29:59
الَّذِينَ صَبَرُوا وَعَلَىٰ رَبِّهِمْ يَتَوَكَّلُونَ
ئۇلار (ھىجرەت قىلىشنىڭ جاپا - مۇشەققەتلىرىگە، ئاللاھ نىڭ يولىدا يەتكەن ئەزىيەتلەرگە) سەۋر قىلىدۇ، (ھەممە ئىشلىرىدا) پەرۋەردىگارىغا يۆلىنىدۇ
33:3
وَتَوَكَّلْ عَلَى اللَّهِ ۚ وَكَفَىٰ بِاللَّهِ وَكِيلًا
(ھەممە ئىشىڭدا) ئاللاھ قا يۆلەنگىن، ئاللاھ (ساڭا) ھامىي بولۇشقا يېتەرلىكتۇر
33:48
وَلَا تُطِعِ الْكَافِرِينَ وَالْمُنَافِقِينَ وَدَعْ أَذَاهُمْ وَتَوَكَّلْ عَلَى اللَّهِ ۚ وَكَفَىٰ بِاللَّهِ وَكِيلًا
كاپىرلارغا ۋە مۇناپىقلارغا ئىتائەت قىلمىغىن، ئۇلارنىڭ (ساڭا قىلغان) ئازار - كۈلپەتلىرىگە پەرۋا قىلمىغىن (ئاللاھ قا تەۋەككۈل قىلغىن)، ئاللاھ (ئۇنىڭغا) تەۋەككۈل قىلغانلارغا يېتەرلىكتۇر
39:36
أَلَيْسَ اللَّهُ بِكَافٍ عَبْدَهُ ۖ وَيُخَوِّفُونَكَ بِالَّذِينَ مِن دُونِهِ ۚ وَمَن يُضْلِلِ اللَّهُ فَمَا لَهُ مِنْ هَادٍ
ئاللاھ بەندىسىگە (يەنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى قوغداشقا ۋە ئۇنىڭغا ياردەم بېرىشكە) يېتەرلىك ئەمەسمۇ؟ ئۇلار سېنى ئاللاھ تىن باشقا مەبۇدلار بىلەن قورقىتىدۇ، ئاللاھ گۇمراھ قىلغان ئادەمنى ھېچ ھىدايەت قىلغۇچى بولمايدۇ
42:36
فَمَا أُوتِيتُم مِّن شَيْءٍ فَمَتَاعُ الْحَيَاةِ الدُّنْيَا ۖ وَمَا عِندَ اللَّهِ خَيْرٌ وَأَبْقَىٰ لِلَّذِينَ آمَنُوا وَعَلَىٰ رَبِّهِمْ يَتَوَكَّلُونَ
(دۇنيانىڭ نېمەتلىرىدىن) سىلەرگە بېرىلگەن ھەر قانداق نەرسە دۇنيا تىرىكچىلىكىدە پايدىلىنىدىغان نەرسىلەردۇر، ئىمان ئېيتقان، پەرۋەردىگارىغا تەۋەككۈل قىلىدىغان كىشىلەرگە، گۇناھى كەبرىلەردىن، قەبىھ ئىشلاردىن ساقلانغۇچىلارغا، دەرغەزەپ بولغانلىرىدا كەچۈرەلەيدىغانلارغا، پەرۋەردىگارىنىڭ دەۋىتىگە ئاۋاز قوشالايدىغانلارغا، نامازنى (تەئدىل ئەركان بىلەن) ئۆتەيدىغانلارغا، ئىشلىرىنى مەسلىھەت بىلەن قارار قىلىدىغانلارغا، بىز رىزىق قىلىپ بەرگەن نەرسىلەردىن سەدىقە قىلىدىغانلارغا، ئۇچرىغان زۇلۇمغا قارشى تۇرالايدىغانلارغا ئاللاھ نىڭ ھۇزۇرىدىكى ساۋاب تېخىمۇ ياخشىدۇر، تېخىمۇ باقىدۇر
60:4
