بىز ھەققىدە

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك قۇرئان كەرىم تور بېكىتى زىيارەتچىسى قېرىندىشىم

بىسمىللاھىررەھمانىر رەھىم

 

قۇرئان ئەمەل قىلىش ئۈچۈن نازىل بولغان كىتاب

ئاللاھ تائالا «قۇرئان كەرىم»نى ئۇنىڭ ئوقۇش قائىدىسىگە رىئايە قىلغان ھالدا توغرا ئوقۇپ، مەنىسىنى توغرا چۈشىنىپ، مەقسەت ۋە غايىلىرىنى بىلىپ، بىزدىن تەلەپ قىلغىنى بويىچە ئەمەل قىلىش ئۈچۈن نازىل قىلغان. «ساڭا بۇ مۇبارەك كىتابنى ئايەتلىرىنى تەپەككۇر قىلسۇن ۋە ئەقىل ئىگىلىرى ۋەز _ نەسىھەت ئالسۇن دەپ نازىل قىلدۇق» (ساد سۈرىسى: 29-ئايەت). ئەپسۇسكى، مۇسۇلمانلارنىڭ «قۇرئان كەرىم» بىلەن بولغان چوڭ ئالاقىسى ئۇنى تىلاۋەت قىلىشتىن ئىبارەت بولۇپ قالغان. ئۇلار «قۇرئان كەرىم»نى ئۇنىڭ مەنىسىنى تەپەككۇر قىلىپ، ئويلاپ، مەقسەتلىرىنى چۈشىنىپ ئەمەل قىلىشنىڭ ۋەسىلىسى قىلماستىن، بەلكى ئۇنىڭ تېكىستىنى تىلاۋەت قىلىشقىلا كۇپايە قىلىدىغان بولۇپ قالغان.

ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن: «ئاللاھ قۇرئاننى ئۇنىڭ روھى بويىچە ئەمەل قىلىش ئۈچۈن نازىل قىلغان تۇرسا، كىشىلەر ئۇنى تىلاۋەت قىلىشنى ئەمەل سانىۋالدى». فۇزەيل ئىبنى ئىياز مۇنداق دېگەن: «قۇرئان ئەمەل قىلىش ئۈچۈن نازىل بولغان بولسىمۇ، كىشىلەر ئۇنى تىلاۋەت قىلىشنى ئەمەل دەۋالغان». مۇسۇلمانلار قۇرئاننىڭ لەۋزى بىلەنلا مەشغۇل بولۇپ قېلىپ، ئۇنىڭ مەنىسىگە ئەھمىيەت بەرمىگەنلىكتىن، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ئىززەت _ ئابرۇيىنىڭ، كۈچ _ قۇۋۋىتىنىڭ ۋە قەد كۆتۈرۈشىنىڭ مەنبەسىدىن مەھرۇم قالغان. ئۇلار شۇنداق قىلىپ يولىنى يۇرۇتىدىغان چىراغنى ئۆز قولى بىلەن ئۆچۈرۈپ قويغان. نەتىجىدە، باشقىلارنىڭ سايىسىدا، ئۇلارنىڭ رەھىم _ شەپقىتىگە تايىنىپ ھايات كەچۈرىدىغان، قەدىر _ قىممىتىنى ۋە ئېتىبارىنى يوقىتىپ قويغان بىر ئۈممەتكە ئايلىنىپ قالغان. ئۆتمۈشلەردە دۇنيانى سورىغان سەلتەنەتلىك مۇسۇلمانلار بۈگۈنكى كۈندە باشقىلارنىڭ سەلتەنىتىگە بېقىنىدىغان بولۇپ قالغان. ئۇلارنى ئەسلىدىكى سەلتەنىتىگە ۋە ئىززەت _ ئابرۇيىغا ئېرىشتۈرىدىغان سېھىرلىك كۈچ ئۇلارنىڭ قولىدا بار. ئەمما ئۇلار ئۇنىڭ لەۋزىنى تىلاۋەت قىلىشقا كۇپايە قىلىپ، مەنىسىگە ئەھمىيەت بەرمىگەنلىكتىن، ئۇنىڭ كۈچىدىن پايدىلىنالماي كەلمەكتە.

 «قۇرئان كەرىم» تىلاۋەت قىلىنىدىغان يېگانە كىتابتۇر

«قۇرئان كەرىم» مەنىسىنى بىلمىسىمۇ ئوقۇسا ساۋاب بولىدىغان يېگانە كىتابتۇر. بۇ «قۇرئان كەرىم»نىڭ ئۇلۇغلۇقى سەۋەبتىندۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام «ئاللاھنىڭ كىتابىدىن بىر ھەرپ ئوقۇغان كىشى بىر ساۋابقا ئېرىشىدۇ، بۇ بىر ساۋاب ئون ھەسسىگە كۆپەيتىپ بېرىلىدۇ. ‹ئەلىف، لام، مىم›نى بىر ھەرپ دەپ ھېسابلىمايمەن، بەلكى ‹ئەلىف› بىر ھەرپ، ‹لام› بىر ھەرپ، ‹مىم› بىر ھەرپتۇر» (ئىمام تىرمىزى رىۋايىتى. دەپ كۆرسەتكەن. ئەمما ئىلگىرىكى «تەۋرات»، «ئىنجىل» ۋە «زەبۇر» قاتارلىق ساماۋى كىتابلارنىڭ ھېچقايسىسىنى تىلاۋەت قىلغانغا ساۋاب ۋەدە قىلىنمىغان، ھەتتا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەدىسلىرىنىمۇ ئوقۇغانغا ساۋاب ۋەدە قىلىنغان ئەمەس، پەقەت ئەمەل قىلغان ساۋاب بېرىلىدۇ. 

