33:17
قُلْ مَن ذَا الَّذِي يَعْصِمُكُم مِّنَ اللَّهِ إِنْ أَرَادَ بِكُمْ سُوءًا أَوْ أَرَادَ بِكُمْ رَحْمَةً ۚ وَلَا يَجِدُونَ لَهُم مِّن دُونِ اللَّهِ وَلِيًّا وَلَا نَصِيرًا
ئېيتقىنكى: «ئەگەر ئاللاھ سىلەرگە بىرەر يامانلىقنى ئىرادە قىلسا، كىم ئاللاھ قا قارشى تۇرۇپ سىلەرنى قوغدىيالايدۇ، ئەگەر ئاللاھ سىلەرگە رەھمەت قىلىشنى ئىرادە قىلسا (كىم ئۇنىڭغا ئارىلىشالايدۇ؟)» ئۇلار ئۆزلىرى ئۈچۈن ئاللاھ تىن باشقا ھېچ ئىگە ۋە ھېچ ياردەمچى تاپالمايدۇ
36:82
إِنَّمَا أَمْرُهُ إِذَا أَرَادَ شَيْئًا أَن يَقُولَ لَهُ كُن فَيَكُونُ
ئاللاھ بىرەر شەيئىنى (يارىتىشنى) ئىرادە قىلسا، ئۇنىڭغا «ۋۇجۇتقا كەل» دەيدۇ - دە، ئۇ ۋۇجۇتقا كېلىدۇ
48:11
سَيَقُولُ لَكَ الْمُخَلَّفُونَ مِنَ الْأَعْرَابِ شَغَلَتْنَا أَمْوَالُنَا وَأَهْلُونَا فَاسْتَغْفِرْ لَنَا ۚ يَقُولُونَ بِأَلْسِنَتِهِم مَّا لَيْسَ فِي قُلُوبِهِمْ ۚ قُلْ فَمَن يَمْلِكُ لَكُم مِّنَ اللَّهِ شَيْئًا إِنْ أَرَادَ بِكُمْ ضَرًّا أَوْ أَرَادَ بِكُمْ نَفْعًا ۚ بَلْ كَانَ اللَّهُ بِمَا تَعْمَلُونَ خَبِيرًا
(ھۇدەيبىيىگە چىقماي) قېلىپ قالغان (مۇناپىق) ئەئرابىلار ساڭا: «بىز ماللىرىمىز، بالا - چاقىلىرىمىز بىلەن بولۇپ قېلىپ (سەن بىلەن چىقالمىدۇق)، بىز ئۈچۈن مەغپىرەت تەلەپ قىلغىن» دەيدۇ، ئۇلارنىڭ تىلى بىلەن ئېيتقىنى دىلىدىكى سۆز ئەمەس (يەنى ئۇلار يالغان ئۆزرە ئېيتىدۇ). ئېيتقىنكى، «ئەگەر ئاللاھ سىلەرگە بىرەر زىياننى ياكى پايدىنى ئىرادە قىلسا، كىم سىلەر ئۈچۈن ئاللاھ نىڭ ئالدىدا بىرەر نەرسىگە دال بولالايدۇ؟ (يەنى كىم سىلەردىن ئاللاھ نىڭ خاھىشى ۋە قازاسىنى توسىيالايدۇ؟) ئۇنداق ئەمەس (يەنى ئىش سىلەر ئويلىغاندەك ئەمەس)، ئاللاھ سىلەرنىڭ قىلمىشىڭلاردىن تولۇق خەۋەرداردۇر
54:50
وَمَا أَمْرُنَا إِلَّا وَاحِدَةٌ كَلَمْحٍ بِالْبَصَرِ
(بىرەر شەيئىنى ياراتماقچى بولساق) بىزنىڭ ئەمرىمىز پەقەت بىر سۆزدۇر، (ئۇ) كۆزنى يۇمۇپ ئاچقاننىڭ ئارىلىقىدا (ئورۇنلىنىدۇ)