ئايەت ۋە سۈرە نومۇرى ئارقىلىق ئىزدەش
مەن ھەقىقەتەن (ئىبادەتكە لايىق) ئاللاھتۇرمەن، مەندىن باشقا ھېچ مەبۇد (بەرھەق) يوق، (يالغۇز) ماڭا ئىبادەت قىلغىن، مېنى زىكىر قىلىش ئۈچۈن ناماز ئوقۇغىن. [20-سۈرە تاھا، 14-ئايەت]
رەباھ ئىبنى ئابدۇرراھمان ئىبنى ھۇۋەيتىب چوڭ ئانىسىدىن رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: مەن رەسۇلۇللاھنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىدىم: «ماڭا ئىمان ئېيتىمىغان كىشى ئاللاھقىمۇ ئىمان ئېيتمىغان ھېسابلىنىدۇ».(ئىبنى ھەنبەل، 27687 - ھەدىس، 4 - توم، 55.)
سوئال: مېيىتنىڭ ھەق – ھوقۇقلىرى قايسىلار؟
جاۋاب: مېيىتنىڭ پەرزەنتلىرى ۋە قېرىنداشلىرى، شۇنداقلا ئۇرۇق – تۇغقان، يېقىن - يورۇقلىرى ئۈستىدە 4 ھەققى بولۇپ، بۇ ھەقلەرنى ئادا قىلىش مېيىتنىڭ ۋارىسلىرى ئۈچۈن پەرزدۇر. ئۇلار:
(1) مېيتنى يۇيۇپ، كېپەنلەپ نامىزىنى ئوقۇش.
(2) مېيىتنىڭ جىنازىسىنى كۆتۈرۈش.
(3) جىنازىنىڭ ئارقىسىدىن يۈرۈش.
(4) مېيىتنى دەپنە قىلىش.
«قوغلاندى شەيتاننىڭ يامانلىقىدىن ئاللاھقا سىغىنىپ پاناھ تىلەيمەن.» [بۇخارى رىۋايىتى].