قۇرئاننى چۈشەندۈرۈش ئىزاھلاش توغرىسىدا
أَفَغَيْرَ اللَّهِ أَبْتَغِي حَكَمًا وَهُوَ الَّذِي أَنزَلَ إِلَيْكُمُ الْكِتَابَ مُفَصَّلًا ۚ وَالَّذِينَ آتَيْنَاهُمُ الْكِتَابَ يَعْلَمُونَ أَنَّهُ مُنَزَّلٌ مِّن رَّبِّكَ بِالْحَقِّ ۖ فَلَا تَكُونَنَّ مِنَ الْمُمْتَرِينَ
(ئى مۇھەممەد! ئۇلارغا) ئېيتقىنكى، «ئاللاھ سىلەرگە روشەن كىتاب نازىل قىلغان تۇرسا، (ئارىمىزدىكى ئىختىلاپنى ھەل قىلىش ئۈچۈن) ئاللاھتىن غەيرىي ھۆكۈم قىلغۇچىنى تەلەپ قىلامدىم؟» بىز كىتاب ئاتا قىلغانلار (يەنى يەھۇدىيلار ۋە ناسارالارنىڭ ئۆلىمالىرى) ئۇنىڭ (يەنى قۇرئاننىڭ) پەرۋەردىگارىڭ تەرىپىدىن نازىل قىلىنغان ھەق كىتاب ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ، سەن ھەرگىزمۇ شەك قىلغۇچىلاردىن بولمىغىن[114].
وَلَقَدْ جِئْنَاهُم بِكِتَابٍ فَصَّلْنَاهُ عَلَىٰ عِلْمٍ هُدًى وَرَحْمَةً لِّقَوْمٍ يُؤْمِنُونَ
ئۇلارغا كىتاب (يەنى قۇرئان) بەردۇق، ئۇنى (يەنى قۇرئاننىڭ مەنىلىرىنى) بىلىش ئاساسىدا بايان قىلدۇق، ئۇنى ئىمان ئېيتقان قەۋمگە ھىدايەت قىلدۇق[52].
وَمَا كَانَ هَٰذَا الْقُرْآنُ أَن يُفْتَرَىٰ مِن دُونِ اللَّهِ وَلَٰكِن تَصْدِيقَ الَّذِي بَيْنَ يَدَيْهِ وَتَفْصِيلَ الْكِتَابِ لَا رَيْبَ فِيهِ مِن رَّبِّ الْعَالَمِينَ
بۇ قۇرئاننىڭ ئاللاھتىن باشقىسى تەرىپىدىن ۋۇجۇدقا چىقىرىلىشى ئەقىلغە سىغمايدۇ (چۈنكى قۇرئاننى ھېچ ئىنسان ئىجاد قىلالمايدۇ). قۇرئان ئىلگىرى كەلگەن (تەۋرات، ئىنجىل قاتارلىق ساماۋى) كىتابلارنى تەستىق قىلغۇچىدۇر، ئاللاھ بەلگىلىگەن ئەھكاملارنى بايان قىلغۇچىدۇر، ئۇنىڭدا ھېچ شەك يوقتۇر، (ئۇ) ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى تەرىپىدىن نازىل قىلىنغاندۇر[37].
بِسْمِ اللَّهِ الرَّحْمَٰنِ الرَّحِيمِ الر ۚ كِتَابٌ أُحْكِمَتْ آيَاتُهُ ثُمَّ فُصِّلَتْ مِن لَّدُنْ حَكِيمٍ خَبِيرٍ
ئەلىف، لام، را. بۇ، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچى، ھەممىدىن خەۋەردار ئاللاھ تەرىپىدىن نازىل بولغان، ئايەتلەرنىڭ تۈزۈلۈشى پۇختا، (ئەقىدە، ئەھكام، ۋەز ۋە قىسسەلەر) تەپسىلىي بايان قىلىنغان كىتابتۇر[1].
