ھامىلىدارلىق ۋە ئىمىتىش ۋاقتى توغرىسىدا
وَالْوَالِدَاتُ يُرْضِعْنَ أَوْلَادَهُنَّ حَوْلَيْنِ كَامِلَيْنِ ۖ لِمَنْ أَرَادَ أَن يُتِمَّ الرَّضَاعَةَ ۚ وَعَلَى الْمَوْلُودِ لَهُ رِزْقُهُنَّ وَكِسْوَتُهُنَّ بِالْمَعْرُوفِ ۚ لَا تُكَلَّفُ نَفْسٌ إِلَّا وُسْعَهَا ۚ لَا تُضَارَّ وَالِدَةٌ بِوَلَدِهَا وَلَا مَوْلُودٌ لَّهُ بِوَلَدِهِ ۚ وَعَلَى الْوَارِثِ مِثْلُ ذَٰلِكَ ۗ فَإِنْ أَرَادَا فِصَالًا عَن تَرَاضٍ مِّنْهُمَا وَتَشَاوُرٍ فَلَا جُنَاحَ عَلَيْهِمَا ۗ وَإِنْ أَرَدتُّمْ أَن تَسْتَرْضِعُوا أَوْلَادَكُمْ فَلَا جُنَاحَ عَلَيْكُمْ إِذَا سَلَّمْتُم مَّا آتَيْتُم بِالْمَعْرُوفِ ۗ وَاتَّقُوا اللَّهَ وَاعْلَمُوا أَنَّ اللَّهَ بِمَا تَعْمَلُونَ بَصِيرٌ
ئانىلار (بالىلارنى ئېمىتىش مۇددىتىدە) تولۇق ئېمىتمەكچى بولسا، تولۇق ئىككى يىل ئېمىتىشى لازىم. ئاتىلار ئانىلارنى قائىدە بويىچە يېمەك ـ ئىچمەك ۋە كىيىم ـ كېچەك بىلەن تەمىنلەپ تۇرۇشى كېرەك. كىشى پەقەت قولىدىن كېلىدىغان ئىشقىلا تەكلىپ قىلىنىدۇ. ئانىنى بالىسى سەۋەبلىك زىيان تارتقۇزماسلىق، ئاتىنى بالىسى سەۋەپلىك زىيان تارتقۇزماسلىق لازىم. (ئەگەر ئاتا ئۆلۈپ كەتسە) ئۇنىڭ ۋارىسى ئاتىغا ئوخشاش مەسئۇلىيەتنى (يەنى ئانا بولغۇچىغا نەپىقە بېرىش ۋە ئۇنىڭ ھەقلىرىگە رىئايە قىلىش قاتارلىقلارنى) ئۆز ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك. ئەگەر ئاتا ـ ئانا كېڭىشىپ (بالىنى ئىككى يىل توشماستىنلا) ئايرىۋەتمەكچى بولسا، ئۇلارغا ھېچبىر گۇناھ بولمايدۇ. ئەگەر بالىلىرىڭلارنى ئىنىكئانىلارغا ئېمىتمەكچى بولساڭلار، قائىدە بويىچە ئۇلارنىڭ ھەققىنى بەرسەڭلارلا سىلەرگە ھېچ گۇناھ بولمايدۇ. ئاللاھتىن (يەنى ئاللاھنىڭ ئەمرىگە مۇخالىپەتچىلىك قىلىشتىن) قورقۇڭلار، بىلىڭلاركى، ئاللاھ سىلەرنىڭ قىلغان ئەمەلىڭلارنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر[233].
وَوَصَّيْنَا الْإِنسَانَ بِوَالِدَيْهِ حَمَلَتْهُ أُمُّهُ وَهْنًا عَلَىٰ وَهْنٍ وَفِصَالُهُ فِي عَامَيْنِ أَنِ اشْكُرْ لِي وَلِوَالِدَيْكَ إِلَيَّ الْمَصِيرُ
ئىنساننى ئاتا ـ ئانىسىغا ياخشىلىق قىلىشقا بۇيرۇدۇق. ئانىسى ئۇنى (قورسىقىدا) ئۈستى ـ ئۈستىگە ئاجىزلىق بىلەن كۆتۈردى. ئىككى يىلدا ئۇنى ئەمچەكتىن ئايرىدى. (ئى ئىنسان!) ماڭا ۋە ئاتا ـ ئاناڭغا شۈكۈر قىلغىن، ئاخىر قايتىدىغان جاي مېنىڭ دەرگاھىمدۇر[14].
وَوَصَّيْنَا الْإِنسَانَ بِوَالِدَيْهِ إِحْسَانًا ۖ حَمَلَتْهُ أُمُّهُ كُرْهًا وَوَضَعَتْهُ كُرْهًا ۖ وَحَمْلُهُ وَفِصَالُهُ ثَلَاثُونَ شَهْرًا ۚ حَتَّىٰ إِذَا بَلَغَ أَشُدَّهُ وَبَلَغَ أَرْبَعِينَ سَنَةً قَالَ رَبِّ أَوْزِعْنِي أَنْ أَشْكُرَ نِعْمَتَكَ الَّتِي أَنْعَمْتَ عَلَيَّ وَعَلَىٰ وَالِدَيَّ وَأَنْ أَعْمَلَ صَالِحًا تَرْضَاهُ وَأَصْلِحْ لِي فِي ذُرِّيَّتِي ۖ إِنِّي تُبْتُ إِلَيْكَ وَإِنِّي مِنَ الْمُسْلِمِينَ
بىز ئىنساننى ئاتا ـ ئانىسىغا ياخشىلىق قىلىشقا بۇيرۇدۇق. ئىنساننى ئانىسى مۇشەققەت بىلەن قورساق كۆتۈرۈپ، مۇشەققەت بىلەن تۇغدى. ئۇنىڭغا قورساق كۆتۈرۈش مۇددىتى ۋە ئۇنى سۈتتىن ئايرىش مۇددىتى 30 ئايدۇر. تاكى ئۇ (بوۋاق ئۆسۈپ) كۈچ ـ قۇۋۋەتكە تولۇپ، 40 ياشقا يەتكەندە، (ئۇ): «پەرۋەردىگارىم! سېنىڭ ماڭا ۋە ئاتا ـ ئانامغا بەرگەن نېمىتىڭگە شۈكۈر قىلىشنى ۋە سەن رازى بولىدىغان ياخشى ئىشنى قىلىشىمنى ماڭا ئىلھام قىلغىن، مەن ئۈچۈن مېنىڭ ئەۋلادىمنى تۈزىگىن (يەنى مېنىڭ ئەۋلادىمنى ياخشى ئادەملەر قىلغىن)، مەن ھەقىقەتەن ساڭا (جىمى گۇناھلاردىن) تەۋبە قىلدىم، مەن ھەقىقەتەن مۇسۇلمانلاردىندۇرمەن» دەيدۇ[15].