ئۇيغۇر كىتاب» تورى ئۇيغۇرچە كىتاب، ماقالە، قەدىمىي ئەسەر ۋە قوليازمىلارنى ساقلاش، تۈرلەرگە ئايرىش، مۇندەرىجە تۇرغۇزۇش ۋە ئوقۇرمەنلەرگە تور يۈزىدە يەتكۈزۈشنى مەقسەت قىلغان كىتاب تور بېكىتى بولۇپ، 2017 - يىلىنىڭ ئاخىرى ئېچىۋېتىلگەن. ھازىرغىچە مىڭ پارچىغا يېقىن ئۇيغۇرچە ئەسەر كىرگۈزۈلدى. داۋاملىق كىرگۈزۈلىدۇ.
بۇ توربېكەتتە ئەۋلاد گۇرۇپپىسى تەرىپىدىن خەلقىمىزگە سۇنۇلغان خىزمەتلەرنىڭ خەۋەرلىرى، ئېلانلىرى بىلەن ئەۋلاد گۇرۇپپىسىغا تەۋە باشقا تور بېكەتلەرنىڭ ئۇلىنىشلىرى مەۋجۇد.
ئۇ ئۇيغۇرچە ، تۈركچە ، ئەرەبچە ، ئىنگلىزچە ، گاگاتاي ، ياپونچە ، رۇسچە ، قازاقىستان ، خەنزۇچە ۋە دۇنيادىكى باشقا تىللاردىكى ئوندىن ئارتۇق لۇغەتنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تور بېكەت بولۇپ ، نۇرغۇنلىغان سۆزلۈكلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. لۇغەتلەرنىڭ كۆپىنچىسىدە سۆز ، سۆزلۈك ۋە ئانتونىم ئىپادىلىنىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا ، بۇ پروگراممىدا ھەر بىر تىلنىڭ چۈشەندۈرۈش لۇغىتى بار. ئۇنىڭدا يەنە ئۇيغۇر ماقال-تەمسىللىرى ، ئورتاق سۆزلۈك ، باشقۇرۇش ، دۆلەت ئىسمى ، دىنىي ئاتالغۇلار ، ئاخبارات ئىسمى ۋە ئۆزگىچە لۇغەتلەر بار. ئومۇمىي لۇغەت 80.
ئەۋلاد گۇرۇپپىسىنىڭ ئۇزۇن يىللىق تىرىشچانلىقى نەتىجىسىدە ئۇيغۇرچە كىتاب – ژۇرنال، ماقالە، قەدىمىي ئەسەر ۋە قوليازمىلار ئامبىرى رەسمىي پۈتۈپ، ئۇيغۇر كىتاب تورى ۋە ئۇيغۇرچە ماقالىلار ئامبىرى تورىدا ئېچىۋېتىلدى.
ئۇيغۇرچە ماقالىلەر ئامبىرى ھەققىدە قىسقىچە مەلۇمات
بۇ ماقالە ئامبىرى ئەۋلاد گۇرۇپپىسى تەرىپىدىن ئىشلىنىۋاتقان «ئۇيغۇرچە ماقالە، قەدىمىي ئەسەر ۋە قوليازمىلار ئامبىرى» چوڭ تۈرىنىڭ تارماق تۈرى بولۇپ، ئامبارغا ھازىرغىچە 15 مىڭ پارچىغا يېقىن ئۇيغۇرچە ماقالە كىرگۈزۈلدى. ماقالىلەر ئاساسەن ۋەتەن ئىچى - سىرتىدا نەشر قىلىنغان 80 خىلدىن ئارتۇق ژۇرنال، بىر قىسىم ماقالە توپلاملىرى، مەجمۇئەلەر ۋە تور بەتلىرى قاتارلىقلاردىن ئېلىندى.
بۇ تۈر 2012 - يىلى باشلانغان بولۇپ، بىر قانچە يىل ئۈزلۈكسىز ماتېرىيال توپلاندى. 2017 - يىلىدىن 2020 - يىلى 10 - ئايغىچە دەسلەپكى قەدەمدە كاتالوگ تاماملىنىپ ماقالىلەر كەڭ تەتقىقاتچىلارنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن تور بەت يۈزىدە ئۈچ خىل يېزىقتا ئېچىۋېتىلدى. بۇندىن كېيىن ماقالىلەر داۋاملىق تولۇقلىنىپ ماقالە سانى 50 مىڭغا يەتكۈزۈلىدۇ.
تور ئادرېسى: www.maqale.uyghurkitap.com
قۇرئان تور بېتى، 2002-يىلدىن باشلاپ ئاكتىپ ھالەتتە.
تور بېتىمىزدە قۇرئاننىڭ ئۇيغۇرچە 4 خىل ئوخشىمىغان تەرجىمىسىدىن باشقا، 20 خىل تىلدىكى قۇرئان تەرجىمىسى، 3 ئوخشىمىغان ئۇيغۇرچە تەفسىر، 7 ئوخشىمىغان ئەرەبچە تەفسىر، 40 تىن كۆپ ئۇيغۇر ۋە دۇنياغا داڭلىق ھافىز تىلاۋەتلىرى، 5 ئوخشىمىغان ئۇيغۇرچە قۇرئان كەرىم ئاۋازلىق تەرجىمىسى، قۇرئاننىڭ ئاساسلىق تېمىلىرى، 10 دىن ئارتۇق ئوخشىمىغان تىلدىكى قۇرئان كەرىم ئاۋازلىق تەرجىمىسى، ئىزدەش، ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا تېكىست ۋە رەسىملەر بىلەن ئايەتلەرنى ھەمبەھىرلەش، خالىغان دۇئا ۋە تىلەكلەرنى رەسىم شەكلىدە ئەۋەتىش، قۇرئان ۋە تەجۋىد ئۆگىنىش دەرسلىرى مەۋجۇت.
بۇ تور بېكەت ئۆز ساھەسىدىكى بىردىنبىر ئۇيغۇرچە قۇرئان كەرىم تور بېكىتى بولۇپ، 2006-يىلدىن بويان ئىزچىل يېڭىلىنىپ كەلمەكتە.
رەببىم خىزمىتىمىزنى ھەققىمىزدە سەدەقە جارىيە سۈپىتىدە قوبۇل قىلسۇن.
«ئەۋلاد» تورى ئەۋلاد ماركىسىدىكى بارلىق ئۈن – سىن، يازما ۋە مۇناسىۋەتلىك مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان باش تور بېكەت بولۇپ، 2011 – يىلىدىن ھازىرغىچە ئاكتىپ خىزمەت قىلىپ كەلمەكتە.