پەرىشتىلەرنىڭ ۋەھيىنى يەتكۈزۈش ئۈچۈن ئاسمان-زېمىن ئارىلىقىدا يۇقىرى-تۆۋەن ئۆرلەپ تۇرىدىغانلىقى توغرىسىدا
وَإِنَّهُ لَتَنزِيلُ رَبِّ الْعَالَمِينَ
شۈبھىسىزكى، قۇرئان ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى تەرىپىدىن نازىل قىلىنغاندۇر[192].
نَزَلَ بِهِ الرُّوحُ الْأَمِينُ
ئاگاھلاندۇرغۇچىلاردىن بولۇشۇڭ ئۈچۈن، ئىشەنچلىك جىبرىئىل ئۇنى سېنىڭ قەلبىڭگە ئېلىپ چۈشتى[193ـ194].
عَلَىٰ قَلْبِكَ لِتَكُونَ مِنَ الْمُنذِرِينَ
ئاگاھلاندۇرغۇچىلاردىن بولۇشۇڭ ئۈچۈن، ئىشەنچلىك جىبرىئىل ئۇنى سېنىڭ قەلبىڭگە ئېلىپ چۈشتى[193ـ194].
يُدَبِّرُ الْأَمْرَ مِنَ السَّمَاءِ إِلَى الْأَرْضِ ثُمَّ يَعْرُجُ إِلَيْهِ فِي يَوْمٍ كَانَ مِقْدَارُهُ أَلْفَ سَنَةٍ مِّمَّا تَعُدُّونَ
ئاللاھ ئاسماندىن زېمىنغىچە بولغان (مەخلۇقاتىنىڭ) ئىشلىرىنى ئىدارە قىلىپ تۇرىدۇ، ئاندىن ئۇ ئىشلار ئۇزۇنلۇقى سىلەر ساناۋاتقان مىڭ يىلدەك كېلىدىغان بىر كۈندە ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا ئۆرلەيدۇ[5].
يَعْلَمُ مَا يَلِجُ فِي الْأَرْضِ وَمَا يَخْرُجُ مِنْهَا وَمَا يَنزِلُ مِنَ السَّمَاءِ وَمَا يَعْرُجُ فِيهَا ۚ وَهُوَ الرَّحِيمُ الْغَفُورُ
ئاللاھ زېمىننىڭ قوينىغا كىرىپ كېتىدىغان (يەنى يامغۇر، كان ۋە ئۆلۈكلەرگە ئوخشاش) نەرسىلەرنى، زېمىندىن چىقىدىغان (ئۆسۈملۈك، بۇلاق ۋە قۇدۇقلارنىڭ سۇلىرى قاتارلىق) نەرسىلەرنى، ئاسماندىن چۈشىدىغان (پەرىشتە، يامغۇر، ئەجەل، رىزىق قاتارلىق) نەرسىلەرنى، ئاسمانغا ئۆرلەيدىغان (ياخشى ئەمەللەر، مەقبۇل دۇئالار قاتارلىق) نەرسىلەرنى بىلىپ تۇرىدۇ، ئاللاھ بەندىلىرىگە ناھايىتى مېھرىباندۇر، (تەۋبە قىلغۇچىلارنى) ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر[2].
هُوَ الَّذِي خَلَقَ السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضَ فِي سِتَّةِ أَيَّامٍ ثُمَّ اسْتَوَىٰ عَلَى الْعَرْشِ ۚ يَعْلَمُ مَا يَلِجُ فِي الْأَرْضِ وَمَا يَخْرُجُ مِنْهَا وَمَا يَنزِلُ مِنَ السَّمَاءِ وَمَا يَعْرُجُ فِيهَا ۖ وَهُوَ مَعَكُمْ أَيْنَ مَا كُنتُمْ ۚ وَاللَّهُ بِمَا تَعْمَلُونَ بَصِيرٌ
ئاللاھ ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ئالتە كۈندە ياراتتى، (ئاندىن ئۆزىگە لايىق رەۋىشتە) ئەرش ئۈستىدە قارار ئالدى، ئاللاھ زېمىنغا كىرىپ كېتىدىغان نەرسىلەرنى، زېمىندىن چىقىدىغان نەرسىلەرنى، ئاسماندىن چۈشىدىغان نەرسىلەرنى، ئاسمانغا ئۆرلەيدىغان نەرسىلەرنى بىلىپ تۇرىدۇ، سىلەر قەيەردە بولساڭلار، ئاللاھ سىلەر بىلەن بىرگە، ئاللاھ قىلىۋاتقان ئىشىڭلارنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر[4].
تَعْرُجُ الْمَلَائِكَةُ وَالرُّوحُ إِلَيْهِ فِي يَوْمٍ كَانَ مِقْدَارُهُ خَمْسِينَ أَلْفَ سَنَةٍ
پەرىشتىلەر ۋە روھ (يەنى جىبرىئىل) ئاللاھقا شۇنداق بىر كۈندە ئۆرلەيدۇكى، كۈننىڭ ئۇزۇنلۇقى 50 مىڭ يىل كېلىدۇ[4].
فِي صُحُفٍ مُّكَرَّمَةٍ
ئۇ (يەنى قۇرئان ئايەتلىرى) قىممەتلىك، (قەدرى) يۇقىرى پاك سەھىپىلەرگە يېزىلغاندۇر[13ـ14].
مَّرْفُوعَةٍ مُّطَهَّرَةٍ
ئۇ (يەنى قۇرئان ئايەتلىرى) قىممەتلىك، (قەدرى) يۇقىرى پاك سەھىپىلەرگە يېزىلغاندۇر[13ـ14].
بِأَيْدِي سَفَرَةٍ
(ئۇ) ھۆرمەتلىك ياخشى (پەرىشتىلەردىن بولغان) پۈتۈكچىلەرنىڭ قولىدىدۇر[15ـ16].
كِرَامٍ بَرَرَةٍ
(ئۇ) ھۆرمەتلىك ياخشى (پەرىشتىلەردىن بولغان) پۈتۈكچىلەرنىڭ قولىدىدۇر[15ـ16].
إِنَّهُ لَقَوْلُ رَسُولٍ كَرِيمٍ
قۇرئان ھەقىقەتەن (ئاللاھنىڭ) ئىززەتلىك بىر ئەلچى (ئارقىلىق نازىل قىلىنغان) سۆزىدۇر[19].
ذِي قُوَّةٍ عِندَ ذِي الْعَرْشِ مَكِينٍ
ئۇ (ئەلچى) كۈچلۈكتۇر، ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا مەرتىۋىلىكتۇر[20].
مُّطَاعٍ ثَمَّ أَمِينٍ
پەرىشتىلەر ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلغۇچىدۇر. بۇ يەردە (يەنى ئاسماندا) ئۇ ئىشەنچلىكتۇر[21].
تَنَزَّلُ الْمَلَائِكَةُ وَالرُّوحُ فِيهَا بِإِذْنِ رَبِّهِم مِّن كُلِّ أَمْرٍ
پەرىشتىلەر ۋە جىبرىئىل شۇ كېچىدە پەرۋەردىگارىنىڭ ئەمرى بىلەن (ئاللاھ تەقدىر قىلغان) بارلىق ئىش ئۈچۈن (زېمىنغا) چۈشىدۇ[4].