«قۇرئان كەرىم» بولسا مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ سۆزى دەپ بوھتان چاپلىغۇچىلارغا بېرىلگەن رەددىيە توغرىسىدا
أَمْ يَقُولُونَ تَقَوَّلَهُ ۚ بَل لَّا يُؤْمِنُونَ
ياكى ئۇلار: «(مۇھەممەد قۇرئاننى) ئۆزى توقۇدى» دېيىشەمدۇ؟ ئۇنداق ئەمەس، ئۇلار (قۇرئانغا) ئىشەنمەيدۇ[33].
فَلْيَأْتُوا بِحَدِيثٍ مِّثْلِهِ إِن كَانُوا صَادِقِينَ
ئەگەر (مۇھەممەد ئۇنى توقۇدى دېگەن سۆزۈڭلاردا) راستچىل بولساڭلار، (تۈزۈلۈشتە، گۈزەللىكتە، باياندا) قۇرئانغا ئوخشايدىغان بىر سۆزنى كەلتۈرۈپ بېقىڭلار[34].
وَلَوْ تَقَوَّلَ عَلَيْنَا بَعْضَ الْأَقَاوِيلِ
ئەگەر ئۇ بىزنىڭ نامىمىزدىن يالغاننى توقۇيدىغان بولسا[44]،
لَأَخَذْنَا مِنْهُ بِالْيَمِينِ
ئەلۋەتتە ئۇنى قۇدرىتىمىز بىلەن جازالايتتۇق[45].
ثُمَّ لَقَطَعْنَا مِنْهُ الْوَتِينَ
ئاندىن ئۇنىڭ ئاساسى قىزىل تومۇرىنى كېسىپ تاشلايتتۇق[46].
فَمَا مِنكُم مِّنْ أَحَدٍ عَنْهُ حَاجِزِينَ
سىلەردىن ھېچبىر ئادەم ئۇنى قوغداپ قالالمايتتى[47].