قۇرئان ئوقۇشتىن ئاساسلىق مەقسەت ئۇنىڭدىن تەسىرات ئېلىشتۇر

قۇرئان ئوقۇغاننىڭ پايدىسىنى مۇشۇ دۇنيادا كۆرەي دېگەن ئادەم چوقۇم ئۇنى ئۇنىڭدىن تەسىر ئالغۇدەك دەرىجىدە ۋايىغا يەتكۈزۈپ تىلاۋەت قىلىشى كېرەك. ھازىرقى مۇسۇلمانلار ھەممىدىن بەك قۇرئاننىڭ تەسىرىگە موھتاج . ئۇنىڭ مۆجىزىلىرىنىڭ ئەڭ سەرخىلى كىشىلەرنىڭ قەلبىگە تەسىر قىلىپ، ئۇنى ئۆزىگە قارىتىش مۆجىزىسىدۇر. شۇ سەۋەبتىن ئۆز ۋاقتىدىكى ئەرەب مۇشرىكلىرى تەۋەلىرىنى قۇرئاننى ئاڭلاپ قېلىشتىن توسقان. بىز «قۇرئان كەرىم»نىڭ ھاياتىمىزنى تۈپتىن ئۆزگەرتىۋېتەلەيدىغان دەرىجىدىكى زور تەسىرىگە ئېرىشەلمەستىن، ئۇنى قانچىلىك كۆپ تىلاۋەت قىلساقمۇ ئۇنىڭدىن كۆزلىگەن پايدىنى ئالالمايمىز. چۈنكى ئاۋۋالقى مۇسۇلمانلارنى غەلىبىگە ئېرىشتۈرگەن نەرسە «قۇرئان كەرىم»نىڭ تەسىرى ئىدى. شۇڭا «قۇرئان كەرىم»نى تىلاۋەت قىلىشتىن بىرىنچى مەقسەت ئۇنىڭدىن تەسىرات ئېلىشتىن ئىبارەت بولۇشى لازىم.

قۇرئاننىڭ تەسىرىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن ئۇنى  ئاز بولسىمۇ ھەر كۈنى تىلاۋەت قىلىپ تۇرۇشنى ئادات قىلىش، تىلاۋەت قىلغاندا، تىنچ ئورۇننى تاللاپ، ئۆزىگە ئاڭلانغۇدەك مىقداردا ئاۋازنى چىقىرىپ، ئالدىرىماي، مەنىسىنى چۈشىنىپ ئوقۇش لازىم. ئىمكانقەدەر قۇرئاننى يىغلاپ تۇرۇپ ئوقۇش تولىمۇ ياخشىدۇر. چۈنكى مۇنداق قىلىش ھېسسىياتنى ئۆرلىتىش، دىلنى يۇمشىتىش رولىغا ئىگە. بىرەر ئايەتتىن تەسىرات ھاسىل قىلغان ۋاقتىمىزدا، شۇ ئايەتنى قايتا-قايتا ئوقۇشىمىز لازىم. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ «ئەگەر ئۇلارغا ئازاب قىلساڭ، ئۇلار سېنىڭ بەندىلىرىڭدۇر. ئەگەر ئۇلارغا مەغپىرەت قىلساڭ، سەن غالىبسەن، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر» (مائىدە سۈرىسى118-ئايەت) دېگەن ئايەتنى تەھەججۇد نامىزىدا بىر كېچە تەكرارلاپ چىققانلىقى رىۋايەت قىلىنغان.

قۇرئاننى ئوقۇش، يادلاش ، مەنىسىنى چۈشىنىش، ئۇنى باشقىلارغا ئۆگىتىش ۋە ئۇنىڭ ئەھكاملىرىنى ئۆگىنىش ھەم ئەمەل قىلىش بىلەن شۇغۇللانغۇچىلار ئىنسانلارنىڭ ئەڭ سائادەتمەنلىرى ۋە ئەڭ سەرخىللىرىدۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «سىلەرنىڭ ئەڭ ياخشىلىرىڭلار قۇرئاننى ئۆگەنگەن ۋە ئۆگەتكەنلەردۇر» (ئىمام بۇخارى رىۋايىتى) دەپ كۆرسەتكەن.

مۇسۇلمانلارنىڭ شان – شەرىپى قۇرئان بىلەندۇر

ئاللاھ تائالا «قۇرئان كەرىم»نىڭ مۇسۇلمانلار ئۈچۈن بەخت _ سائادەتنىڭ مەنبەسى بولغىنىدەك، ئۇلارنىڭ  شان _ شەرىپنىڭ ۋە ئىززىتىنىڭ مەنبەسى ئىكەنلىكىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېگەن: «ھەقىقەتەن سىلەرگە سىلەرنىڭ شان_ شەرىپىڭلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كىتاب (قۇرئان)نى نازىل قىلدۇق. ئەقلىڭلارنى ئىشلەتمەمسىلەر؟» (ئەنبىيا سۈرىسى، 10-ئايەت).

  ئاۋۋالقى مۇسۇلمانلار بارچە كۈچىنى «قۇرئان كەرىم»دىن ئالغان. ئۇلار «قۇرئان كەرىم»نىڭ نېمە مەقسەت بىلەن نازىل بولغان كىتاب ئىكەنلىكىنى تونۇغان ۋە ئۇنىڭ روھى بويىچە ئەمەل قىلغان. شۇڭا ئۇلارنىڭ سەلتەنىتى قىسقىغىنا ۋاقىت ئىچىدە ئەرەب يېرىم ئارىلىدىن ھالقىپ، ئۈچ قىتئەگە يۆتكەلگەن. ئۇلار دۇنيادا ئادالەت بىلەن ھەققانىيەتنى ئومۇملاشتۇرغان ئىدى.

