جىنازا نامىزىدا ئوقۇلىدىغان دۇئا
﴿اللَّهُمَّ اغْفِرْ لَهُ وَارْحَمْهُ، وَعَافِهِ، وَاعْفُ عَنْهُ وَأَكْرِمْ نُزُلَهُ، وَوَسِّعْ مُدْخَلَهُ، وَاغْسِلْهُ بِالْمَاءِ وَالثَّلْجِ وَالْبَرَدِ، وَنَقِّهِ مِنَ الْخَطَايَا كَمَا نَقَّيْتَ الثَّوْبَ الأَبْيَضَ مِنَ الدَّنَسِ، وَأَبْدِلْهُ دَارًا خَيْرًا مِنْ دَارِهِ وَأَهْلاً خَيْرًا مِنْ أَهْلِهِ وَزَوْجًا خَيْرًا مِنْ زَوْجِهِ، وَأَدْخِلْهُ الْجَنَّةَ، وَأَعِذْهُ مِنْ عَذَابِ الْقَبْرِ، وَعَذَابِ النَّارِ﴾
«ئى ئاللاھ! ئۇنىڭ ئۈچۈن مەغپىرەت قىلغىن، ئۇنىڭغا رەھىم قىلغىن، ئۇنى خاتىرجەم قىلغىن، ئەپۇ قىلغىن، ئۇنىڭ تۇرالغۇسىنى كۆركەم، كىرىش ئېغىزىنى كەڭ قىلغىن، ئۇنى سۇ، قار، مۆلدۈرلەر بىلەن يۇغىن، ئاق كىيىمنى كىردىن پاك قىلغاندەك ئۇنى خاتالىقلاردىن پاك قىلغىن، ئۇنىڭغا ئۆزىنىڭ قورۇ - جايىدىن ياخشىراق قورۇ - جاي، ئائىلىسىدىن ياخشىراق ئائىلە، خوتۇنىدىن ياخشىراق خوتۇن بەرگىن، ئۇنى جەننەتكە كىرگۈزگىن، ئۇنىڭغا قەبرە ئازابى ۋە دوزاخ ئازابىدىن پاناھلىق بەرگىن.» [مۇسلىم رىۋايىتى].
﴿اللَّهُمَّ اغْفِرْ لِحَيِّنَا وَمَيِّتِنَا وَشَاهِدِنَا وَغَائِبِنَا وَصَغِيرِنَا وَكَبِيرِنَا وَذَكَرِنَا وَأُنْثَانَا اللَّهُمَّ مَنْ أَحْيَيْتَهُ مِنَّا فَأَحْيِهِ عَلَى الإِسْلاَمِ وَمَنْ تَوَفَّيْتَهُ مِنَّا فَتَوَفَّهُ عَلَى الإِيمَانِ اللَّهُمَّ لاَ تَحْرِمْنَا أَجْرَهُ وَلاَ تُضِلَّنَا بَعْدَهُ﴾
«ئى ئاللاھ! ھاياتلىرىمىز ۋە ئۆلۈپ كەتكەنلىرىمىزنى، بۇ يەردە بارلىرىمىز ۋە يوقلىرىمىزنى، كىچىكلىرىمىز ۋە چوڭلىرىمىزنى، ئەرلىرىمىز ۋە ئاياللىرىمىزنى مەغپىرەت قىلغىن. ئى ئاللاھ! بىزدىن كىمگىكى ھاياتلىق بەرسەڭ ئىسلام ھاياتلىقىنى بەرگىن، كىمنىكى ۋاپات قىلدۇرساڭ ئىمان بىلەن ۋاپات قىلدۇرغىن. ئى ئاللاھ! بىزنى ئىماننىڭ ئەجرىدىن مەھرۇم قىلمىغىن، بىزنى ئىمانغا مۇۋەپپەق قىلغىنىڭدىن كېيىن بىزنى ئازدۇرمىغىن.» [ئەبۇ داۋۇد ۋە ئىبنى ماجە، ئەھمەد ۋە نەسائى، تىرمىزى رىۋايىتى].
﴿اللَّهُمَّ إِنَّ فُلاَنَ بْنَ فُلاَنٍ فِي ذِمَّتِكَ، وَحَبْلِ جِوَارِكَ، فَقِهِ مِنْ فِتْنَةِ الْقَبْرِ وَعَذَابِ النَّارِ، وَأَنْتَ أَهْلُ الْوَفَاءِ وَالْحَقِّ. فَاغْفِرْ لَهُ وَارْحَمْهُ إِنَّكَ أَنْتَ الْغَفُورُ الرَّحِيمُ﴾
«ئى ئاللاھ! پالانچىنىڭ ئوغلى پالانى سېنىڭ باش پاناھلىقىڭدىدۇر، سېنىڭ ھەمراھلىقىڭدىدۇر. ئۇنى قەبرە پىتنىسىدىن، دوزاخ ئازابىدىن ساقلىغىن. سەن ۋاپا ۋە ھەق ئەھلىدۇرسەن. ئۇنىڭ ئۈچۈن مەغپىرەت قىلغىن، ئۇنىڭغا رەھىم قىلغىن. سەن ھەقىقەتەن ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچى ۋە دائىمى مېھرىبانسەن.» [ئىبنى ماجە ۋە ئەبۇ داۋۇد رىۋايىتى].
﴿اللَّهُمَّ عَبْدُكَ وَابْنُ أَمَتِكَ أَحْتَاجَ إِلَى رَحْمَتِكَ وَأَنْتَ غَنِيٌّ عَنْ عَذَابِهِ إِنْ كَانَ مُحْسِنًا فَزِدْ فِي حَسَنَاتِهِ وَإِنْ كَانَ مُسِيْئًا فَتَجَاوَزْ عَنْهُ﴾
«ئى ئاللاھ! ئۇ سېنىڭ بەندەڭدۇر، سېنىڭ قۇلىڭنىڭ ئوغلىدۇر، ئۇ سېنىڭ رەھمىتىڭگە موھتاجدۇر، سەن ئۇنىڭغا ئازاپ قىلىشتىن بىھاجەتسەن. ئەگەر ئۇ ياخشى ئىش قىلغۇچى بولسا ئۇنىڭ ياخشىلىقىنى زىيادە قىلىپ بەرگىن، ئەگەر ئۇ خاتالاشقۇچى بولسا گۇناھىدىن ئۆتىۋەتكىن.» [ھاكىم رىۋايىتى].