بارلىق پەيغەمبەرلەرنىڭ تۈگەنچىسى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ پەيغەمبەرلىكى توغرىسىدا
وَمَا مُحَمَّدٌ إِلَّا رَسُولٌ قَدْ خَلَتْ مِن قَبْلِهِ الرُّسُلُ ۚ أَفَإِن مَّاتَ أَوْ قُتِلَ انقَلَبْتُمْ عَلَىٰ أَعْقَابِكُمْ ۚ وَمَن يَنقَلِبْ عَلَىٰ عَقِبَيْهِ فَلَن يَضُرَّ اللَّهَ شَيْئًا ۗ وَسَيَجْزِي اللَّهُ الشَّاكِرِينَ
مۇھەممەد پەقەت بىر پەيغەمبەردۇر، ئۇنىڭدىن بۇرۇن كۆپ پەيغەمبەرلەر ئۆتتى (ئۇلارنىڭ بەزىلىرى ئۆز ئەجىلى بىلەن ئۆلگەن، بەزىلىرى باشقىلار تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن)؛ ئۇ ۋاپات بولسا ياكى ئۆلتۈرۈلسە، ئارقاڭلارغا يېنىۋالامسىلەر؟ (يەنى ئىماندىن يېنىپ مۇرتەد بولامسىلەر؟) كىمكى ئارقىسىغا يېنىۋالىدىكەن (يەنى مۇرتەد بولىدىكەن)، ئۇ ئاللاھقا قىلچە زىيان يەتكۈزەلمەيدۇ. ئاللاھ شۈكۈر قىلغۇچىلارنى مۇكاپاتلايدۇ[144].
مَّا أَصَابَكَ مِنْ حَسَنَةٍ فَمِنَ اللَّهِ ۖ وَمَا أَصَابَكَ مِن سَيِّئَةٍ فَمِن نَّفْسِكَ ۚ وَأَرْسَلْنَاكَ لِلنَّاسِ رَسُولًا ۚ وَكَفَىٰ بِاللَّهِ شَهِيدًا
(ئى ئىنسان!) ساڭا يەتكەن ياخشىلىق (مەرھەمەت قىلىش يۈزىسىدىن) ئاللاھ تەرىپىدىندۇر، ساڭا يەتكەن يامانلىق (مۇ قىلمىشلىرىڭ تۈپەيلىدىن) ئۆزۈڭدىندۇر. (ئى مۇھەممەد!) سېنى بىز (پۈتۈن) ئىنسانلارغا پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتتۇق، (سېنىڭ پەيغەمبەرلىكىڭگە) شاھىتلىققا ئاللاھ يېتەرلىكتۇر[79].
مَّا كَانَ مُحَمَّدٌ أَبَا أَحَدٍ مِّن رِّجَالِكُمْ وَلَٰكِن رَّسُولَ اللَّهِ وَخَاتَمَ النَّبِيِّينَ ۗ وَكَانَ اللَّهُ بِكُلِّ شَيْءٍ عَلِيمًا
مۇھەممەد ئاراڭلاردىكى ئەرلەردىن ھېچبىرىنىڭ ئاتىسى ئەمەس، لېكىن (ئۇ) ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى ۋە پەيغەمبەرلەرنىڭ ئاخىرقىسىدۇر (ئاللاھ ئۇنىڭ بىلەن پەيغەمبەرلىكنى ئاخىرلاشتۇرغان، ئۇنىڭدىن كېيىن ھېچقانداق پەيغەمبەر كەلمەيدۇ)، ئاللاھ ھەممە نەرسىنى بىلگۈچىدۇر (سىلەرنىڭ سۆز ـ ھەرىكىتىڭلاردىن ھېچ نەرسە ئاللاھقا مەخپىي ئەمەس)[40].
