رامىزاننى قانداق ئۆتكۈزسىز

كۈيۈمچان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن
ئەسسلامۇ ئەلەيكۇم ئەزىزى قېرىندىشىم، مۇبارەك رامىزان يىتىپ كېلىش ئلدىدا تۇرۋاتىدۇ. بەلكى سىز رامىزانغا كىرىش تەييارلىقنى پۇختا قىلىپ، رامىزاننى قانداق ئۆتكۈزۈش ھەققىدە مۇكەممەل لاھىيە تۈزگەن بولسىڭىز كىرەك. چۈنكى قەلبىڭىزدىكى رامىزاننىڭ شەرپى ۋە ھۆرمىتى سىزنى ئالدىدىن تەييارلىق قىلىشقا ۋە بۇ شەرەپ ۋە ھۆرمەتنى ياخشى ساقلاش ئۈچۈن مۇكەممەل بولغان رامىزانلىق پىلان تۈزۈنشكە ئۈندەيدۇ ئەلۋەتتە . ئەمما سىز ئالدىراشچىلىقتىن رامىزاننىڭ كىلىپ قالغىننى مەسچىتلەردە پالانى كۈنى رامىزان تۇتمىز دىگەننى ئاڭلاپ، ھە .. رامىزان رۇزىسى كەپ قاپتۇدە،ئەمدى رامىزاننى تۇتۇشنى باشلايلى دەپلا، ھېچقانداق پىكىر ۋە تەييارلىقسىزلا بۇ شەرەپلىك رامىزان ئىشكىگە كەپ قالغان قېرىندىشىم بولسىڭىز. ئۇنداقتا سىزگە : ئەنە شۇنداق ئالراشچىلىق بىلەن ئۆتۋاتقانا بىر يىل ئىچىدىن پەقەت مۇشۇ بۈيۈك ئاي بولغان رامىزان ئېيدا ئىشلاردىن قولىڭىزنى بىر قەدەر بۇشىتىپ، خۇددى ئون بىر ئايدىن بىرى ھاياتلىقىڭىز ۋە ئىجتىمائى تۇرمىشىڭىز ئۈچۈن قانچىلىق تىرىشقان، قانچىلىق جاپا چەككەن بولسىڭىز، شۇنىڭ ھەممىسدىلا ئەمەس ، پەقەت ئاشۇ تىرشچانلىقلىرڭىزدىن بىر قىسمىنى ئاللاھ ئۈچۈن چىقرىشىڭىزنى ۋە ئەمەللەرگە ھەسسىلەپ ساۋاپ بىرلىدىغان، ئىنسان يىلدا پەقەت بىرلا قېتىم ئىرشەلەيدىغان بۇ ئاينى قەدىرلىشنى ۋە غەنىمەت بىلىشنى، ئىبادەت ئېىيى دەپ ئاتالغان بۇ سېخى رامىزاندا كوپلەپ ئىبادەت ۋە قۇرئان تىلاۋەت قېلىشىنى تەۋسىيە قىلىش بىلەن بىرگە رامزان ئېينى قانداق ئۆتكۈزۈنش ھەققىدە تۈزگەن لاھىيەرىمنى سىز بىلەن ئورتاقلاشماقچىمەن
>>ئى مۇئمىنلەر! (گۇناھلاردىن) ساقلىنىشىڭلار ئۈچۈن سىلەردىن ئىلگىرىكىلەرگە (يەنى ئىلگىرىكى ئۈممەتلەرگە) روزا پەرز قىلىنغاندەك سىلەرگىمۇ (رامىزان روزىسى) پەرز قىلىندى<< سۈرە بەقەرە 183- ئايەت
>>تاقىتىڭلارنىڭ يېتىشىچە اﷲغا تەقۋادارلىق قىلىڭلار (ۋەزىنى) ئاڭلاڭلار (ئەمرىگە) ئىتائەت قىلىڭلار (اﷲنىڭ يۇلىدا ماللىرىڭلارنى) سەرپ قىلىڭلار (بۇ) ئۆزەڭلار ئۈچۈن پايدىلىقتۇر كىمكى نەفسىنىڭ بېخىللىقىدىن ساقلىنىدىكەن ئۇ مەقسىدىگە ئېرىشكۈچىدۇر.<< سۈرە تەغابۇت 16 ئايە
ئەېزىز قېرىنداشلار سۆزنىڭ ياخشىسى ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىنىڭ سۆزىدۇر، بۇ يەردە ئۆز پىكىر ۋە قاراشلىرىم ئارقىلىق قېرىنداشلىرىمنىڭ ۋاقتىنى ئېلىشنى ئەھمىيەتسىز دەپ قارغىنىم ئۈچۈن، ئاللاھنىڭ كالامى ۋە رەسۇلىمىز مۇھەممد ئەلەيھىسالامنىڭ سۆزلىرىدىن نەقىل كەلتۈرۈش ئارقىلىق رامىزان ئايلىرنى قانداق ئۆتكۈزۈش ھەققىدە ئاز تولا كۆرسەتمە بېىرىپ ئۆتمەكچىمەن ) كۆپۈنچە قېرىنداشلار كۈندۈز ۋاقتى ئۆز ئىشلىرى بىلەن مەشغۇل بولغىنى ئۈچۈن، ئاساسەن كەچكى ۋە ئەتتىگەنلىك ۋاقىتلار ئاساس قىلىندى(
بامدات نامزىدىن ئىلگىرى :
1‏-تەھەججۇد نامزى ئوقۇڭ، ئاللاھ قۇرئان ئەزىمدە مۇنداق دەيدۇ:«(اﷲغا شېرىك كەلتۈرگەن ئادەم ياخشىمۇ) ياكى ئاخىرەت (ئازابىدىن) قورقۇپ پەرۋەردىگارىنىڭ رەھمىتىنى ئۈمىد قىلىپ كېچىنىڭ سائەتلىرىنى سەجدە قىلغان ۋە قىيامدا تۇرغان ھالدا ئىبادەت قىلىپ ئۆتكۈزگەن ئادەم (ياخشىمۇ)». ئېيتقىنكى «بىلىدىغانلار بىلەن بىلمەيدىغانلار باراۋەر بولامدۇ پەقەت (ساغلام) ئەقىل ئىگىلىرى ئىبرەت ئالىدۇ». سۈرە زۇمەر 39‏- ئايەت
‏-2 زوھۇرلۇق يەڭ : پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام مۇنداق دىگەن >> زوھۇرلۇق يەڭلار، زوھۇرلۇقتا بەركەت بار << ئىمام بۇخارى خاتىرلىگەن
3‏- بامداتنىڭ ئەزىنگىچە ، ئاللاھدىن مەغفىرەت تەلەپ قىلىڭ، ئاللاھ قۇرئان ئەزىمدا مۇنداق دەيدۇ » ئۇلار سەھەرلەردە مەغپىرەت تەلەپ قىلىدۇ» سۇرە زارىيات 18 ئايەت
4‏- بامداتنىڭ سۇننىتىنى ئادا قىلىڭ :پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام مۇنداق دىگەن >> بامداتنىڭ ئىككى رەكئەت سۈننىتى دۇنيا ۋە دۇنيادىكى بارلىق نەرسىلەردىن ياخشدۇر << ئىمام مۇسلىم خاتىرلىگەن