تائامدىن ئىلگىرى ئوقۇلىدىغان دۇئا
إِذَا أَكَلَ أَحَدُكُمْ طَعَاماً فَلْيَقُلْ: ﴿بِسْمِ اللَّهِ، فَإِنْ نَسِيَ فِي أَوَّلِهِ فَلْيَقُلْ بسمِ اللَّهِ فِي أَوَّلِهِ وَآخِرِهِ﴾
«سىلەرنىڭ بىرىڭلار تائام يېمەكچى بولسا بِسْمِ اللَّهِ "بىسمىللاھ" دېسۇن، ئەگەر باشتا ئۇنتۇپ قالغان بولسا ئېسىگە كەلگەندە: بِسْمِ اللَّهِ فِي أَوَّلِهِ وَآخِرِهِ "بىسمىللاھ فى ئەۋۋەلىھى ۋە ئاخىرىھى" دېسۇن.» [ئەبۇ داۋۇد ۋە تىرمىزى رىۋايىتى].
مَنْ أَطْعَمَهُ اللَّهُ الطَّعَامَ فَلْيَقُلْ: ﴿اللَّهُمَّ بَارِكْ لَنَا فِيهِ وَأَطْعِمْنَا خَيْراً مِنْهُ، وَمَنْ سَقَاهُ اللَّهُ لَبَناً فَلْيَقُلْ اللَّهُمَّ بَارِكْ لَنَا فِيهِ وَزِدْنَا مِنْهُ﴾
ئاللاھ تائام بەرگەن كىشى: «اللَّهُمَّ بَارِكْ لَنَا فِيهِ وَأَطْعِمْنَا خَيْرًا مِنْهُ» تەرجىمىسى: «ئى ئاللاھ! ئۇنىڭدا بىزگە بەرىكەت ئاتا قىلغىن، بىزگە ئۇنىڭدىنمۇ ياخشى تائام بەرگىن»، دېسۇن. ئاللاھ سۈت بىلەن سۇغارغان كىشى: «اللَّهُمَّ بَارِكْ لَنَا فِيهِ وَزِدْنَا مِنْهُ» تەرجىمىسى: «ئى ئاللاھ! ئۇنىڭدا بىزگە بەرىكەت ئاتا قىلغىن ۋە ئۇنىڭدىن بىزگە تېخىمۇ زىيادە قىلىپ بەرگىن»، دېسۇن. [تىرمىزى رىۋايىتى].