10:70
مَتَاعٌ فِي الدُّنْيَا ثُمَّ إِلَيْنَا مَرْجِعُهُمْ ثُمَّ نُذِيقُهُمُ الْعَذَابَ الشَّدِيدَ بِمَا كَانُوا يَكْفُرُونَ
ئۇلار بۇ دۇنيادىن (ئازغىنا ۋاقىتلا) بەھرىمەن بولىدۇ، ئاندىن ئۇلار (ھېساب بېرىش ئۈچۈن) بىزنىڭ دەرگاھىمىزغا قايتىدۇ، ئاندىن كاپىر بولغانلىقلىرى سەۋەبىدىن ئۇلارغا قاتتىق ئازابنى تېتىتىمىز
11:18
وَمَنْ أَظْلَمُ مِمَّنِ افْتَرَىٰ عَلَى اللَّهِ كَذِبًا ۚ أُولَٰئِكَ يُعْرَضُونَ عَلَىٰ رَبِّهِمْ وَيَقُولُ الْأَشْهَادُ هَٰؤُلَاءِ الَّذِينَ كَذَبُوا عَلَىٰ رَبِّهِمْ ۚ أَلَا لَعْنَةُ اللَّهِ عَلَى الظَّالِمِينَ
(ئاللاھ نىڭ شېرىكى بار، بالىسى بار دەپ) ئاللاھ قا يالغاننى چاپلىغان كىشىدىنمۇ زالىم كىشى بارمۇ؟ ئەنە شۇلار (قىيامەت كۈنى) پەرۋەردىگارىغا توغرىلىنىدۇ، گۇۋاھچىلار: «بۇلار پەرۋەردىگارى ھەققىدە يالغان سۆزلىگەنلەردۇر» دەيدۇ. راستلا ئاللاھ نىڭ لەنىتى زالىملارغا بولىدۇ (يەنى ئاللاھ زالىملارنى رەھمىتىدىن يىراق قىلىدۇ)
11:19
الَّذِينَ يَصُدُّونَ عَن سَبِيلِ اللَّهِ وَيَبْغُونَهَا عِوَجًا وَهُم بِالْآخِرَةِ هُمْ كَافِرُونَ
ئۇلار (كىشىلەرنى) ئاللاھ نىڭ يولىدىن (يەنى ئىسلام يولىدىن) توسىدۇ، ئاللاھ نىڭ يولىنىڭ ئەگرى بولىشىنى تىلەيدۇ، ئۇلار ئاخىرەتنى ئىنكار قىلغۇچىلاردۇر
11:20
أُولَٰئِكَ لَمْ يَكُونُوا مُعْجِزِينَ فِي الْأَرْضِ وَمَا كَانَ لَهُم مِّن دُونِ اللَّهِ مِنْ أَوْلِيَاءَ ۘ يُضَاعَفُ لَهُمُ الْعَذَابُ ۚ مَا كَانُوا يَسْتَطِيعُونَ السَّمْعَ وَمَا كَانُوا يُبْصِرُونَ
ئەنە شۇلار زېمىندا ئاللاھ نىڭ ئازابىدىن قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ، ئۇلارغا ئاللاھ تىن باشقا (ئىگە بولىدىغان) ياردەمچىلەرمۇ بولمايدۇ، ئۇلار قاتمۇ قات ئازابقا دۇچار بولىدۇ، ئۇلار (ھەقنى) ئاڭلاشقا ۋە (ھەقنى) كۆرۈشكە قادىر بولالمايدۇ
11:21
أُولَٰئِكَ الَّذِينَ خَسِرُوا أَنفُسَهُمْ وَضَلَّ عَنْهُم مَّا كَانُوا يَفْتَرُونَ
ئەنە شۇلار ئۆزلىرىگە زىيان سالغۇچىلاردۇر. ئۇلارنىڭ ئويدۇرۇپ چىقارغان بۇتلىرى ئۇلاردىن ئۆزلىرىنى چەتكە ئالدى
11:22
لَا جَرَمَ أَنَّهُمْ فِي الْآخِرَةِ هُمُ الْأَخْسَرُونَ
شەك يوقكى، ئۇلار ئاخىرەتتە ئەڭ زىيان تارتقۇچىلاردۇر
16:116
وَلَا تَقُولُوا لِمَا تَصِفُ أَلْسِنَتُكُمُ الْكَذِبَ هَٰذَا حَلَالٌ وَهَٰذَا حَرَامٌ لِّتَفْتَرُوا عَلَى اللَّهِ الْكَذِبَ ۚ إِنَّ الَّذِينَ يَفْتَرُونَ عَلَى اللَّهِ الْكَذِبَ لَا يُفْلِحُونَ
