ئايەت ۋە سۈرە نومۇرى ئارقىلىق ئىزدەش
سىلەر ئاخشامدا ۋە ئەتىگەندە ئاللاھقا تەسبىھ ئېيتىڭلار. [30-سۈرە رۇم، 17-ئايەت]
ئەبۇ ئۇمامە رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دېگەن: «‹ئى رەسۇلۇللاھ، قانداق دۇئا بەكرەك قوبۇل بولىدۇ؟› دەپ سورالغاندا، رەسۇلۇللاھ: ‹يېرىم كېچىدىن كېيىن ۋە پەرز نامازلارنىڭ ئارقىسىدىن قىلىنىدىغان دۇئالار› دەپ جاۋاب بەرگەن». (تىرمىزىي، 3499 - ھەدىس، دەئەۋات، 79)
سوئال: قۇربانلىققا يارىمايدىغان ئۆزۈرلۈك ماللار قايسىلار؟
جاۋاب: ئۆزىدىكى ئەيىب – نوقسانلار سەۋەبلىك قۇربانلىق قىلىشقا يارىمايدىغان ماللار تۆۋەندىكىلەر:
(1) كېسەل ياكى يوقۇملانغان ھايۋان. (چۈنكى مۇنداق ھايۋاننىڭ گۆشى ئىنساننىڭ تەن ساقلىقىغا زىيانلىق بولغانلىقى سەۋەبلىك قۇربانلىققا يارىمايدۇ).
(2) بىر ياكى ئىككىلى كۆزى كور بولغان ھايۋان.
(3) قولاق ياكى قۇيرۇقىنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكى كېسىۋېتىلگەن ھايۋان.
(4) ئۆرە تۇرالمايدىغان ھالەتتىكى توكۇر ھايۋان.
(5) قولاقسىز ياكى قۇيرۇقسىز تۇغۇلغان ھايۋان.
(6) چىشلىرىنىڭ كۆپرەكى چۈشۈپ كەتكەن ھايۋان.
(7) قاتتىق ئۇرۇق ھايۋان.
(8) مۈڭگۈزلىرىدىن بىرى ياكى ئىككىلىسى تۆۋىدىن كېسىلگەن ھايۋان.
ئى ئاللاھ ! قىلغان ئەمەللىرىمنىڭ يامانلىقىدىن ۋە قىلمىغان ئەمەللىرىمنىڭ يامانلىقىدىن پاناھ تىلەيمەن.