ئەمما ئەپسۇسكى، ئىسلامنىڭ ئالتۇن دەۋرلىرىدىن كېيىنكى ۋە ھازىرقى مۇسۇلمانلاردا «قۇرئان كەرىم» ھازىر ۋە غائىب ھالەتتە بولۇپ قالغان. ھازىر دېگىنىمىز «قۇرئان كەرىم»نىڭ مۇسۇلمانلارنىڭ قولىدا، قارىيلارنىڭ دىلىدا بار ئىكەنلىكىنى، غائىب دېگىنىمىز «قۇرئان كەرىم»گە ئەمەل قىلىشنىڭ يوقالغانلىقىدىن ئۇنىڭ روھىنىڭ، مۆجىزىسىنىڭ ۋە ھاياتتىكى باشلامچىلىق رولىنىڭ بىزنىڭ ھاياتىمىزدا يوقالغانلىقىنى ئىپادىلەيدۇ. ئەمەلىيەتتە، بىز مۇسۇلمانلار قۇرئان ئوقۇپ ساۋاب تېپىشقا كۇپايە قىلىپ، ئۆزىمىزنى چوڭ ساۋابلىق ئىش قىلغانلار قاتارىدا ساناپ كېلىۋاتىمىز.

ئەللامە مۇھەممەد غەززالىي مۇنداق دېگەن: «بىز قۇرئاننى ھاياتىمىزدا ھەرىكەتلىنىپ تۇرىدىغان ئېنېرگىيەگە ئايلاندۇرۇشىمىز لازىم. ئەمما ئۇنى ئۆيلەردە، دۇكانلاردا ۋە ئىش ئورۇنلىرىدا ساقلاپ تەۋەررۈك قىلىشقا ياكى قۇرئاننى ئېچىپ بىر ياكى ئىككى ئايەت ئوقۇپلا يېپىپ قويۇشقا بولمايدۇ» («كيف نتعامل مع القرآن» (قۇرئانغا قانداق مۇئامىلە قىلىمىز؟) ناملىق ئەسەر، 59-بەت).

   توغرا، قۇرئاننى ئوقۇپ قويغان بىلەنلا ئىش پۈتمەيدۇ، مەسىلە ھەل بولمايدۇ ۋە مەقسەت ئادا بولمايدۇ. چۈنكى ئەرەب تىلىدىكى«تىلاۋەت» سۆزى «تَلى، يَتْلُو» دېگەن سۆز يىلتىزىدىن چىققان بولۇپ، مەنىسى داۋاملاشتۇرۇش، ئارقىسىدىن يۈرۈش دېگەننى بىلدۈرىدۇ. ئەرەب تىلىدا، بىراۋ يەنە بىرىنىڭ ئارقىسىدىن ئەگىشىپ ماڭغاننى «يتلو» دەيدۇ. دېمەك، قۇرئان تىلاۋەت قىلىش دېگەن بىر قانچە ئايەت ياكى بىر قانچە سۈرىنى ئوقۇپ قويۇش ئەمەس، بەلكى ئوقۇغاننىڭ مەنىسىنى بىلىپ، روھىغا ئەمەل قىلىشنى داۋاملاشتۇرۇش، قۇرئاننىڭ كۆرسەتمىلىرى بويىچە ئىش كۆرۈشتىن توختاپ قالماسلىق دېگەننى ئىپادىلەيدۇ.

ئىمام ھەسەن بەننا مۇنداق دېگەن: «قۇرئان يۇقىرى ئۇپۇقتىن مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ قەلبىگە تۇمار قىلىپ ئېسىۋېلىش ياكى مازار بېشىدا ئوقۇش ياكى مۇسىبەتلەردە تىلاۋەت قىلىش ياكى قارىيلارنىڭ دىلىدا، ياكى كىتاب ھالىتىدە ساقلاش ياكى ئۆزىنى يادلاپ ئەھكاملىرىنى تاشلاپ قويۇش ئۈچۈن نازىل بولغان كىتاب ئەمەس، بەلكى ئۇ ئىنسانىيەتنى بەختلىك ھاياتقا باشلاش ئۈچۈن نازىل بولغان كىتابتۇر. «سىلەرگە ئاللاھ تەرىپىدىن نۇر ۋە روشەن كىتاب كەلدى. ئاللاھ شۇ كىتاب ئارقىلىق رازىلىقىنى تىلىگەنلەرنى سالامەتلىك يوللىرىغا يېتەكلەيدۇ، ئىرادىسى بويىچە ئۇلارنى (كۇفرىنىڭ) قاراڭغۇلۇقىدىن (ئىماننىڭ) نۇرىغا چىقىرىدۇ ۋە ئۇلارنى توغرا يولغا ھىدايەت قىلدى » (مائىدە سۈرىسى -16-ئايەتلەر). 

