46:24
فَلَمَّا رَأَوْهُ عَارِضًا مُّسْتَقْبِلَ أَوْدِيَتِهِمْ قَالُوا هَٰذَا عَارِضٌ مُّمْطِرُنَا ۚ بَلْ هُوَ مَا اسْتَعْجَلْتُم بِهِ ۖ رِيحٌ فِيهَا عَذَابٌ أَلِيمٌ
ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ۋادىسىغا سۈرۈلۈۋاتقان بۇلۇتنى كۆرۈپ: «مانا بۇ بىزگە يامغۇر ياغدۇرغۇچى بۇلۇتتۇر» دېيىشتى. (ھۇد ئېيتتى) «ئۇنداق ئەمەس، ئۇ سىلەر بالدۇرراق ئىشقا ئېشىشىنى تەلەپ قىلغان نەرسىدۇر، ئۇ بىر بوران بولۇپ، ئۇنىڭ ئىچىدە قاتتىق ئازاب بار
46:25
تُدَمِّرُ كُلَّ شَيْءٍ بِأَمْرِ رَبِّهَا فَأَصْبَحُوا لَا يُرَىٰ إِلَّا مَسَاكِنُهُمْ ۚ كَذَٰلِكَ نَجْزِي الْقَوْمَ الْمُجْرِمِينَ
ئۇ پەرۋردىگارىنىڭ بىر ئەمرى بىلەن ھەممە نەرسىنى ھالاك قىلىدۇ» (يەنى بوران كېلىپ ئۇلارنى ھالاك قىلدى)، شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ جايلىرىنىڭ (يەنى تۇرغان ماكانلىرىنىڭ ئىزىدىن) باشقا نەرسە كۆرۈنمەيدىغان بولۇپ قالدى، گۇناھكار قەۋمنى مۇشۇنداق جازالايمىز
46:26
وَلَقَدْ مَكَّنَّاهُمْ فِيمَا إِن مَّكَّنَّاكُمْ فِيهِ وَجَعَلْنَا لَهُمْ سَمْعًا وَأَبْصَارًا وَأَفْئِدَةً فَمَا أَغْنَىٰ عَنْهُمْ سَمْعُهُمْ وَلَا أَبْصَارُهُمْ وَلَا أَفْئِدَتُهُم مِّن شَيْءٍ إِذْ كَانُوا يَجْحَدُونَ بِآيَاتِ اللَّهِ وَحَاقَ بِهِم مَّا كَانُوا بِهِ يَسْتَهْزِئُونَ
بىز ئۇلارنى (يەنى ئاد قەۋمىنى) (پۇل - مال، كۈچ - قۇۋۋەت جەھەتتە) سىلەرنى قادىر قىلمىغان نەرسىلەرگە قادىر قىلدۇق. (ئۇلارنىڭ شۇ نېمەتلەرگە شۈكۈر قىلىپ، بۇ ئارقىلىق نېمەتلەرنى بەرگۈچى ئاللاھ نى تونۇشى ئۈچۈن) ئۇلارغا قۇلاق، كۆز، قەلبلەرنى بەردۇق، ئۇلار ئاللاھ نىڭ ئايەتلىرىنى ئىنكار قىلغانلىقلىرى ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ قۇلاقلىرى، كۆزلىرى، دىللىرى ئۇلاردىن (ئاللاھ نىڭ ئازابىدىن) ھېچ نەرسىنى دەپئى قىلمىدى، ئۇلار مەسخىرە قىلغان ئازاب ئۇلارغا نازىل بولدى
46:27
وَلَقَدْ أَهْلَكْنَا مَا حَوْلَكُم مِّنَ الْقُرَىٰ وَصَرَّفْنَا الْآيَاتِ لَعَلَّهُمْ يَرْجِعُونَ
(ئى مەككە ئاھالىسى!) بىز ھەقىقەتەن سىلەرنىڭ ئەتراپىڭلاردىكى شەھەرلەرنى ھالاك قىلدۇق، ئۇلارنى (كۇفرىدىن) يانسۇن دەپ ئايەتلەرنى تەكرار بايان قىلدۇق
46:28
فَلَوْلَا نَصَرَهُمُ الَّذِينَ اتَّخَذُوا مِن دُونِ اللَّهِ قُرْبَانًا آلِهَةً ۖ بَلْ ضَلُّوا عَنْهُمْ ۚ وَذَٰلِكَ إِفْكُهُمْ وَمَا كَانُوا يَفْتَرُونَ
(ئۇلارغا ئازاب كەلگەندە) ئۇلارنىڭ خۇداغا يېقىن قىلىدۇ دەپ ئاللاھ تىن باشقا تۇتقان مەبۇدلىرى ئۇلارغا نېمىشقا ياردەم قىلمىدى؟ بەلكى ئۇلارنىڭ مەبۇدلىرى غايىب بولدى، بۇ (يەنى بۇتلار بىزنى خۇداغا يېقىن قىلىدۇ دېگەن سۆزى) ئۇلارنىڭ ئويدۇرمىسىدۇر ۋە (ئاللاھ قا) چاپلىغان بوھتانلىرىدۇر