وَالَّذِينَ آمَنُوا وَعَمِلُوا الصَّالِحَاتِ وَآمَنُوا بِمَا نُزِّلَ عَلَىٰ مُحَمَّدٍ وَهُوَ الْحَقُّ مِن رَّبِّهِمْ ۙ كَفَّرَ عَنْهُمْ سَيِّئَاتِهِمْ وَأَصْلَحَ بَالَهُمْ
ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلارنىڭ، مۇھەممەدكە نازىل قىلىنغان قۇرئانغا ـ قۇرئان ئۇلارنىڭ پەرۋەردىگارى تەرىپىدىن كەلگەن ھەقىقەتتۇر – ئىمان ئېيتقانلارنىڭ گۇناھلىرىنى ئاللاھ ئۆچۈرۈپ تاشلايدۇ، ئۇلارنىڭ ھالىنى ياخشىلايدۇ (شۇنىڭ بىلەن ئۇلار گۇناھ قىلمايدۇ)[2].
هُوَ الَّذِي أَرْسَلَ رَسُولَهُ بِالْهُدَىٰ وَدِينِ الْحَقِّ لِيُظْهِرَهُ عَلَى الدِّينِ كُلِّهِ ۚ وَكَفَىٰ بِاللَّهِ شَهِيدًا
ئاللاھ ھەق دىننى پۈتۈن دىنلاردىن ئۈستۈن قىلىش ئۈچۈن، پەيغەمبىرىنى ھىدايەت بىلەن ۋە ھەق دىن بىلەن ئەۋەتتى (مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى ئىكەنلىكىگە) گۇۋاھلىق بېرىشكە ئاللاھ يېتەرلىكتۇر[28].
مُّحَمَّدٌ رَّسُولُ اللَّهِ ۚ وَالَّذِينَ مَعَهُ أَشِدَّاءُ عَلَى الْكُفَّارِ رُحَمَاءُ بَيْنَهُمْ ۖ تَرَاهُمْ رُكَّعًا سُجَّدًا يَبْتَغُونَ فَضْلًا مِّنَ اللَّهِ وَرِضْوَانًا ۖ سِيمَاهُمْ فِي وُجُوهِهِم مِّنْ أَثَرِ السُّجُودِ ۚ ذَٰلِكَ مَثَلُهُمْ فِي التَّوْرَاةِ ۚ وَمَثَلُهُمْ فِي الْإِنجِيلِ كَزَرْعٍ أَخْرَجَ شَطْأَهُ فَآزَرَهُ فَاسْتَغْلَظَ فَاسْتَوَىٰ عَلَىٰ سُوقِهِ يُعْجِبُ الزُّرَّاعَ لِيَغِيظَ بِهِمُ الْكُفَّارَ ۗ وَعَدَ اللَّهُ الَّذِينَ آمَنُوا وَعَمِلُوا الصَّالِحَاتِ مِنْهُم مَّغْفِرَةً وَأَجْرًا عَظِيمًا
مۇھەممەد ئاللاھنىڭ رەسۇلىدۇر، ئۇنىڭ بىلەن بىرگە بولغان مۆمىنلەر كۇففارلارغا قاتتىقتۇر، ئۆزئارا كۆيۈمچاندۇر، ئۇلارنى رۇكۇ قىلغان، سەجدە قىلغان ھالدا كۆرىسەن. ئۇلار ئاللاھنىڭ پەزلىنى ۋە رازىلىقىنى تىلەيدۇ، ئۇلارنىڭ يۈزلىرىدە سەجدىنىڭ ئالامەتلىرى بار، ئەنە شۇ ئۇلارنىڭ تەۋراتتىكى سۈپىتىدۇر، ئۇلارنىڭ ئىنجىلدىكى سۈپىتى بولسا (ئۇلار) شاخ چىقارغان، كۈچلىنىپ چوڭايغان، ئاندىن ئۆز غولى بىلەن ئۆرە تۇرغان، بولۇقلۇقى ۋە كۆركەم كۆرۈنۈشى بىلەن دېھقانلارنى مەمنۇن قىلغان بىر زىرائەتكە ئوخشايدۇ، (مۆمىنلەرنى مۇنداق زىرائەتكە ئوخشىتىش) كۇففارلارنى خاپا قىلىش ئۈچۈندۇر، ئاللاھ ئۇلارنىڭ ئىچىدىن ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلارغا مەغپىرەت ۋە كاتتا ئەجىر ۋەدە قىلدى[29].