ئاۋۋالقى مۇسۇلمانلار «قۇرئان كەرىم»نىڭ پەزىلىتىنى بىلگەن. شۇڭا ئۇلار ئۇنى ھاياتىنىڭ دەستۇرى ۋە قانۇن _ تۈزۈملىرىنىڭ مەنبەسى، قەلبىنىڭ نۇرى، ئىبادەتلىرىنىڭ ئاساسلىقى قىلىۋالغان. ئۇلار «قۇرئان كەرىم»نى چۈشىنىپ ئوقۇش ۋە مەنىسىگە ئەمەل قىلىش ئۈچۈن ئۇنىڭغا قەلبىنى ئاچقان، ئۇنىڭ ئۇلۇغۋار ھەۋزى كەۋسىرىدىن قانغۇچە ئىچكەن، شۇنىڭ بىلەن روھىنى سۇغارغان. شۇڭا ئاللاھ تائالا ئۇلارغا دۇنيانىڭ سەلتەنىتىنى ئاتا قىلغان. ئاخىرەتتە بولسا ئۇلارغا يۇقىرى دەرىجىلىك جەننەتلەرنى ۋەدە قىلغان. ئەپسۇسكى، بىز ئۇلارغا ئوخشاش بولالمىدۇق، ئۇلارنىڭ ئىرادىسىگە ۋارىسلىق قىلالمىدۇق. بۇ سەۋەبتىن ھازىرقى ھالغا چۈشۈپ قالدۇق. دۇنيالىق ئىشلىرىدا ئاجىز، دىنىي ئىشلاردا زەئىپ بولۇپ قالدۇق» («نظرات في كتاب الله» (ئاللاھنىڭ كىتابى ھەققىدە ئىزدىنىش) ناملىق ئەسەرنىڭ 34-بېتىدىن). (مۇھەممەد يۇسۇف قاراجىم تەييارلىغان «قۇرئان كەرىم ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى» ئاخىرقى نۇسخىدىن قىسمەن پايدىلىنىلدى).  

         ئاللاھ تائالا «سۆزلەرنىڭ ئەڭ چىرايلىقى بولغان قۇرئاننى نازىل قىلدى»[زۇمەر سۈرىسى، 39/23.] ۋە «ئى ئىنسانلار! رەببىڭلار تەرىپىدىن سىلەرگە نازىل قىلىنغان قۇرئانغا ئەگىشىڭلار»[ئەئراف 7/3؛ زۇمەر 39/55.] دەپ پۈتكۈل ئىنسانىيەتنى قۇرئان كەرىمگە ئەگىشىشكە بۇيرۇدى، شۇنداقلا «مانا بۇ قۇرئان، بىز نازىل قىلغان مۇبارەك كىتابتۇر. بۇنىڭغا ئەگىشىڭلار، بۇنىڭغا خىلاپلىق قىلىشتىن ساقلىنىڭلار، شۇنداق قىلساڭلار رەھمەتكە ئېرىشەلەيسىلەر»[ئەنئام 6/155] دەپ رەھمەتكە ئېرىشىش ئۈچۈن قۇرئانغا بويسۇنۇشنىڭ شەرت ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى.

       تارىختىن بېرى بۇ شەرتنى ئورۇنلىغانلار رەھمەتكە ئېرىشىپ كەلدى. مەسىلەن: ئىسلامنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىدىكى مۇسۇلمانلار پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يېتەكچىلىكىدە قۇرئان كەرىمگە تولۇق ئەمەل قىلغانلىقى ئۈچۈن ئۆزلىرى ياسىۋالغان بۇتلارغا ۋە ئۆزلىرىگە ئوخشاش ئىنسانلارغا قۇل بولۇشتىن قۇتۇلۇپ، كىشىلىك ئىرادىسىنى مۇستەقىل ھالدا ئىشلىتەلەيدىغان، شۇنداقلا ئۆز ئىختىيارى بىلەن بىر ئاللاھ غىلا قۇللۇق قىلىدىغان سەۋىيەگە يەتتى (ھەر ھالدا ئىنسانلار ئارزۇ قىلىدىغان ئەركىنلىكنىڭ ئەڭ يۇقىرى پەللىسى بۇ بولسا كېرەك!).

       يەنە بىر تەرەپتىن بىر ئىسلام ئۈممىتى مەيدانغا كەلگەن بولۇپ، بۇ ئۈممەت ئەتراپتىكى رايونلاردا ياشاۋاتقان ئىنسانلارنىڭ يۇرتىغا ئادالەت، قەلبىگە تەۋھىد ئېلىپ كىرىش ئۈچۈن بار-يوقىنى ئاتىدى. نەتىجىدە نۇرغۇن ئىنسانلار مۇسۇلمان بولدى، كۆپلىگەن زېمىنلار پەتىھ قىلىنىپ ئىسلام دىيارىغا ئايلاندى.

       تەلەپكە لايىق مۇسۇلمان بولۇشنىڭ ، شۇنداقلا دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە ئاللاھ تائالانىڭ رەھمىتىگە ئېرىشىشنىڭ بىرلا يولى بار. ئۇ بولسىمۇ قۇرئانغا قايتىشتىن ئىبارەت. چۈنكى «بۇ قۇرئان ئەڭ توغرا يولغا باشلايدۇ»[ئىسرا 17/9]، «ئۇ ھەقىقەتەن غالىب، ھېچبىر تەرىپىدىن باتىل ئارىلاشمىغان ۋە ئارىلاشمايدىغان بىر كىتابتۇر. ئۇ، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلىدىغان ۋە ھەر ئىشىنى ياخشى قىلىدىغان زات تەرىپىدىن نازىل قىلىنغان»[فۇسسىلەت 41/41- ۋە 42- ئايەتلەر]، «ئۇ، ناھايىتى كەسكىن بىر سۆزدۇر. ئۇ، ھەرگىزمۇ چاقچاق ئەمەستۇر»[تارىق 86/13، 14]، «ئۇ، ھەممە نەرسىنى ئىنچىكە بايان قىلغۇچىدۇر»[يۇسۇف 12/111]، «ئۇ ئىنسانلارغا يېتەكچىدۇر، توغرا يولغا باشلىغۇچى ۋە ھەق بىلەن ناھەقنى ئايرىغۇچى روشەن ئايەتلەردۇر» [بەقەرە 2/185].

