خۇشخەۋەر: كۈندىلىك #ناماز_ۋاقىتلىرى_جەدۋىلى سەھىپىسى ئېچىۋېتىلدى!

خۇشخەۋەر: كۈندىلىك #ناماز_ۋاقىتلىرى_جەدۋىلى
بۈگۈن:
-1444-يىلى، رەجەب ئېيىنىڭ 3-كۈنى
-2023-يىلى، 25-يانۋار-چارشەنبە
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەزىز قېرىندىشىم
قانداق ئەھۋالىڭىز؟
قۇرئان كەرىم توربېكىتىمىزدە (Qurankerim.com) ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىز ياشاۋاتقان شەھەرلەردىن 30 شەھەرنىڭ #ناماز_ۋاقىتلىرى_جەدۋىلى بىلەن ھىجرىيە ۋە مىلادىيە كالېندارى، ھەر كۈنى يېڭى بىر ئايەت، بىر ھەدىس ۋە بىر دۇئا بىلەن كۈنى يېڭىلىنىپ تۇرىدىغان بىر سەھىپە بۈگۈن تولۇقلىنىپ ئېچىۋېتىلدى، ئەلھەمدۇلىللاھ.
مەزكۇر شەھەرلەر: ئىستانبۇل، ئەنقەرە، كونيا، ۋاشىنگىتون، نېۋيورك، تورونتو، مونترىيال، ئەدېلايت، بېرلىن، ئامىستېردام، لوندون، پارىس، ئوسلو، ئاستانا، بىشكەك، تاشكەنت، سەمەرقەنت، توكيو، قەشقەر، ئۈرۈمچى، خوتەن، مەككە، مەدىنە، قاھىرە، قۇددۇس، جاكارتا، كۇئالالومپۇر، ئىسلام ئاباد، موسكوۋا، ستوكھولم.
مەزكۇر كالېندارنى ھەر كۈنى يېڭى بىر ئايەت، بىر ھەدىس ۋە بىر دۇئا بىلەن بىرلىكتە كۆرەلەيسىز، رەسىم شەكلىدە ساقلىۋېلىپ ھەرقايسى ئىجتىمائىي سوپىلاردا قېرىنداشلىرىڭىز بىلەن بەھىرلەش ئارقىلىق بىرە قېرىندىشىمىزنىڭ نامىزنى ۋاقتىدا ئوقۇۋېلىغا، بىرە ئايەت ياكى ھەدىس ئوقۇۋېلىشىغا، دۇئاسىغا ۋەسىلە بولۇش ئارقىلىق ساۋابقا نائىل بولالايسىز، ئىنشائاللاھ.
ئاللاھ تەسىرلىك ۋە بەرىكەتلىك قىلىپ بەرسۇن.كۈندە: بىر ئايەت، بىر ھەدىس، بىر سوئال -جاۋاب، بىر دۇئا:
بىر كونۇپكىغا بېسىش ئارقىلىق ھەممىنى بىرلا رەسىم شەكلىدە ساقلىۋېلىپ بەھىرلىيەلەيسىز.
ئېچىۋېتىلدى...
#ناماز_ۋاقىتلىرى #قۇرئان_كەرىم_ئەپ_دېتالى #ئۇيغۇرچە_قۇرئان #ئىسلام #دىن #ئۇيغۇر #ئەخلاق #ئەھكام #ئاخىرەت #مۇجادەلە #مال_لۈك #ئىسلام #دۇئا #ناماز #پېقىرلىق #شىپا #رەھمەت #ھىدايەت #قۇرئان #ئەمەل #ھەج #ئۆمرە #ئەخلاق #جىھاد #قۇرئان #قۇرئان_كەرىم #ئۇيغۇرچە_قۇرئان #كۈندە_بىر_ئايەت_بىر_ھەدىس_بىر_دۇئا
www.qurankerim.com/app
قۇرئان كەرىم ئەپ دېتالى ئالما نۇسخىسى: https://apps.apple.com/app/id1203681641
قۇرئان كەرىم ئەپ دېتالى ئاندرويد نۇسخىسى: https://play.google.com/store/apps/details......
www.qurankerim.com