دۈشمەنلەرنىڭ ھۇجۇم قىلىشىدىن موداپىئەلىنىش نامىزى ۋە ئۇنىڭدىكى جامائەت نامىزىغا بولغان ئىشارەت
وَإِذَا كُنتَ فِيهِمْ فَأَقَمْتَ لَهُمُ الصَّلَاةَ فَلْتَقُمْ طَائِفَةٌ مِّنْهُم مَّعَكَ وَلْيَأْخُذُوا أَسْلِحَتَهُمْ فَإِذَا سَجَدُوا فَلْيَكُونُوا مِن وَرَائِكُمْ وَلْتَأْتِ طَائِفَةٌ أُخْرَىٰ لَمْ يُصَلُّوا فَلْيُصَلُّوا مَعَكَ وَلْيَأْخُذُوا حِذْرَهُمْ وَأَسْلِحَتَهُمْ ۗ وَدَّ الَّذِينَ كَفَرُوا لَوْ تَغْفُلُونَ عَنْ أَسْلِحَتِكُمْ وَأَمْتِعَتِكُمْ فَيَمِيلُونَ عَلَيْكُم مَّيْلَةً وَاحِدَةً ۚ وَلَا جُنَاحَ عَلَيْكُمْ إِن كَانَ بِكُمْ أَذًى مِّن مَّطَرٍ أَوْ كُنتُم مَّرْضَىٰ أَن تَضَعُوا أَسْلِحَتَكُمْ ۖ وَخُذُوا حِذْرَكُمْ ۗ إِنَّ اللَّهَ أَعَدَّ لِلْكَافِرِينَ عَذَابًا مُّهِينًا
(ئى مۇھەممەد!) سەن مۆمىنلەر بىلەن (جىھادتا) بىللە بولۇپ ئۇلارغا ناماز ئوقۇپ بەرمەكچى بولغىنىڭدا، ئۇلارنىڭ بىر پىرقىسى سەن بىلەن بىرلىكتە نامازغا تۇرسۇن، قوراللىرىنى (ئېھتىيات يۈزىسىدىن) يېنىدا تۇتسۇن، سەجدىگە بېرىپ بولغاندىن كېيىن ئۇلار ئارقاڭلارغا ئۆتۈپ تۇرسۇن (يەنى ناماز ئوقۇپ بولغان پىرقە ئارقاڭلاردا كۆزەتچىلىك قىلىپ تۇرسۇن، ئۇلارنىڭ ئورنىغا) ناماز ئوقۇمىغان ئىككىنچى بىر پىرقە كېلىپ سەن بىلەن بىرلىكتە (يەنى ئارقاڭدا) ناماز ئوقۇسۇن، (دۈشمەنلىرىدىن) ئېھتىياتچانلىق بىلەن ھوشيار تۇرسۇن. (دۈشمەنلىرى بىلەن ئۇرۇشۇشقا تەييار تۇرۇش يۈزىسىدىن) قوراللىرىنى يېنىدا تۇتسۇن، كاپىرلار سىلەرنىڭ قوراللىرىڭلاردىن، ئەشيالىرىڭلاردىن غەپلەتتە قېلىشىڭلارنى، شۇنىڭ بىلەن سىلەرگە بىردىنلا (تۇيۇقسىزدىن) ھۇجۇم قىلىشنى ئارزۇ قىلىدۇ (يەنى دۈشمەنلەرنىڭ سىلەرگە ھۇجۇم قىلىش پۇرسىتىگە ئىگە بولالماسلىقى ئۈچۈن، ھەممىڭلار بىرلا ۋاقىتتا يىغىلىپ ناماز ئوقۇماي، يۇقىرىقى ئۇسۇل بويىچە ئوقۇڭلار). ئەگەر سىلەرگە يامغۇر سەۋەبلىك ھەرەج بولىدىغان بولسا ياكى كېسەل بولساڭلار، (بۇ چاغدا) قوراللىرىڭلارنى قويۇپ قويساڭلار سىلەرگە ھېچ گۇناھ بولمايدۇ. ئېھتىياتچان ۋە ھوشيار بولۇڭلار، ئاللاھ ھەقىقەتەن كاپىرلار ئۈچۈن خورلىغۇچى ئازاب تەييارلىدى[102].