ الْقُدُسِ مِن رَّبِّكَ بِالْحَقِّ لِيُثَبِّتَ الَّذِينَ آمَنُوا وَهُدًى وَبُشْرَىٰ لِلْمُسْلِمِينَ
ئېيتقىنكى، قۇرئاننى جىبرىئىل مۆمىنلەرنىڭ (ئىمانىنى) مۇستەھكەم قىلىش ئۈچۈن، مۇسۇلمانلارغا ھىدايەت ۋە خۇش خەۋەر قىلىپ، پەرۋەردىگارىڭ ھۇزۇرىدىن راستچىللىق بىلەن نازىل قىلدى