قۇرئان كەرىمنى تاھارەتسىز تۇتۇش ھەققىدە

چۈنكى اللە تەئالا قۇرئان كەرىمنى ھاياتىمىزغا رەھبەر قىلىشىمىز ئۈچۈن نازىل قىلغان. ھاياتىمىزغا رەھبەر بولىدىغان بىر كىتابنى خالىغان چاغدا تۇتۇپ پايدىلىنىشىمىز لازىم. قۇرئاننى تاھارەتسىز تۇتسا بولمايدۇ دېگۈچىلەرنىڭ ھېچقانداق دەلىلى يوق. بولار تارىختىن بۇيان ئىنسانلارنىڭ قۇرئاندىن يىراقلىشىشىغا سەۋەبچى بولۇپ كەلمەكتە. ئۇلارنىڭ اللەدىن قورقىشى لازىم. ئىنسان داۋاملىق تاھارەت بىلەن تۇرمايدۇ. تاھارىتىم بولمىغاندىن كېيىن قۇرئاننى تاھارەت ئالغان چېغىمدا تۇتامەن دەپ قۇرئاننى قولىغا ئالمايدۇ، شۇنداقلا قۇرئاندىن يىراقلىشىدۇ.
قۇرئاندا ياكى پەيغەمبىرىمىزنىڭ ھەدىسىدە «قۇرئاننى تاھارەتسىز تۇتماڭلار» دېگەن مەزمۇندا بىر ھۆكۈم بولسا، بۇنىڭغا بويسۇنماي ئامالىمىز يوق، لېكىن ئۇنداق بىر ھۆكۈم يوق. ئەكسىچە تاھارەتسىز تۇتۇشقا بولىدىغانلىقى توغرىسىدا نۇرغۇن دەلىل بار. مەسىلەن:
1-تاھارەت ئايەتلىرى مەدىنىدە نازىل بولغان. مەككىدە نازىل بولغان سۈرىلەر ۋە ئايەتلەر قەغەزلەرگە، تېرە پارچىلىرىغا ۋە بەزى تاختىلارغا يېزىلغان. ئۇ چاغدىكى مۇسۇلمانلار ئۇ ئايەتلەر ۋە سۈرىلەر يېزىلغان نەرسىلەرنى تۇتۇپ ئوقۇغان ۋە ئوقۇتقان. ئۇلارنىڭ تاھارەتسىز ئىكەنلىكى ھەممىمىزگە مەلۇم. چۈنكى ئۇ چاغلاردا تاھارەت دەيدىغان بىر نەرسە يوق. تاھەرەت نامازغا شەرت قىلىنىدۇ. شۇڭا قۇرئان كەرىمدە «نامازغا تۇرساڭلار تاھارەت ئېلىڭلار» دېگەن مەزمۇندا ئايەت بار. «قۇرئان ئوقۇغاندا ئەئۇزۇ بىللاھى مىنەششەيتانىرەجىم دەڭلار» دېگەن مەزمۇندا ئايەت بار. قۇرئان ئوقۇشنىڭ ۋە قۇرئان تۇتۇشنىڭ ھېچقانداق شەرتى يوق.
2- پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام نۇرغۇن دۆلەتلەرنىڭ رەئىسلىرىغا خەت ئەۋەتكەن. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام خەتنى ئېلىپ بارىدىغان ساھابىلىرىنى يولغا سېلىشنىڭ ئالدىدا «تاھارىتىڭلار بارمۇ؟ بولمىسا ئېلىۋېلىڭلار، تاھارىتىڭلار سۇنۇپ كەتكەنلا يەردە يېڭىلاپ مېڭىڭلار، ئۇ پادىشاھلارنىڭ يېنىغا بېرىپ «تاھارىتىڭلار بارمۇ يوقمۇ؟» دەپ سوراڭلار، ئەگەر تاھارىتى بولمىسا بۇ خەتنى تۇتمىسۇن» دېگەن مەزمۇندا ھېچبىر نەرسە دېمىگەن. ئۇ خەتلەرنىڭ كۆپ قىسمى ئايەتلەر ئىدى
3- ئەگەر قۇرئان كەرىمنى تاھارەتسىز تۇتقىلى بولمىسا، بۈگۈنكى قۇرئان كەرىم ئېلىنغان ئۈنئالغۇ لېنتىلىرىنى، دىسكا (Floppy) ۋە پلاستىنكالارنى، قۇرئان كەرىم ئېلىنغان يانفونلارنى ۋە دىگىتال (Dijital) قۇرئانلارنى نېمىچۈن تاھارەتسىز تۇتقىلى بولىدۇ؟ ھەممىسىنىڭ ئىچىدە قۇرئان كەرىم بارغۇ؟ تۇتقىلى بولمىسا ھەممىسىنى تۇتقىلى بولماسلىق كېرەك. چۈنكى ھەممىسىنىڭ ئىچىدە قۇرئان بار. ھەتتا قۇرئان كەرىمنى يادقا بىلىدىغان قارىملارغىمۇ تاھارەتسىز تېگىپ بەرسەك بولمىسا بولىدۇ. ئۇلارنىڭ بالا- چاقىلىرىنىڭ تاھارەت ئېلىپ ئاندىن ئۇلارغا يېقىنلىشىشى لازىم. چۈنكى ئۇلارنىڭ ئىچىدىمۇ قۇرئان كەرىم بار.