ئايەت ۋە سۈرە نومۇرى ئارقىلىق ئىزدەش
(ئى مۇھەممەد!) ئېيتقىنكى، مەن پەقەت سىلەرگە ئوخشاش بىر ئىنسانمەن. ماڭا ۋەھىي قىلىنىدۇكى، سىلەرنىڭ ئىلاھىڭلار يالغۇز بىر ئىلاھتۇر. كىمكى، پەرۋەردىگارىغا مۇلاقات بولۇشنى ئۈمىد قىلىدىكەن (ساۋابىنى ئۈمىد قىلىپ [ئازابىدىن قورقىدىكەن)، ياخشى ئىش قىلسۇن. پەرۋەردىگارىغا قىلىدىغان ئىبادەتكە ھېچكىمنى شېرىك كەلتۈرمىسۇن». [18-سۈرە كەھف، 110-ئايەت
ئوسمان ئىبنى ئەففاننىڭ رىۋايەت قىلىشىچە، رەسۇلۇللاھ مۇنداق دېگەن:« سىلەردىن ئەڭ ياخشىلىرىڭلار قۇرئاننى ئۆگەنگەن ۋە ئۆگەتكەن كىشىلەردۇر». (تىرمىزى، 2907-ھەدىس، فەدائىلۇل قۇرئان، 15)
سوئال: بىراۋنىڭ سەكراتقا چۈشۈپ قالغانلىقى قانداق بىلىنىدۇ؟
جاۋاب: بىراۋنىڭ سەكراتقا چۈشكەنلىكى ئۇنىڭ پۇتلىرىنىڭ بوشىشىپ سوزۇلىشى، پۇتىنىڭ مۇزلىشى، دىمىقىنىڭ قىسىلىپ گەپ – سۆزىنىڭ تىترىشى ۋە ئىككى چېكىسىنىڭ قورۇلۇپ قېلىشىدىن بىلىنىدۇ.
«سىلەرنىڭ بىرىڭلار چۈشكۈرسە: الحمد لله (ئەلھەمدۇ لىللاھ) دېسۇن، بۇنى ئاڭلىغان ھەمراھى: يرحمك الله (يەرھەمۇكەللاھ) دېسۇن، چۈشكۈرگۈچى: يهديكم الله و يصلح بالكم (يەھدىكۇمۇللاھ، ۋە يۇسلىھۇ بالەكۇم) دېسۇن.» (يەنى ئاللاھ سىلەرنى ھىدايەت قىلسۇن، ھالىڭلارنى ئىسلاھ قىلسۇن).[بۇخارى رىۋايىتى].