قَدْ كَانَتْ لَكُمْ أُسْوَةٌ حَسَنَةٌ فِي إِبْرَاهِيمَ وَالَّذِينَ مَعَهُ إِذْ قَالُوا لِقَوْمِهِمْ إِنَّا بُرَآءُ مِنكُمْ وَمِمَّا تَعْبُدُونَ مِن دُونِ اللَّهِ كَفَرْنَا بِكُمْ وَبَدَا بَيْنَنَا وَبَيْنَكُمُ الْعَدَاوَةُ وَالْبَغْضَاءُ أَبَدًا حَتَّىٰ تُؤْمِنُوا بِاللَّهِ وَحْدَهُ إِلَّا قَوْلَ إِبْرَاهِيمَ لِأَبِيهِ لَأَسْتَغْفِرَنَّ لَكَ وَمَا أَمْلِكُ لَكَ مِنَ اللَّهِ مِن شَيْءٍ ۖ رَّبَّنَا عَلَيْكَ تَوَكَّلْنَا وَإِلَيْكَ أَنَبْنَا وَإِلَيْكَ الْمَصِيرُ
ئىبراھىم ۋە ئۇنىڭ بىللە بولغان (مۆمىنلەر) سىلەرگە ھەقىقەتەن ئوبدان نەمۇنىدۇر، ئۆز ۋاقتىدا ئۇلار قەۋمىگە: «ھەقىقەتەن بىز سىلەردىن ۋە سىلەر ئاللاھ نى قويۇپ ئىبادەت قىلىۋاتقان بۇتلىرىڭلاردىن ئادا - جۇدامىز، بىزنىڭ ئارىمىزدىكى ئاداۋەت ۋە ئۆچمەنلىك تاكى سىلەر يالغۇز بىر ئاللاھ قا ئىمان ئېيتقىنىڭلارغا قەدەر ئەبەدىي ساقلىنىپ قالىدۇ» دېدى. پەقەت ئىبراھىمنىڭ ئاتىسىغا ئېيتقان «ئەلۋەتتە ساڭا مەغپىرەت تىلەيمەن، ئاللاھ نىڭ ئازابىدىن ھېچ نەرسىنى سەندىن دەپئى قىلالمايمەن» دېگەن سۆزىنى سىلەرنىڭ نەمۇنە قىلىشىڭلارغا بولمايدۇ. (ئىبراھىم ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىللە بولغان مۆمىنلەر ئېيتتى) «پەرۋەردىگارىمىز ساڭا تەۋەككۈل قىلدۇق، ساڭا قايتتۇق، ئاخىر قايتىدىغان جاي سېنىڭ دەرگاھىڭدۇر
65:3
وَيَرْزُقْهُ مِنْ حَيْثُ لَا يَحْتَسِبُ ۚ وَمَن يَتَوَكَّلْ عَلَى اللَّهِ فَهُوَ حَسْبُهُ ۚ إِنَّ اللَّهَ بَالِغُ أَمْرِهِ ۚ قَدْ جَعَلَ اللَّهُ لِكُلِّ شَيْءٍ قَدْرًا
ئاللاھ ئۇنىڭغا ئويلىمىغان يەردىن رىزىق بېرىدۇ، كىمكى ئاللاھ قا تەۋەككۈل قىلسا، ئاللاھ ئۇنىڭغا كۇپايە قىلىدۇ، ئاللاھ ھەقىقەتەن مەقسىتىگە يېتەلەيدۇ، ئاللاھ ھەقىقەتەن ھەر بىر نەرسە ئۈچۈن مۇئەييەن مىقدار، مۇئەييەن ۋاقىت بەلگىلىدى
67:29
قُلْ هُوَ الرَّحْمَٰنُ آمَنَّا بِهِ وَعَلَيْهِ تَوَكَّلْنَا ۖ فَسَتَعْلَمُونَ مَنْ هُوَ فِي ضَلَالٍ مُّبِينٍ
ئېيتقىنكى، «ئۇ ناھايىتى مېھرىبان ئاللاھ دۇر، ئۇنىڭغا ئىمان ئېيتتۇق ۋە ئۇنىڭغا تەۋەككۈل قىلدۇق، سىلەر كىمنىڭ روشەن گۇمراھلىقتا ئىكەنلىكىنى كەلگۈسىدە بىلىسىلەر»