       تارىختىن بويان مۇسۇلمانلار ئالىملىرى قۇرئان كەرىمنىڭ ئەمەل قىلىنىشىغا خىزمەت قىلىش ئۈچۈن ھەربىرى قوللىرىدىن كەلگەن بارلىق تىرىشچانلىقلارنى كۆرسەتتى. ئون مىڭلىغان ئەسەرلەرنى قەلەمگە ئالدى. تەپسىرلەرنى يېزىپ قالدۇردى. قۇرئان كەرىمنى ئۆز تىللىرىغا تەرجىمە قىلىش ئارقىلىق ئەرەبچە بىلمەيدىغان مۇسۇلمانلارنىڭ قۇرئان كەرىمنىڭ مەزمۇنىدىن خەۋەردار بولۇشىغا ۋەسىلە بولۇشقا تىرىشتى.

مەلۇم بولۇشىچە، دۇنيادا ھازىرغىچە «قۇرئان كەرىم» 140 تىن كۆپرەك مىللەتنىڭ تىلىغا تەرجىمە قىلىنىپ بولغان ۋە ھەرخىل تەرجىمە نۇسخىلىرى 1200 دىن ئاشقان. ھازىرقى تۈركىيە تۈركچىسىدىمۇ «قۇرئان كەرىم»نىڭ 300 (مۇھەممەد يۇسۇف قاراجىمنىڭ تەرجىمىسىدە 100 دەپ ئېلىنغان) خىلدىن كۆپرەك تەرجىمىسى بارلىقى مەلۇم. ئۇيغۇرلار تۈرك تىللىق خەلقلەر ئىچىدە «قۇرئان كەرىم»نى ئەڭ دەسلەپ تەرجىمە ۋە تەپسىر قىلغان خەلق بولۇپ، مىلادىيە 12-ئەسىرنىڭ باشلىرىدىلا ئاتاقلىق تىلشۇناس بوۋىمىز مەھمۇد قەشقەرىنىڭ ئۇستازى ھۈسەين ئىبنى ئەلى ئىبنى خەلەف دېگەن كىشى «قۇرئان كەرىم»نى ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلغان ئىكەن. ھازىر بۇ تەرجىمە نۇسخىسىنىڭ سەككىز خىل قول يازما نۇسخىسى تولۇق ياكى تولۇقسىز ھالەتتە چەتئەللەرنىڭ مۇزېيلىرىدا ياكى كۇتۇپخانىلاردا ساقلىنىۋاتقانلىقى مەلۇم. 1735- يىلىدىن 1756- يىلىغىچە يەكەندە ھۆكۈمدارلىق قىلغان خوجا ياقۇب (ۋاپاتى: 1756م) دېگەن كىشى دۆلەت خىراجىتى بىلەن «قۇرئان كەرىم»نىڭ ئۇيغۇرچە تەپسىرىنى يازدۇرۇپ نەشر قىلدۇرغان. مۇھەممەد سادىق كاشىغەرىي (ۋاپاتى: 1849م) «قۇرئان كەرىم تەپسىرى» نامىدا بىر ئەسەر قەلەمگە ئالغان. قاغىلىقتا ئۆتكەن ھۈسەيىنخان تەجەللى دېگەن كىشىنىڭ 1910- يىلى «قۇرئان كەرىم»نىڭ ئۇيغۇرچە تەپسىرىنى يېزىپ چىققانلىقى، شەمسىدىن داموللامنىڭ تەجەللىنىڭ تەرجىمىسىدىن كېيىن «قۇرئان كەرىم تەپسىرى»نى يېزىپ چىققانلىقى، يەنە شۇ يىلى چۆچەكتە يۈسۈپ داموللام دېگەن كىشىنىڭ «قۇرئان كەرىم»نىڭ قىسمەن تەپسىرىنى تاماملاپ چىققانلىقى مەلۇم. سابىت داموللا ھاجىم شىڭشىسەينىڭ تۈرمىسىدە، 1937- يىلىدىن ئۆمرىنىڭ ئاخىرىغىچە كۈچ سەرپ قىلىپ، «روشەن بايان تۈركىي تەپسىرۇل قۇرئان» دېگەن ئۇيغۇرچە تەپسىرنى يېزىپ چىققان بولۇپ، ئۇنىڭ 30- پارىسى 1948- يىلى غۇلجىدا بېسىپ تارقىتىلغان. بۇ تەپسىرنىڭ قوليازما نۇسخىسىنى سابىت داموللامنىڭ ئوغلى ئابدۇللاھ 1961- يىلى غۇلجىدىن ئېلىپ كېلىپ، ئاپتونوم رايونلۇق مىللەتلەر تەتقىقات ئورنىغا تاپشۇرغان ئىكەن. 1955- يىلى مۇھەممەد زىرىپ قارىھاجىم غۇلجىدا «قۇرئان كەرىم»نى ئۇيغۇرچە تەپسىر قىلىپ چىققان بولۇپ، 2018-يىلى ئىستانبۇلدا نەشر قىلىنغان. (مەنبە: غەيرەتجان ئوسمان، «قۇرئان كەرىم»نىڭ ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىنىشى ھەققىدە قىسقىچە ئەسلەتمە، ئۇيغۇرچە «جۇڭگو مۇسۇلمانلىرى» ژۇرنىلى جەۋھەرلىرى، ھىدايەت گۈلزارى (2)، مىللەتلەر نەشرىياتى، 2007، 140-142.)  بۇ كىشىنىڭ 1926- يىلى قەشقەردە يېزىپ چىققان «ئەممە پارىسىنىڭ تەپسىرى» ناملىق ئەسىرى 1987- يىلى قاتاردا فاكسىمىل قىلىپ، ئەسلىدىكى چاغاتاي يېزىقىدا بېسىپ تارقىتىلغان. كېيىنچە 2003- يىلى شۇ فاكسىمىل نۇسخىسىغا ئاساسەن سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ جىددە شەھىرىدە ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدا نەشر قىلىنغان. زامانىمىزغا قەدەر ئۇيغۇر ئۆلىمالىرى تەرىپىدىن «قۇرئان كەرىم»نىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمە ۋە تەپسىرلىرى خېلى كۆپ مەيدانغا كەلگەن بولسىمۇ، ئەپسۇسكى، كۆپلىرى نەشر قىلىنىش پۇرسىتىگە ئېرىشەلمەي يوقۇلۇپ كەتكەن، يەنە نۇرغۇنلىرى نابۇت قىلىنغان.