لَقَدْ كَانَ فِي قَصَصِهِمْ عِبْرَةٌ لِّأُولِي الْأَلْبَابِ ۗ مَا كَانَ حَدِيثًا يُفْتَرَىٰ وَلَٰكِن تَصْدِيقَ الَّذِي بَيْنَ يَدَيْهِ وَتَفْصِيلَ كُلِّ شَيْءٍ وَهُدًى وَرَحْمَةً لِّقَوْمٍ يُؤْمِنُونَ
ئۇلارنىڭ قىسسەسىدىن ئەقىل ئىگىلىرى ئەلۋەتتە ئىبرەت ئالىدۇ. (قۇرئان) يالغاندىن توقۇلغان سۆز ئەمەس، لېكىن، ئۇ ئۆزىدىن ئىلگىرى نازىل بولغان (ساماۋى) كىتابلارنى تەستىق قىلغۇچىدۇر، ھەممە نەرسىنى ئىنچىكە بايان قىلغۇچىدۇر، ئىمان ئېيتىدىغان قەۋم ئۈچۈن ھىدايەتتۇر ۋە رەھمەتتۇر[111].
كِتَابٌ فُصِّلَتْ آيَاتُهُ قُرْآنًا عَرَبِيًّا لِّقَوْمٍ يَعْلَمُونَ
ئايەتلىرى ئوچۇق بايان قىلىنغان كىتابتۇر، بىلىدىغان قەۋم ئۈچۈن نازىل بولغان ئەرەبچە قۇرئاندۇر[3].
وَلَوْ جَعَلْنَاهُ قُرْآنًا أَعْجَمِيًّا لَّقَالُوا لَوْلَا فُصِّلَتْ آيَاتُهُ ۖ أَأَعْجَمِيٌّ وَعَرَبِيٌّ ۗ قُلْ هُوَ لِلَّذِينَ آمَنُوا هُدًى وَشِفَاءٌ ۖ وَالَّذِينَ لَا يُؤْمِنُونَ فِي آذَانِهِمْ وَقْرٌ وَهُوَ عَلَيْهِمْ عَمًى ۚ أُولَٰئِكَ يُنَادَوْنَ مِن مَّكَانٍ بَعِيدٍ
مۇبادا بىز ئۇنى ئەجەم تىلىدىكى قۇرئان قىلىپ نازىل قىلغان بولساق، ئۇلار ئەلۋەتتە: «نېمىشقا ئۇنىڭ ئايەتلىرى (بىز چۈشىنىدىغان تىلدا) روشەن بايان قىلىنمىدى؟ پەيغەمبەر ئەرەب، كىتاب ئەجەمچىمۇ؟» دەيتتى. ئۇ ئىمان كەلتۈرگەنلەرگە ھىدايەتتۇر ۋە (دىللاردىكى شەك ـ شۈبھىگە) شىپادۇر، ئىمان ئېيتمايدىغانلارنىڭ قۇلاقلىرى (قۇرئاننى ئاڭلاشتىن) ئېغىردۇر (يەنى قۇرئاننىڭ دەۋىتىگە قۇلاق سالمىغانلارنىڭ ۋە ئۇنىڭدىن يۈز ئۆرۈگەنلەرنىڭ گويا قۇلاقلىرى ئېغىردۇر)، قۇرئان ئۇلارنىڭ (دىللىرىغا) كورلۇقتۇر (يەنى ئۇلار ھىدايەت نۇرىنى كۆرمەيدۇ)، ئەنە شۇلار يىراقتىن نىدا قىلىنغۇچىلاردۇر (يەنى ئۇلار ھەقنى قوبۇل قىلماسلىقتا ئىمانغا يىراقتىن چاقىرىلغان، مۇساپىنىڭ يىراقلىقىدىن چاقىرىقنى ئاڭلىمىغان كىشىلەرگە ئوخشايدۇ)[44].