ئايەت ۋە سۈرە نومۇرى ئارقىلىق ئىزدەش
«ئاللاھ دەپ ئاتىساڭلارمۇ بولىدۇ، رەھمان دەپ ئاتىساڭلارمۇ بولىدۇ، قايسىنى ئاتىساڭلار (ھەممىسى ياخشىدۇر). چۈنكى ئاللاھنىڭ نۇرغۇن گۈزەل ئىسىملىرى بار» دېگىن، نامىزىڭدا (قىرائەتنى) (مۇشرىكلار ئاڭلاپ قېلىپ ساڭا [ئەزىيەت يەتكۈزمەسلىگى ئۈچۈن) يۇقىرى ئاۋاز بىلەنمۇ ئوقۇمىغىن، (مۆمىنلەر ئاڭلىماي قالماسلىقى ئۈچۈن) پەس ئاۋاز بىلەنمۇ ئوقۇمىغىن، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئوتتۇرا يول تۇتقىن. [17-سۈرە بەنى ئىسرائىل، 110-ئايەت
ئەبۇ ھۈرەيرە مۇنداق دەيدۇ: ئەھلى كىتاب(يەھۇدىيلار) تەۋراتنى ئىبرانىيچە ئوقۇپ، مۇسۇلمانلارغا ئەرەبچە ئىزاھلاپ بېرەتتى. بۇنى كۆرۈپ رەسۇلۇللاھ مۇنداق دېدى:«سىلەر ئەھلى كىتابنى(يەھۇدىيلارنى) تەستىقلىماڭلار ھەم ئىنكار قىلماڭلار. (پەقەت) مۇنداق دەڭلار: ﴿بىز، بىزگە نازىل قىلىنغان ۋە سىلەرگە نازىل قىلىنغانلارغا ئىمان ئېيتتۇق.﴾(سۈرە ئەنكەبۇت، 46-ئايەت)».(بۇخارى، 7362-ھەدىس، ئىئتىسام، 25)
سوئال: ئولتۇرۇشقىمۇ كۈچى يەتمىگەن بىمار قانداق قىلىدۇ؟
جاۋاب: ئولتۇرۇشقىمۇ كۈچى يەتمىگەنلىكتىن ئوڭدىسىغا يېتىپ ئىشارەت بىلەن ناماز ئوقۇماقچى بولغان بىمار ئىككى پۇتىنى قىبلە تەرەپكە قارىتىپ ياتىدۇ، مۇمكىنچىلىك بولسا ئىككى پۇتىنى قىبلىگە ئۇزارتماسلىقى ئۈچۈن ئىككى تىزى ئازراق كۆتۈرىلىدۇ ۋە بىمارنىڭ ئاسمانغا قارىماستىن قىبلىگە قارىشى ئۈچۈن ئۇنىڭ بېشىغا ئىگىزرەك ياستۇق قويۇلىدۇ. ئەمما يېنىچە يېتىپ ئىما- ئىشارەت بىلەن ناماز ئوقۇماقچى بولغان بىمار ئوڭ تەرىپىنى بېسىپ، قىبلىگە قاراپ ياتىدۇ، رۇكۇ بىلەن سەجدىلەرگە بېشى بىلەن ئىما - ئىشارەت قىلىدۇ. ئەمما يېنىچە يېتىپ ئوقۇغاندىن ئوڭدىسىغا يېتىپ ئوقۇش ئەۋزەلدۇر(فتح القدير 1 - توم 375 - بەت).
«ئى ئاللاھ! ھەقىقەتەن مەن سېنىڭدىن ھەممە نەرسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان رەھمىتىڭ بىلەن مېنى مەغپىرەت قىلىشىڭنى سورايمەن.» [ئىبنى ماجە رىۋايىتى].