ئاغزىڭلارغا كەلگەن يالغاننى سۆزلەش ئۈچۈن (ھېچقانداق دەلىلسىز) «بۇ ھالال، بۇ ھارام» دېمەڭلار، چۈنكى (مۇنداقتا) ئاللاھ نامىدىن يالغاننى ئويدۇرغان بولىسىلەر، ئاللاھ نامىدىن يالغاننى ئويدورغۇچىلار ھەقىقەتەن (دۇنيا ئاخىرەتتە) مەقسىتىگە ئېرىشەلمەيدۇ
16:117
مَتَاعٌ قَلِيلٌ وَلَهُمْ عَذَابٌ أَلِيمٌ
(ئۇلار دۇنيادىن پەقەت) ئازغىنا بەھرىمەن بولىدۇ، ئۇلار (ئاخىرەتتە) قاتتىق ئازابقا دۇچار بولىدۇ
27:83
وَيَوْمَ نَحْشُرُ مِن كُلِّ أُمَّةٍ فَوْجًا مِّمَّن يُكَذِّبُ بِآيَاتِنَا فَهُمْ يُوزَعُونَ
ئۇ كۈندە ھەر ئۈممەتنىڭ ئىچىدىن بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزنى ئىنكار قىلغانلاردىن بىر توپ ئادەمنى) ھېساب ئېلىش ۋە جازالاش ئۈچۈن) يىغىمىز (ئالدى - كەينى يىغىلغۇچە) ئۇلار توختىتىپ تۇرۇلىدۇ
27:84
حَتَّىٰ إِذَا جَاءُوا قَالَ أَكَذَّبْتُم بِآيَاتِي وَلَمْ تُحِيطُوا بِهَا عِلْمًا أَمَّاذَا كُنتُمْ تَعْمَلُونَ
ئۇلار) ئاللاھ نىڭ دەرگاھىغا) كەلگەن چاغلىرىدا، ئاللاھ ئۇلارغا: «سىلەر تولۇق بىلمەي تۇرۇپ مېنىڭ ئايەتلىرىمنى ئىنكار قىلدىڭلارمۇ؟ سىلەر (ئەمرى قىلىنغان نەرسىلەردىن) زادى نېمىلەرنى قىلدىڭلار؟» دەيدۇ
27:85
وَوَقَعَ الْقَوْلُ عَلَيْهِم بِمَا ظَلَمُوا فَهُمْ لَا يَنطِقُونَ
ئۇلار) ئۆزلىرىگە) زۇلۇم قىلغانلىقلىرى ئۈچۈن، ئۇلارغا ئازاب ھەقلىق بولدى. ئۇلار (ئۆزرىلىرى بولمىغانلىقى ئۈچۈن) سۆز قىلالمايدۇ
39:32
فَمَنْ أَظْلَمُ مِمَّن كَذَبَ عَلَى اللَّهِ وَكَذَّبَ بِالصِّدْقِ إِذْ جَاءَهُ ۚ أَلَيْسَ فِي جَهَنَّمَ مَثْوًى لِّلْكَافِرِينَ
ئاللاھ قا يالغاننى چاپلىغان، نازىل بولغان راست سۆزنى (يەنى قۇرئاننى) ئىنكار قىلغان ئادەمدىنمۇ زالىم كىشى بارمۇ؟ جەھەننەمدە كاپىرلارغا ئورۇن يوقمۇ؟
39:60
وَيَوْمَ الْقِيَامَةِ تَرَى الَّذِينَ كَذَبُوا عَلَى اللَّهِ وُجُوهُهُم مُّسْوَدَّةٌ ۚ أَلَيْسَ فِي جَهَنَّمَ مَثْوًى لِّلْمُتَكَبِّرِينَ
قىيامەت كۈنى ئاللاھ قا يالغاننى چاپلىغانلارنىڭ يۈزلىرىنى قاپقارا كۆرىسەن، جەھەننەمدە مۇتەكەببىرلەرگە ئورۇن يوقمۇ؟
40:35
الَّذِينَ يُجَادِلُونَ فِي آيَاتِ اللَّهِ بِغَيْرِ سُلْطَانٍ أَتَاهُمْ ۖ كَبُرَ مَقْتًا عِندَ اللَّهِ وَعِندَ الَّذِينَ آمَنُوا ۚ كَذَٰلِكَ يَطْبَعُ اللَّهُ عَلَىٰ كُلِّ قَلْبِ مُتَكَبِّرٍ جَبَّارٍ
