يىپەكچىلىك
وَاللَّهُ جَعَلَ لَكُم مِّن بُيُوتِكُمْ سَكَنًا وَجَعَلَ لَكُم مِّن جُلُودِ الْأَنْعَامِ بُيُوتًا تَسْتَخِفُّونَهَا يَوْمَ ظَعْنِكُمْ وَيَوْمَ إِقَامَتِكُمْ ۙ وَمِنْ أَصْوَافِهَا وَأَوْبَارِهَا وَأَشْعَارِهَا أَثَاثًا وَمَتَاعًا إِلَىٰ حِينٍ
ئاللاھ سىلەرگە ئۆيۈڭلارنى تۇرالغۇ جاي قىلىپ بەردى، سىلەرگە ھايۋانلارنىڭ تېرىلىرىدىن ئۆيلەرنى (چېدىرلەرنى) قىلىپ بەردى، سىلەر كۆچكەن كۈنۈڭلاردىمۇ، تۇرغان كۈنۈڭلاردىمۇ ئۇنىڭ يىنىكلىكىنى ھېس قىلىسىلەر، سىلەرگە قويلارنىڭ يۇڭلىرىدىن ، تۆگىلەرنىڭ يۇڭلىرىدىن، ئۆچكىلەرنىڭ يۇڭلىرىدىن ئۆي جاھازلىرىنى (يەنى سىلەر كىيىدىغان ۋە ئۆيۈڭلارنى سەرەمجانلاشتۇرىدىغان) ھەم مەلۇم مۇددەتكىچە (ئۆلۈم كەلگۈچە ياكى ئۇلار كونىراپ تۈگىگۈچە) پايدىلىنىدىغان نەرسىلەرنى قىلىپ بەردى[80].
وَلَا تَكُونُوا كَالَّتِي نَقَضَتْ غَزْلَهَا مِن بَعْدِ قُوَّةٍ أَنكَاثًا تَتَّخِذُونَ أَيْمَانَكُمْ دَخَلًا بَيْنَكُمْ أَن تَكُونَ أُمَّةٌ هِيَ أَرْبَىٰ مِنْ أُمَّةٍ ۚ إِنَّمَا يَبْلُوكُمُ اللَّهُ بِهِ ۚ وَلَيُبَيِّنَنَّ لَكُمْ يَوْمَ الْقِيَامَةِ مَا كُنتُمْ فِيهِ تَخْتَلِفُونَ
سىلەر پىششىق ئىگىرگەن يىپنى چۇۋۇپ پارچە ـ پارچە قىلىۋەتكەن خوتۇندەك بولماڭلار. بىر جامائە (سان ۋە مال ـ مۈلۈك جەھەتتە) يەنە بىر جامائەدىن كۆپ بولغانلىقى ئۈچۈن، قەسىمىڭلارنى ئالدامچىلىقنىڭ ۋاسىتىسى قىلىۋالىسىلەر (يەنى ئۆز ئارا ياردەملىشىش ئۈستىدە بىر جامائە بىلەن ئىتتىپاق تۈزۈشكەندىن كېيىن، سانى، پۇل ـ مېلى كۆپرەك يەنە بىر جامائەنى كۆرۈپلا ئىلگىرىكى جامائە بىلەن تۈزۈشكەن ئەھدىنى بۇزۇپ، كېيىنكى جامائە بىلەن ئەھدى تۈزىسىلەر)، ئاللاھ سىلەرنى ھەقىقەتەن بۇنىڭ (يەنى ۋەدىگە ۋاپا قىلىش ئەمرى) بىلەن سىنايدۇ، سىلەر دەتالاش قىلىشقان ھەق ـ ناھەقنى قىيامەت كۈنى سىلەرگە چوقۇم ئېنىق ئايرىپ بېرىدۇ.(ئىزاھات:بۇ، قەسەم ئىچىپ چىڭ ئەھدە قىلىشقاندىن كېيىن ئۆز ئەھدىنى بۇزغان ئادەمنىڭ مىسالىدۇر.)[92].