سافا- مەرۋىدە تۇرغاندا ئوقۇلىدىغان دۇئا
﴿إِنَّ الصَّفَا والْمَرْوَةَ مِنْ شَعَائِرِ اللَّهِ» لاَ إِلَهَ إِلاَّ اللَّهُ وَحْدَهُ لاَ شَرِيكَ لَهُ، لَهُ الْمُلْكُ وَلَهُ الْحَمْدُ وَهُوَ عَلَى كُلِّ شَيْءٍ قَدِيرٌ، لاَ إِلَهَ إِلاَّ اللَّهُ وَحْدَهُ أَنْجَزَ وَعْدَهُ، وَنَصَرَ عَبْدَهُ وَهَزَمَ الأَحْزَابَ وَحْدَهُ﴾
پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام سافاغا يېقىنلاشقاندا: «سافا بىلەن مەرۋە ھەقىقەتەن ئاللاھنىڭ دىنىنىڭ ئالامەتلىرىدىندۇر» [سۈرە بەقەرە 258-ئايەت] دېگەن ئايەتنى ئوقۇپ، ئاندىن: ئاللاھ باشلىغىنىدىن باشلايمەن، دەپ سافانىڭ ئۈستىگە بەيتۇللاھ كۆرۈنگىدەك ھالەتتە چىقىپ، قىبلىگە ئالدىنى قىلىپ تۇرۇپ، ئاللاھنى يەككە- يېگانىلىقىنى تىلغا ئىلىپ، تەكبىر ئېيتىدۇ، ئاندىن: «ئاللاھتىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر، ئۇ يەككە - يېگانىدۇر، ئۇنىڭ شېرىكى يوقتۇر، سەلتەنەت ۋە جىمى ھەمدۇ-سانا ئۇنىڭغا خاستۇر، ئۇ ھەر نەرسىگە قادىردۇر. ئاللاھتىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر، ئاللاھ ۋەدىسىنى ئەمەلگە ئاشۇردى، بەندىسى مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە ياردەم بەردى، ئىتتىپاقداش دۈشمەنلەرنى ئۆزى يالغۇز مەغلۇپ قىلدى» دەپ، ئاندىن دۇئا قىلغان ۋە بۇ تەسبىھنى ئۈچ قېتىم ئوقۇغان. مەزكۇر ھەدىسنىڭ ئاخىرىدا: «ئاندىن مەرۋىدىمۇ سافادا قىلغاندەك پائالىيەتلەرنى قىلغان،» دەپ بايان قىلىنغان. [مۇسلىم رىۋايىتى].