1986- يىلى ئەللامە مۇھەممەد سالىھ داموللاھاجىم «قۇرئان كەرىم»نى ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىپ نەشر قىلدۇردى. بۇ تەرجىمە ئۇيغۇرلارنىڭ قولىدا «قۇرئان كەرىم»نىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى بولماسلىقتەك چوڭ بىر بوشلۇقنى تولدۇرغان بولدى. تۈركىيە دىنىي ئىشلار باشقارمىسى قۇرئان كەرىمنىڭ مەزكۇر ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىنى 2016 - يىلى 2000 تىراژدا، 2017 - يىلى  5000 ۋە 2019-يىلى 3000 تىراژدا بېسىپ دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا ھەدىيە قىلدى. 2012- يىلى «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىسلام جەمئىيىتى» تەرىپىدىن «قۇرئان كەرىم»نىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى نەشر قىلىنىپ تارقىتىلدى. 2017-يىلىغا كەلگەندە ئەنەس ئالىم تەييارلىغان «قۇرئان كەرىم ۋە ئىزاھلىق تەرجىمىسى» نەشر قىلىندى. 2020-يىلى بولسا مۇھەممەد يۇسۇف قاراجىم تەييارلىغان «قۇرئان كەرىم ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى » ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى بىلەن يۈز كۆرۈشتى. شۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ قولىدا تۆت خىل ئۇيغۇرچە قۇرئان كەرىم تەرجىمىسى بار بولدى، ئەلھەمدۇلىللاھ. ھەرقانداق  بىر تىلدا «قۇرئان كەرىم»نىڭ بىر قانچە خىل تەرجىمىسىنىڭ بولۇشى ناھايىتى ياخشى. چۈنكى ئۇلار بىر-بىرىنى تولۇقلايدۇ، ئوخشىمىغان چۈشەنچە ۋە ئوخشىمىغان پىكرىي چوڭقۇرلۇق بىلەن تەمىنلەيدۇ. مۇشۇ نۇقتىدىن ئېيتقاندا تەرجىمىنىڭ كۆپ بولۇشى پايدىلىقتۇر.

       بۇ قۇرلارنى ئوقۇۋاتقان سىز ۋە بىز بۈگۈن تور ئومۇملاشقان، «ئۇچۇر دەۋرى» دەپ ئاتالغان بىر دەۋردە ياشاۋاتىمىز. ئىنتېرنېتنىڭ نۇرغۇن مەنپىي تەرەپلىرى بولسىمۇ پايدىلىنىشنى بىلەلىسەك قىلماقچى بولغان نۇرغۇن ياخشى ئىشلىرىمىز ئۈچۈن ياخشى بىر ۋاسىتىمۇ بولالايدۇ. نەتىجىدە ئىنتېرنېت بىر ئۇچۇر ۋاسىتىسى بولۇپ، ۋاسىتىدىن قانداق پايدىلىنىش بىزگە باغلىق.

«قۇرئان كەرىم» تور بېكىتى ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنى قۇرئان كەرىم بىلەن ئۇچراشتۇرۇش، شۇنداقلا قۇرئان كەرىمگە ئېرىشىشىنى ئاسانلاشتۇرۇش، دەۋرنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن ھەرىكەت قىلىش ئۈچۈن بىر قېرىندىشىمىز تەرىپىدىن 2002- يىلى قۇرۇلغان. 2006-يىلىغا كەلگەندە ئۇشتۇمتۇتلا تور بېكەتنىڭ باشقۇرۇشى بىزنىڭ قولىمىزغا ئۆتۈپ قالدى. تۇنجى قۇرغۇچىسىمۇ بىزنىڭ ۋەتەن سىرتىدا ئىكەنلىكىمىزنى، شۇنداقلا مەقسىتىمىزنى بىلگەندىن كېيىن توربەتنىڭ بىزنىڭ قولىمىزدا رولىنى جارى قىلدۇرۇشىغا قوشۇلۇپ بىزگە كۆڭۈل رازىلىقى بىلەن ئۆتكۈزۈپ بەرگەن بولدى. شۇنىڭدىن بېرى قۇرئان كەرىم تور بېكىتى بىر نەچچە قېتىم يېڭىلاندى، داۋاملىق يېڭى ئىقتىدارلار قوشۇلدى، قوشۇلماقتا. مەزكۇر توربەتكە قۇرۇلغان كۈندىن ھازىرغىچە خىزمىتىنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن بىردىنبىر مەخسۇس قۇرئان كەرىم توربېكىتى بولۇپلا قالماي بىردىنبىر دىنى توربېكەت.

