ئايەت ۋە سۈرە نومۇرى ئارقىلىق ئىزدەش
پەرۋەردىگارىم! مېنى (قەبرەمگە) ئوڭۇشلۇق كىرگۈزگىن، (قەبرەمدىن) ئوڭۇشلۇق چىقارغىن، ماڭا دەرگاھىڭدىن ھەققە ياردەم بېرىدىغان قۇۋۋەت ئاتا قىلغىن» دېگىن. [17-سۈرە بەنى ئىسرائىل، 80-ئايەت]
ئەبۇ زەر مۇنداق دەيدۇ: بىر كۈنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن:«ئاللاھ قانچە كىتاب نازىل قىلدى؟» دەپ سورىسام، رەسۇلۇللاھ مۇنداق جاۋاب بەردى:«ئاللاھ بىر يۈز تۆت كىتاب نازىل قىلدى، بۇلاردىن ئەللىك سەھىپە شىت ئەلەيھىسسالامغا، ئوتتۇز سەھىپە ئىدرىس ئەلەيھىسسالامغا، ئون سەھىپە ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامغا، ئون سەھىپە تەۋراتتىن ئىلگىرى مۇسا ئەلەيھىسسالامغا نازىل قىلىندى. ئاللاھ يەنە تەۋرات، ئىنجىل، زەبۇر ۋە قۇرئاننى نازىل قىلدى…»(ئىبنى ھىببان، 1361-ھەدىس، سەھىھ، 276)
سوئال: ئۆرە تۇرالمايدىغان بىمار نامازنى قانداق ئوقۇيدۇ؟
جاۋاب: ئۆرە تۇرالمايدىغان ياكى ئۆرە تۇرسا، كېسىلىنىڭ ئېغىرلىشىپ كېتىشىگە ياكى شىپا تېپىشىنىڭ كېچىكىپ كېتىشىگە سەۋەب بولىدىغانلىقى ئېنىق بولغان بىمار ئولتۇرۇپ رۇكۇ ۋە سەجدىلەرنى نورمال كەيپىيىتى بويىچە قىلىپ ناماز ئوقۇيدۇ. ئۆرە تۇرۇشقا قادىر بولالىغان بولسىمۇ، رۇكۇ بىلەن سەجدىلەرنى قىلىشتىن ئاجىز كەلگەن بىمار ئولتۇرۇپ ناماز ئوقۇسا بولىدۇ. ئولتۇرۇپ ئوقۇلغان نامازدا رۇكۇ ۋە سەجدىلەرنى قىلىشتىن ئاجىز كەلگەن بىمار رۇكۇ بىلەن سەجدىلەرنى ئىما - ئىشارەت بىلەن قىلىدۇ. ئەمما ئۇنىڭ ئالدىغا سەجدە قىلىش ئۈچۈن ياستۇق ياكى ئورۇندۇق قويۇپ بېرىلمەيدۇ. چۈنكى سەجدە يەرگە قىلىنىدۇ. يەرگە سەجدە قىلالمىسا باشقا نەرسە ئۈستىگە سەجدە قىلمايدۇ. بۇ ۋاقىتتا سەجدە پەقەت ئىما-ئىشارەت بىلەنلا قىلىنىدۇ.
«ئى ئاللاھ! بىزنىڭ ئۇستىمىزگە ئەمەس ئەتراپىمىزغا ياغدۇرغىن. ئى ئاللاھ! دۆڭلەرگە، جىلغىلارغا، ئورمانلىقلارغا ياغدۇرغىن». [بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايىتى].