بىز ھەققىدە

قۇرئان كەرىم ھەققىدە

       بىسمىللاھىر رەھمانىر رەھىم

         مۆھتەرەم تورداشلار! اللە تەئالا «سۆزلەرنىڭ ئەڭ چىرايلىقى بولغان قۇرئاننى نازىل قىلدى»[1] ۋە «ئى ئىنسانلار! رەببىڭلار تەرىپىدىن سىلەرگە نازىل قىلىنغان قۇرئانغا ئەگىشىڭلار»[2] دەپ پۈتكۈل ئىنسانىيەتنى قۇرئان كەرىمگە ئەگىشىشكە بۇيرۇدى، شۇنداقلا «مانا بۇ قۇرئان، بىز نازىل قىلغان مۇبارەك كىتابتۇر. بۇنىڭغا ئەگىشىڭلار، بۇنىڭغا خىلاپلىق قىلىشتىن ساقلىنىڭلار، شۇنداق قىلساڭلار رەھمەتكە ئېرىشەلەيسىلەر»[3] دەپ رەھمەتكە ئېرىشىش ئۈچۈن قۇرئانغا بويسۇنۇشنىڭ شەرت ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى.

       تارىختىن بېرى بۇ شەرتنى ئورۇندىغانلار رەھمەتكە ئېرىشپ كەلدى. مەسىلەن: ئىسلامنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىدىكى مۇسۇلمانلار پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يېتەكچىلىكىدە قۇرئان كەرىمگە تولۇق ئەمەل قىلغانلىقى ئۈچۈن ئۆزلىرى ياسىۋالغان بۇتلارغا ۋە ئۆزلىرىگە ئوخشاش ئىنسانلارغا قۇل بولۇشتىن قۇتۇلۇپ، كىشىلىك ئىرادىسىنى مۇستەقىل ھالدا ئىشلىتەلەيدىغان، شۇنداقلا ئۆز ئىختىيارى بىلەن بىر اللەغىلا قۇللۇق قىلىدىغان سەۋىيەگە يەتتى (ھەر ھالدا ئىنسانلار ئازرۇ قىلىدىغان ئەركىنلىكنىڭ ئەڭ يۇقىرى پەللىسى بۇ بولسا كېرەك!).

       يەنە بىر تەرەپتىن بىر ئىسلام ئۈممىتى مەيدانغا كەلگەن بولۇپ، بۇ ئۈممەت ئەتراپتىكى رايونلاردا ياشاۋاتقان ئىنسانلارنىڭ يۇرتىغا ئادالەت، قەلبىگە تەۋھىد ئېلىپ كىرىش ئۈچۈن بار-يوقىنى ئاتىدى. نەتىجىدە نۇرغۇن ئىنسانلار مۇسۇلمان بولدى، كۆپلىگەن زېمىنلەر پەتىھ قىلىنىپ ئىسلام دىيارىغا ئايلاندى.

       ئەپسۇسكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ۋاپات بولۇپ بىر مۇددەت ئۆتكەندىن كېيىن مۇسۇلمانلار ئۆزئارا ئىختىلاپ قىلىشتى، پىرقىلەرگە بۆلۈندى، گۇرۇھلارغا ئايرىلدى، خىلمۇخىل مەزھەبلەر ئوتتۇرىغا چىقتى. ھەر مەزھەب ئەگەشكۈچىلىرى، قۇرئاننى ھاياتىغا تەتبىقلاش ۋە ئۇنى جاھالەت قاراڭغۇلۇقىدا ياشاۋاتقان ئىنسانلارغا يەتكۈزشتىن ئىبارەت ئۇلۇغۋار ۋەزىپىسىنى تاشلاپ قويۇپ، باشقا مەزھەب ئەگەشكۈچىلىرىنىڭ ئۈستىدىن «غەلىبە» قىلىشنىڭ يولىنى ئىزدەشكە باشلىدى، ھەتتا بۇنىڭ ئۈچۈن ھەر خىل رەزىل ۋاسىتىلەرنى ئىشلىتىشتىن تەپ تارتمىدى!

       نەتىجىدە، اللە تەئالا ئۆزىنىڭ «ئىززەت اللەغا، اللەنىڭ ئەلچىسىگە ۋە مۇئمىنلارغا مەنسۇب، لېكىن مۇناپىقلار بىلمەيدۇ»[4] دېگەن سۆزىدە مۇئمىنلارغىمۇ ۋەدە قىلغان ئىززەت، خورلۇق بىلەن ئورۇن ئالماشتۇردى. يېڭىدىن زېمىن پەتىھ قىلىنىشنىڭ ئورنىغا، بۇرۇن پەتىھ قىلىنىپ بولغان زېمىنلەر بىر-بىرلەپ قولدىن كەتتى. مۇسۇلمانلاردىن قورقىدىغان دۈشمەنلەر ئۇلارنى قورقۇتىدىغان ھالەتكە يەتتى. «ئۇلارغا ئاللاھ زۇلۇم قىلمىدى، لېكىن ئۇلار ئۆزلىرىگە ئۆزلىرى زۇلۇم قىلدى»[5]. چۈنكى اللە «ئەگەر مۇئمىن بولساڭلار، چوقۇم غالىب كېلىسىلەر»[6] دەپ غالىپ كېلىش ئۈچۈن مۇئمىنلىقنى شەرت قىلغان ئىدى.

       بارغانسېرى قۇرئان كەرىم بىلەن مۇسۇلمانلارنىڭ ئارىسىدىكى مۇساپە يىراقلىشىپ كەتتى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ۋاپاتىدىن ئىككى-ئۈچ ئەسىر كېيىن ئىنسانلار تەرىپىدىن يېزىلىشقا باشلىغان كىتابلار مۇسۇلمانلارنىڭ يولىنى بەلگىلەيدىغان «دەستۇر»غا ئايلىنىپ قالدى. مۇسۇلمانلار ئۇ كىتاپلاردا يېزىلغانلارنى بىر پۈتۈن ھالدا «چىڭ تۇتۇشقا تېگىشلىك پرىنسىپ» قىلىۋالدى. قۇرئان كەرىم بولسا تۇپراق بېشىدا، مېيت چىققان ئۆيلەردە ۋە نەزىر- چىراغ... لاردا لەۋزىلا ئوقۇلىدىغان بىر كىتاب بولۇپ قالدى.

       نۆۋەتتىكى ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ ئەھۋالىغا قارايدىغان بولساق، ئىش تېخىمۇ ئېچىنىشلىق. ئۇلارنىڭ ئارسىدا يۇقارقى سەلبىي تەرەپلەرنىڭ ھەممىسى مەۋجۇت بولغاننىڭ سىرتىدا يېڭى-يېڭى كۆز-قاراشلار ئوتتۇرغا چىققان بولۇپ، كەڭ مۇسۇلمان ئاممىسى ئازغۇنلۇق چۆللىرىدە تېڭىرقاپ يۈرمەكتە. ئەھۋال شۇ دەرىجىدە ئېغىركى، قۇرئان كەرىمنىڭ تەلىماتلىرىغا بويسۇنۇش ۋە ئۇلارنى ئىجرا قىلىشنى تەشەببۇس قىلىش، دىنسىزلىق ياكى يولدىن چىققانلىق ھېسابلىنىپ باشقا پىكىرلەرگە «چىڭ ئېسىلىۋېلىش» دىندارلىق ياكى تەقۋادارلىق دەپ قارالماقتا.

       قېرىنداشلار! يۇقارقى كېسەللىكلەردىن قۇتۇلۇپ، تەلەپكە لايىق مۇسۇلمان بۇلۇشنىڭ، شۇنداقلا دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە اللە تەئالانىڭ رەھمىتىگە ئېرىشىشنىڭ بىرلا يولى بار. ئۇ بولسىمۇ قۇرئانغا قايتىشتىن ئىبارەت. چۈنكى «بۇ قۇرئان ئەڭ توغرا يولغا باشلايدۇ»[7]، «ئۇ ھەقىقەتەن غالىب، ھېچبىر تەرىپىدىن باتىل ئارىلاشمىغان ۋە ئارىلاشمايدىغان بىر كىتابتۇر. ئۇ، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلىدىغان ۋە ھەر ئىشىنى ياخشى قىلىدىغان زات تەرىپىدىن نازىل قىلىنغان»[8]، «ئۇ، ناھايىتى كەسكىن بىر سۆزدۇر. ئۇ، ھەرگىزمۇ چاقچاق ئەمەستۇر»[9]، «ئۇ، ھەممە نەرسىنى ئىنچىكە بايان قىلغۇچىدۇر»[10]، «ئۇ ئىنسانلارغا يېتەكچىدۇر، توغرا يولغا باشلىغۇچى ۋە ھەق بىلەن ناھەقنى ئايرىغۇچى روشەن ئايەتلەردۇر»[11].

       بىز، دەۋرىمىزدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ ئىنتېرنېت بىلەن تونۇشقانلىرىنى بولسىمۇ قۇرئان كەرىم بىلەن ئۇچراشتۇرۇش، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ قۇرئان كەرىمگە قايتىشىغا ياردەمچى بولۇش ئۈچۈن بۇندىن 4-5 يىل بۇرۇن «قۇرئان كەرىم» تور بېكىتنى قۇرۇپ چىققان ئىدۇق.  جەرياندا قۇرئان كەرىم تور بېكىتى بىر نەچچە قېتىم يېڭىلاندى، بەزى ئىقتىدارلار قوشۇلدى. بۇ قېتىممۇ بۇ خىزمەتلىك تېخىمۇ ياخشى ئېلىپ بېرىلىشى، تور بەتنىڭ تېخىمۇ قوللىنىشچان بولۇشى، مۇسۇلمان قېرىنداشلىرىمىزنىڭ تېخىمۇ ئاسان پايدىلىنالىشى ئۈچۈن تور بېتىمىز يېڭىلىنىۋاتىدۇ. ئۇيغۇرچە بۆلۈمىدىكى كەمچىلىكلەر سەپلىنىپ بولغاندىن كېيىنكى ئارزۇيىمىز، بۇ خىزمەتنى خەنزۇچە، ئۆزبېكچە، قازاقچە، ئىنگىلىزچە... ۋە باشقا تىللاردىمۇ سۇنۇشتۇر.

مۇسۇلمانلار قېرىنداشلىرىمىزنىڭ قۇرئان كەرىمدىن پايدىلىنالىشىغا تۆھپە قوشۇشنى ئاساسى مەخسەت قىلغان قۇرئان كەرىم تورىنىڭ كەڭ تورداشلارنىڭ خىزمىتىگە سۇنۇلىشى، بىلمىگەنلەرنى خەۋەردار قىلىش، شۇنداقلا قۇرئان كەرىم خىزمىتىنى تېخىمۇ ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن سىز قۇرئان ئاشىقلىرى قېرىنداشلىرىمىزنىڭ يېقىندىن ماددى – مەنىۋى جەھەتتىن يېقىندىن ياردەمدە بولۇپ قىممەتلىك پىكىرلىرىنى بىزدىن ئايىماسلىقىنى ئۈمىد قىلىمىز.

قۇرئان كەرىم توربېكىتى 2006 يىلىدىن بويان ئىزچىل يىڭىلىنىپ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى ئۈچۈن خىزمەت قىلىۋاتىدۇ. قۇرئان كەرىم تورى يېڭى يۈزى ۋە يېڭى ئىقتىدارلىرى بىلەن ھۇزۇرىڭىزدا.

       تىرىشچانلىق بىزدىن، مۇۋەپپەقىيەت ئاللاھدىندۇر.

       ‏ ھۆرمەت بىلەن:

       «قۇرئان كەرىم» تور بېكىتى http://www.qurankerim.com

مىلادىيە: 2018-يىلى-9-ئاينىڭ 16-كۈنى

ھىجرىيە: 1440-يىلى مۇھەررەم ئېيىنىڭ 6-كۈنى

      

[1] - زۇمەر 39/23.

[2] - ئەئراف 7/3؛ زۇمەر 39/55.

[3] - ئەنئام 6/155.

[4] - مۇنافىقۇن 63/8.

[5] - ئال ئىمران 3/117.

[6] - ئال ئىمران 3/139.

[7] - ئىسرا 17/9.

[8] - فۇسسىلەت 41/41- ۋە 42- ئايەتلەر.

[9] - تارىق 86/13، 14

[10] - يۇسۇف 12/111.

[11] - بەقەرە 2/185.

Copyright (c) 2021. qurankerim.com