2017 - يىلىغا كەلگەندە زاماننىڭ تەلىپىگە ئاساسەن «قۇرئان كەرىم» ئەپ دېتالىنى لايىھەلەپ مۇھەممەد سالىھ داموللاجىمنىڭ تەرجىمىسى بىلەن بىر نەچچە قارىينىڭ تىلاۋىتى قوشۇلغان تۇنجى نۇسخىسىنى ئالما ۋە ئاندىرويىد نۇسخىسىنى تارقىتىش نېسىپ بولدى.

ئالما نۇسخىسى: https://apps.apple.com/app/id1203681641

ئاندىرويىد نۇسخىسى: https://play.google.com/store/apps/details?id=com.ewlat.qurankerim

شۇندىن بېرى مەزكۇر ئەپ دېتالمۇ داۋاملىق يېڭىلىنىپ كەلمەكتە. تور بېكەت ۋە مەزكۇر ئەپ دېتالغا نۇرغۇن ئىقتىدارلار قوشۇلدى ۋە داۋاملىق قوشۇلماقتا. ھازىرغىچە قوشۇلغان بەزى ئىقتىدارلارنى مۇنداق خۇلاسىلەش مۇمكىن:

-      ئەپ دېتالنىڭ كۆرۈنمە يۈزى كۆپ تىللىق قىلىندى (يەنى ئەپ دېتال ۋە توربېكەت ئۇنىۋېرساللاشتۇرۇلدى. ئەمدى باشقا تىلللىقلارغىمۇ تەۋسىيە قىلالايسىز. بۇ ئىقتىدار ھازىرچە توربەتكە بىلەن ئاندىرويىد نۇسخىلىرىلا مەۋجۇت بولۇپ، ئالما نۇسخىسىمۇ يېقىندا كۆپ تىللىق بولىدۇ، ئىنشائاللاھ!)؛

-      باشقا قۇرئان كەرىم ئەپ دېتاللىرىدىكى ئارتۇقچىلىقلاردىن ئۆرنەك ئالغان ئاساستا يېڭىدىن ۋە ئۆزگىچە لايىھەلەنگەن؛

-      كېچە ۋە كۈندۈز كۆرۈنۈش تەڭشىكى؛

-      ئايەت ئەرەبچە ئەسلىدىن ياكى مەلۇم بىر تەرجىمىدىن ئىزدەش ئىقتىدارى؛

-      قۇرئان كەرىم توربېكىتى ۋە ئەپ دېتالنىڭ كۆرۈنمە يۈزى كۆپ تىللىق قىلىپ لايىھەلەنگەن بولۇپ، 20 دىن ئارتۇق تىلدا ئىشلىتەلەيسىز؛

-      سۈرە، بەت ۋە پارە ئالماشتۇرۇش ئىقتىدارى ئەلالاشتۇرۇلدى، سۈرىلەرنىڭ مەككە ياكى مەدىنىدە نازىل بولغانلىقى كەبە ۋە مەدىنە رەسىملىرى ئارقىلىق ئىپادىلەندى؛

-      خەتمىقۇرئان سەھىپىسى قوشۇلغان بولۇپ، بۇ سەھىپە ئارقىلىق دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى قېرىنداشلىرىڭىز بىلەن خەتمىقۇرئان ئۆتكۈزەلەيسىز؛

-      قۇرئان كەرىمنىڭ 3 خىل (مەدىنە، پاكىستان ۋە تۈركىيە) نۇسخىسى قوشۇلدى؛

-      تۆت خىل ئۇيغۇرچە تەرجىمە (مۇھەممەد سالىھ داموللاجىم، ھەيئەت، ئەنەس ئالىم، مۇھەممەد يۇسۇف) قوشۇلدى؛

-      باشقا تىللاردىكى (17 تىلدا)  تەرجىمىلىرى بىلەن سېلىشتۇرۇپ ئوقۇش ئىقتىدارى قوشۇلدى؛

-      ھەر خىل تىللاردىكى تەرجىمىلەر. تەرجىمىلەرنى ئايرىم ئوقۇش، سېلىشتۇرۇپ ئوقۇش ۋە ھەمبەھرىلەش ئىقتىدارى قوشۇلدى؛

-      تىلاۋەت سەھىپىسىنىڭ كۆرۈنۈشى ئالماشتۇرۇلدى؛

-      تىلاۋەتلەرنى چۈشۈرۈۋېلىپ تورسىز ئاڭلاش ۋە ھەمبەھرىلەش ئىقتىدارى قوشۇلدى. (تىلاۋەت سەھىپىسىدىكى مەلۇم بىر قارىينىڭ تىلاۋىتىنىڭ مەلۇم بىر سۈرىسىنى ھەمبەھىرلىيەلەيسىز)؛

-      تىلاۋەت ئاڭلاش سەھىپىسىگە بەش ئۇيغۇر قارىينىڭ 30 پارە تولۇق تىلاۋىتى، ئۇندىن باشقا بىر نەچچە ئۇيغۇر قارىيقۇرئان قېرىندىشىمىزنىڭ بىر نەچچە پارىدىن تىلاۋەتلىرى قوشۇلدى. تۈرك قارىيلاردىن ئىسھاق دانىشنىڭ، ئەرەب قارىيلاردىن 40 تىن كۆپ قارىنىڭ تىلاۋىتى قوشۇلدى. تىلاۋەتلەرنى چۈشۈرۈۋېلىپ تورسىز مۇھىتتىمۇ ئاڭلىغىلى بولىدۇ. تىلاۋەت سەھىپىسىدە يېڭى ئۆگەنگۈچىلەر ئۈچۈن تەييارلانغان ئىككى خىل مۇسھەف مۇئەللىم مەۋجۇت ؛

-      قۇرئان كەرىم ئۇيغۇرچە ئاۋازلىق تەرجىمىسىدىن 5 خىل ئاۋازلىق تەرجىمە نۇسخىسى قوشۇلدى؛

