رامىزان ۋە قۇرئان كەرىم

رامىزان بىلەن قۇرئان كەرىم ئوتتۇرىىسدا ئىنتايىن كۈچلۈك بىر مۇناسىۋەت بولۇپ، بۇ مۇناسىۋەتنىڭ كۈچلۈك بولۇشى، قۇرئان كەرىمنىڭ رامىزان ئېيىدا نازىل قىلىنغانلىقىدىن مەيدانغا كەلگەن.
قۇرئان كەرىمنىڭ رامىزان ئېيىدا نازىل قىلىنغانلىقى ھەققىدە ئاللاھ تەئالا مۇنداق دەيدۇ:
« ...ئىنسانلار ئۈچۈن ھىدايەت بولغان، ئۇ ھىدايەتتىن ۋە فۇرقاندىن ھۆججەتلەر بولغان بۇ قۇرئان، ئۇ ئايدا چۈشۈرۈلگەن. شەرىئەتنىڭ بۇ ئايدىكى ھۆكمىنى تونۇماقچى بولساڭلار، سىلەردىن كىم بۇ ئايدا ھازىر بولسا، ئۇنىڭدا روزا تۇتسۇن...» (بەقەرە سۈرىسى، 2/185-ئايەت.)
يەنە مىڭ ئايدىن تېخىمۇ ياخشى بولغان قەدىر كېچىسى مۇشۇ ئايدىدۇر. ئاللاھ تەئالا مۇنداق دەيدۇ:
«بىز ئۇنى ھەقىقەتەن قەدىر كېچىسىدە نازىل قىلدۇق. قەدىر كېچىسىنىڭ نېمە ئىكەنلىگىنى بىلەمسەن؟ قەدىر كېچىسى مىڭ ئايدىن تېخىمۇ خەيىرلىكتۇر.»(قەدىر سۈرىسى، 97/3.)
قۇرئان نازىل بولغان كېچە بولغانلىقى ئۈچۈن مىڭ ئايدىن تېخىمۇ ياخشى ئىكەنلىكى ئېلان قىلىنغان قەدرى كېچىسى، قۇرئان كەرىمنىڭ ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا قانچىلىك ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. قۇرئان كەرىمنى ئوقۇپ، ئۇ ئۆزئىچىگە ئالغان مەزمۇنلار ئۈستىدە كاللاھ قاتۇرىدىغان بولساق، ئۇنىڭ قانچىلىك ئەھمىيەتلىك بىر خەزىنە ئىكەنلىكىنى شۇ ۋاقتىدا چۈشىنىپ يېتىمىز ۋە شۇ ۋاقىتتىلا قۇرئان كەرىمدىن پايدىلىنىشقا باشلىغان بولىمىز. ئاللاھ تەئالا مۇنداق دەيدۇ:
«ئۇلار قۇرئاننى پىكىر - تەپەككۇر قىلمامدۇ؟ ياكى بولمىسا ئۇلارنىڭ دىللىرىدا قۇلۇپ بارمۇ؟»(مۇھەممەد، 47/24.)
«دۇلارنىڭ ۋەز - نەسىھەت ئېلىشى ئۈچۈن قۇرئاننى سېنىڭ تىلىڭ بىلەن ئاسانلاشتۇرۇپ بەردۇق»(دۇخان، 44/58.)
«ھەقىقەتەن بىز قۇرئاننى ئاسانلاشتۇردۇق، ئىبرەت ئالغۇچى بارمۇ؟»(قەمەر، 54/17.)
ئاللاھ تەئالا قۇرئان كەرىمنىڭ قانداق ئوقۇلۇشى ھەققىدە بولسا مۇنداق دەيدۇ:
«ئى كىيىمگە يۆگىنىۋالغۇچى (پەيغەمبەر)! كېچىنىڭ ئازغىنىسىدىن باشقىسىدا، يېرىمىدا ياكى يېرىمىدىنمۇ ئازراقىدا ياكى يېرىمىدىن كـۆپرەكىدە ناماز ئوقۇغىن، قۇرئاننى تەرتىل بىلەن (يەنى دانە- دانە، ئوچۇق) ئوقـۇغىن. ساڭا ھەقىقەتەن ۋەزىنلىك قۇرئاننى نازىل قىلىمىز. شۈبھىسىزكى، كېچىنىڭ قىيامى (يەنى كېچىدە كىشىنىڭ ئىبادەت قىلىشى ئۈچۈن ئۇيقۇدىن ئويغىنىپ تۇرۇشى) ئەڭ مۇۋاپىقتۇر، (تىنچ بولغانلىقى ئۈچۈن) كېچىنىڭ قىرائىتى ئەڭ توغرا بولىدۇ. ھەقىقەتەن كۈندۈزى ئىش بىلەن ئالدىراش بولىسەن، (شۇڭا ئىبادەتكە) كېچىسى بېرىلگىن. پەرۋەردىگارىڭنىڭ نامىنى ياد ئەتكىن (ئىبادىتىڭدە) ئۇنىڭغا تولۇق يۈزلەنگىن.
ئۇ مەشرىقنىڭ ۋە مەغرىبنىڭ پەرۋەردىگارىدۇر، ئۇنىڭدىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر، ئۇنى ھامىي قىلىۋالغىن (يەنى ھەممە ئىشىڭنى ئۇنىڭغا تاپشۇرغىن»(مۇززەممىل، 74/1-9.)
يەنە بۇ ئاي قارىيلار ئۈچۈن كەلمەس پۇرسەتلەردىن بىرىدۇر. بۇ ئايدا مەيلى تەراۋىھ نامىزىدا بولسۇن، مەيلى بىرىگە تىڭشىتىش ئارقىلىق بولسۇن قۇرئان كەرىمنى جامائەتنىڭ ئالدىدا ئاز دېگەندە بىر قېتىم ئۆتكۈزۈشى، جانابى ئاللاھ ئاتا قىلغان قارىيلىق نېئمىتىگە شۈكۈر ئېيتقانلىق ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ بۇ ئايدىكى ئەڭ مۇھىم سۈننەتلىرىدىن بىرىنى ئىھيا قىلغانلىق بولغاندىن سىرت، قۇرئان كەرىمنىڭ ئۇنتۇلماسلىقى ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىمدۇر. بىر قارىينىڭ ئۆز ئالدىغا كۆپ قېتىم ئوقۇغىنىدىن جامائەتنىڭ ئالدىدا بىر قېتىم ئوقۇۋالغىنى، يەنە كېلىپ رامىزاندا شۇنداق قىلىۋالغىنى تېخىمۇ ئەۋزەلدۇر. شۇڭا قۇرئان كەرىمنى يادلىغان قېرىنداشلارنىڭ رامىزان پۇرسىتىنى قولدىن بەرمەسلىككە ئالاھىدە دىققەت قىلىشىلىرىنى ئۈمىد قىلىمەن. ھېلىمۇ پۇرسەت ئۆتۈپ كەتكىنى يوق. رامىزاننىڭ بېشىدا باشلىيالمىغان بولسىڭىز، بۈگۈندىن ئېتىبارەن باشلاڭ. سىز ناھايىتى ياخشى بىلىسىز، قۇرئان كەرىمنى يادلاش قانچىلىك تەس بولسا، ساقلاپ قېلىش ئۇنىڭدىن بەكرەك تەس بولۇپ، داۋاملىق ئوقۇپ تۇرمىسا قېچىپ كېتىدۇ. پەيغەمبرىىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالاممۇ پەيغەمبەر بولۇپ تۇرۇپ، شۇنداقلا قۇرئاندا ئاللاھ تەئەلا ئۇنىڭغا: