60:5
رَبَّنَا لَا تَجْعَلْنَا فِتْنَةً لِّلَّذِينَ كَفَرُوا وَاغْفِرْ لَنَا رَبَّنَا ۖ إِنَّكَ أَنتَ الْعَزِيزُ الْحَكِيمُ
پەرۋەردىگارىمىز! كاپىرلارنى بىزگە زىيانكەشلىك قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلمىغىن (ئۇلار بىزگە مۇسەللەت بولۇپ، بىزنى كۆتۈرگىلى بولمايدىغان ئازاب بىلەن دىنىمىزدىن چىقارمىسۇن)، پەرۋەردىگارىمىز، بىزگە مەغپىرەت قىلغىن، سەن ھەقىقەتەن غالىبسەن، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىسەن»
60:6
لَقَدْ كَانَ لَكُمْ فِيهِمْ أُسْوَةٌ حَسَنَةٌ لِّمَن كَانَ يَرْجُو اللَّهَ وَالْيَوْمَ الْآخِرَ ۚ وَمَن يَتَوَلَّ فَإِنَّ اللَّهَ هُوَ الْغَنِيُّ الْحَمِيدُ
(ئى مۇھەممەدنىڭ ئۈممىتى!) ئىبراھىم ۋە ئۇنىڭغا ئەگەشكەن مۆمىنلەر سىلەرگە، ئاللاھ نى ۋە ئاخىرەت كۈنىنى ئۈمىد قىلىدىغانلارغا ياخشى نەمۇنىدۇر، كىمكى (ئىمانىدىن) يۈز ئۆرۈيدىكەن، (بىلسۇنكى) ئاللاھ (ئۇنىڭدىن ۋە ئۇنداقلاردىن) بىھاجەتتۇر، (ئاللاھ) مەدھىيىگە لايىقتۇر