قۇرئان كەرىم ھەقىقىدە
(شېئىر )
تەرىپلەشكە قۇرئاننى تىلىم ئاجىز بەك زەئىپ ،
لايىقىدا يېزىشىم مۇھال بىر ئىشتۇر ئەجىپ .
يېزىپ باقتىم شۇندىمۇ گەر دېڭىزدىن بىر تامچە ،
ئەسلى شائىر ئەمەسمەن يا تونۇلغان بىر ئەدىپ .
بۇ قۇرئاننى بەزىلەر ئىنسانغا نىسبەت بەدى ،
ھۆپۈپنى يۇڭدىمايلا يەپ ساپ ھەسەلدىن قىل تەدى .
نەدە بار ساۋاتسىزدىن بۇنچە ئىلھام كەلگىنى ،
ئۆزگەر مىدى بىر ھەرىپ ، بارچەنەرسە ئۆزگەدى .
كۆز يۈگۈرتسەڭ مۆجىزە تۆكىلىدۇ قۇرئاندىن ،
بەرگەن رۇھى لەززىتى ئۆتۈپ كىتىدۇ جاندىن .
شۇنداقتىمۇ غاپىلمىز قۇرئان نەدە بىز نەدە ،
قالدۇق ئۇشبۇ قىسمەتكە يىراقلىشىپ فۇرقاندىن .
يوق ئىكەن بىر يەھۇدى تەۋراتنى بىلمەيدىغان ،
چۈشەنمەيمۇ قۇرئاننى بولىۋاپتۇق مۇسۇلمان .
دەۋايىمىز ئۇلۇغۋار لىكىن لايىق ئەمەل يوق ،
شۇڭا بىزنىڭ ھاياتتىن بەخىت ئىززەت يوقالغان .
كۆزىمىزنى ئۇلاشنىڭ پەيتى ئەمدى كەپقالدى ،
بەشەرى نىزاملارنىڭ زاۋال ۋاقتى بوپقالدى .
ئىمان بىزنى جەملەيدۇ تەۋھىد تۇغى ئاستىدا ،
دىن دۈشمىنى ھالسىراپ ھالاك بولاي دەپقالدى .
قۇرلىرىدا مۆجىزە نۇردىن گۈزەل چاقنايدۇ ،
يۇرۇتۇپ مەنزىللەرنى توغرا يولغا باشلايدۇ .
بالاغەت پاساھەتتە ئەدىپ شائىر ھەيرانە ،
ئەخمەقلەرنىڭ تەنىسى ھىچ نەرسىگە ئاقمايدۇ .
خەرىتىنى تۇمار قىپ ئېسىۋېلىپ بويانغا ،
يولنى بىلمەي تىڭىرقاپ مېڭىپ يۈرگەن ھەريانغا .
ئوخشاپ قالدۇق شۇنۇڭغا تەن ئالماستىن ئاماليوق .
بەخىت ئىزلەپ يۈرۈيمىز پۈتۈن كىرمەي قۇرئانغا .
ساھابىلار ئىززەتكە قۇرئان بىلەن ئىرىشكەن ،
ھەر بىر ئايەت ھەدىسكە باشچىلاپلا كىرىشكەن .
سۈنىنىتىدە ئاللاھنىڭ ئەمەل قىلغان مۆئمىنگە ،
ئىككى ئالەم بەخىتنى خالىغانچە بېرىشكەن .
2013_2_26