غەيرى مۇسۇلماننىڭ قىز - ئوغۇللىرى بىلەن توي قىلىشىش چەكلەنگەن
وَلَا تَنكِحُوا الْمُشْرِكَاتِ حَتَّىٰ يُؤْمِنَّ ۚ وَلَأَمَةٌ مُّؤْمِنَةٌ خَيْرٌ مِّن مُّشْرِكَةٍ وَلَوْ أَعْجَبَتْكُمْ ۗ وَلَا تُنكِحُوا الْمُشْرِكِينَ حَتَّىٰ يُؤْمِنُوا ۚ وَلَعَبْدٌ مُّؤْمِنٌ خَيْرٌ مِّن مُّشْرِكٍ وَلَوْ أَعْجَبَكُمْ ۗ أُولَٰئِكَ يَدْعُونَ إِلَى النَّارِ ۖ وَاللَّهُ يَدْعُو إِلَى الْجَنَّةِ وَالْمَغْفِرَةِ بِإِذْنِهِ ۖ وَيُبَيِّنُ آيَاتِهِ لِلنَّاسِ لَعَلَّهُمْ يَتَذَكَّرُونَ
(ئى مۇسۇلمانلار!) مۇشرىك ئاياللار ئىمان ئېيتمىغىچە ئۇلارنى نىكاھىڭلارغا ئالماڭلار. (ھۆر) مۇشرىك ئايال (ھۆسن ـ جامالى ۋە مېلى بىلەن) سىلەرنى مەپتۇن قىلغان تەقدىردىمۇ، مۆمىن دېدەك، ئەلۋەتتە ئۇنىڭدىن ئارتۇقتۇر. مۇشرىك ئەرلەر ئىمان ئېيتمىغىچە مۆمىن ئاياللارنى ئۇلارغا ياتلىق قىلماڭلار، (ھۆر) مۇشرىك ئەر سىلەرنى مەپتۇن قىلغان تەقدىردىمۇ مۆمىن قۇل، ئەلۋەتتە ئۇنىڭدىن ئارتۇقتۇر. ئەنە شۇلار (يەنى مۇشرىك ئەر ۋە ئاياللار سىلەرنى) دوزاخقا چاقىرىدۇ، ئاللاھ ئۆز ئىرادىسى بويىچە (سىلەرنى) جەننەتكە، مەغپىرەتكە چاقىرىدۇ، كىشىلەر پەند ـ نەسىھەت ئالسۇن دەپ ئاللاھ ئۇلارغا ئۆز ئايەتلىرىنى بايان قىلىدۇ[221].