-      باشقا تىللاردىكى (تۈركچە ئۈچ خىل، ئوردۇچە ، رۇسچە، كورىيەچە، ئىسپانچە، گېرمانچە، فىرانسۇزچە ، فىلىپپىنچە ، پارسچە ، ئازەرىچە، خەنزۇچە) ئاۋازلىق قۇرئان تەرجىمەلىرىدىن 13 خىل ئاۋازلىق تەرجىمە قوشۇلدى؛

-      ئۈچ خىل (ئىبنى كەسىر، تەپسىرى مۇيەسسەر ۋە زىرىپ قاراجىم تەپسىرى) ئۇيغۇرچە تەپسىر قوشۇلدى . (تۆتىنچىسى تەييارلىنىۋاتىدۇ!)؛

-      ئەرەبچە 7 خىل تەپسىر قوشۇلدى؛

-      دۇئالار – زىكىرلەر سەھىپىسى قوشۇلدى. (ھەربىر دۇئانى رەسىملىك بەھىرلەش ئىقتىدارى مەۋجۇت)؛

-      قۇرئاندىكى تېمىلار سەھىپىسى قوشۇلدى: مەلۇم بىر تېمىدىكى ئايەتلەرنى بىرلىكتە ئوقۇيالايسىز؛

-      رەسىملىك تەبرىك، دۇئا يوللاش سەھىپىسى؛

-      ھەربىر ئايەتنى رەسىملىك ساقلىۋېلىپ ھەمبەھرىلەش ئىقتىدارى قوشۇلدى؛

-      مەدىنە نۇسخىسىغا سەئدۇلغامىدى تىلاۋىتى بىلەن ئەۋلاد گۇرۇپپىسى ئاۋازغا ئالدۇرغان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىنىڭ ئايەتمۇئايەت كىرىشتۈرۈلگەن نۇسخىسى قوشۇلدى، قۇرئان كەرىم تېكىستىنى ئوقۇغاچ ئاڭلىيالايسىز؛

 -      سىن سەھىپىسىگە ئەۋلاد گۇرۇپپىسى تەرىپىدىن سۈرەتكە ئېلىنىپ تارقىتىلغان قۇرئان ساۋاتى چىقىرىش ۋە تەجۋىد ئۆگىنىش دەرسلىرى قوشۇلدى؛

-      قەشقەر، ئۈرۈمچى، خوتەن شەھەرلىرىمىز بىلەن دۇنيادىكى كۆپىنچىسى ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىز ياشاۋاتقان شەھەرلەردىن ئىستانبۇل، ئەنقەرە، كونيا، ۋاشىنگتون، نىيۇيورك، تورونتو، مونترىيال، ئەدېلايت، بېرلىن، ئامستېردام ، لوندون، پارس ، ئوسلو، ئاستانە ، بىشكەك، تاشكەنت، سەمەرقەنت، توكيو، قەشقەر، ئۈرۈمچى، خوتەن، مەككە، مەدىنە، قاھىرە، قۇددۇس، جاكارتا، كۇئالالومپۇر، ئىسلام ئاباد، موسكۋا ، سىتوكھولم قاتارلىق شەھەرلەرنىڭ ناماز ۋاقىتلىرى جەدۋىلى بىلەن ھىجرىيە ۋە مىلادىيە كالېندارى، ھەر كۈنى يېڭى بىر ئايەت، بىر ھەدىس ۋە بىر دۇئا بىلەن كۈنى يېڭىلىنىپ تۇرىدىغان بىر سەھىپە بۈگۈن تولۇقلىنىپ ئېچىۋېتىلدى، ئەلھەمدۇلىللاھ!؛

-      دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى قېرىنداشلىرىمىز ئورتاقلىشىپ خەتمىقۇرئان ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئاسانلاشتۇرۇش ئۈچۈن «خەتمىقۇرئان سەھىپىسى» قوشۇلدى. بۇ سەھىپە كۆپ تىللىق بولۇپ، 3 خىل ئۇيغۇرچە يېزىقتىن باشقا 17 تىلدا ئىشلەتكىلى بولىدۇ؛

قۇرئان كەرىم توربېكىتى بىلەن قۇرئان كەرىم ئەپ دېتاللىرىغا قوشۇش پىلانلانغان باشقا ئىقتىدارلارمۇ بولۇپ ئىمكانىيىتىمىز يەتكەنسېرى تولۇقلىنىدۇ، ئىنشائاللاھ.

قېرىنداشلىرىمىزنىڭ «قۇرئان كەرىم» ئەپ دېتالىمىزنى چۈشۈرۈپ پايدىلىنىشىنى، باشقىلارغا تەۋسىيە قىلىشىنى، باشقا قېرىنداشلىرىمىزنىڭ قۇرئان كەرىمدىن پايدىلىنالىشىغا تۆھپە قوشۇشى ئاساسى مەقسەت قىلغان قۇرئان كەرىم تورى ۋە ئەپ دېتاللىرىنىڭ بارلىق قېرىنداشلىرىمىزنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن تەۋسىيە قىلىپ قويۇشىنى، شۇنداقلا قۇرئان كەرىم خىزمىتىنى تېخىمۇ ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن ماددىي – مەنىۋى جەھەتتىن ياردەمدە بولۇپلا قالمايلا قىممەتلىك پىكىرلىرىنى ئايىماسلىقىنى ئۈمىد قىلىمىز.

       تىرىشچانلىق بىزدىن، مۇۋەپپەقىيەت ئاللاھدىندۇر.

ھۆرمەت بىلەن «قۇرئان كەرىم توربېكىتى»

 https://www.qurankerim.com