ئاللاھ نىڭ ئايەتلىرى ئۈستىدە ئۆزلىرىگە (ئاللاھ تەرىپىدىن) كەلگەن ھېچقانداق دەلىل بولماستىن (قارىسىغا) جاڭجاللىشىدىغانلار ئاللاھ نىڭ دەرگاھىدا ۋە مۆمىنلەرنىڭ نەزىرىدە قاتتىق نەپرەتكە قالىدۇ، بۇزغۇنچىلىق قىلىپ (ئىماندىن باش تارتقان)، (بەندىلەرگە) زومىگەرلىك قىلغان ھەر قانداق ئادەمنىڭ دىلىنى ئاللاھ مۇشۇنداق پېچەتلىۋېتىدۇ
40:56
إِنَّ الَّذِينَ يُجَادِلُونَ فِي آيَاتِ اللَّهِ بِغَيْرِ سُلْطَانٍ أَتَاهُمْ ۙ إِن فِي صُدُورِهِمْ إِلَّا كِبْرٌ مَّا هُم بِبَالِغِيهِ ۚ فَاسْتَعِذْ بِاللَّهِ ۖ إِنَّهُ هُوَ السَّمِيعُ الْبَصِيرُ
شۈبھىسىزكى، ئاللاھ نىڭ ئايەتلىرى ئۈستىدە ئۆزلىرىگە (ئاللاھ تەرىپىدىن) كەلگەن ھېچقانداق دەلىل بولماستىن (قارىسىغا) جاڭجاللىشىدىغانلارنىڭ كۆكرەكلىرىدە پەقەت كىبرى بار، ئۇلار (ئاللاھ نىڭ نۇرىنى ئۆچۈرۈشتىن ئىبارەت) مەقسىتىگە يېتەلمەيدۇ، ئاللاھ قا سېغىنىپ (ئۇلارنىڭ شەررىدىن پاناھ تىلىگىن)، ھەقىقەتەن ئاللاھ ھەممىنى ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، ھەممىنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر
41:40
إِنَّ الَّذِينَ يُلْحِدُونَ فِي آيَاتِنَا لَا يَخْفَوْنَ عَلَيْنَا ۗ أَفَمَن يُلْقَىٰ فِي النَّارِ خَيْرٌ أَم مَّن يَأْتِي آمِنًا يَوْمَ الْقِيَامَةِ ۚ اعْمَلُوا مَا شِئْتُمْ ۖ إِنَّهُ بِمَا تَعْمَلُونَ بَصِيرٌ
شۈبھىسىزكى، بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزنى بۇرمىلاپ چۈشەندۈرىدىغانلار بىزگە مەخپىي قالمايدۇ، قىيامەت كۈنى دوزاخقا تاشلىنىدىغان ئادەم ياخشىمۇ؟ ياكى قىيامەت كۈنى (ئاللاھ نىڭ ئازابىدىن) ئەمىن بولغان ھالدا كېلىدىغان ئادەم ياخشىمۇ؟ خالىغىنىڭلارنى قىلىڭلار، شۈبھىسىزكى، ئاللاھ قىلمىشىڭلارنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر
62:5
مَثَلُ الَّذِينَ حُمِّلُوا التَّوْرَاةَ ثُمَّ لَمْ يَحْمِلُوهَا كَمَثَلِ الْحِمَارِ يَحْمِلُ أَسْفَارًا ۚ بِئْسَ مَثَلُ الْقَوْمِ الَّذِينَ كَذَّبُوا بِآيَاتِ اللَّهِ ۚ وَاللَّهُ لَا يَهْدِي الْقَوْمَ الظَّالِمِينَ
تەۋراتنى كۆتۈرۈشكە (يەنى ئەمەل قىلىشقا) تەكلىپ قىلىنغان، ئاندىن ئۇنى كۆتۈرمىگەنلەر (يەنى تەۋرات بېرىلگەن ۋە ئۇنىڭغا ئەمەل قىلىشقا تەكلىپ بولسىمۇ، ئۇنىڭغا ئەمەل قىلمىغان ۋە ھىدايەتتىن پايدىلانمىغان يەھۇدىيلار) خۇددى كىتاب يۈكلەنگەن ئېشەككە ئوخشايدۇ (يەنى پايدىلىق چوڭ - چوڭ كىتابلارنى ئۈستىگە ئارتىۋالغان، چارچاشتىن باشقا، ئۇلاردىن ھېچقانداق پايدىلىنالمايدىغان ئېشەككە ئوخشايدۇ)، ئاللاھ نىڭ ئايەتلىرىنى ئىنكار قىلغان قەۋمنىڭ مىسالى نېمىدېگەن يامان! ئاللاھ زالىم قەۋمنى ھىدايەت قىلمايدۇ