پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا دۇرۇت يوللاشنىڭ پەزىلىتى
قَالَ النَّبِيُّ - صلى الله عليه وسلم -: ﴿مَنْ صَلَّى عَلَيَّ صَلاَةً صَلَّى اللَّهُ عَلَيْهِ بِهَا عَشْراً﴾
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «كىمىكى ماڭا بىر قېتىم دۇرۇت ئېيتسا ئاللاھ ئۇ كىشىگە ئون قېتىم رەھمەت قىلىدۇ.» [مۇسلىم رىۋايىتى].
وَقَالَ - صلى الله عليه وسلم -: ﴿لاَ تَجْعَلُوا قَبْرِي عِيداً وَصَلُّوا عَلَيَّ؛ فَإِنَّ صَلاَتَكُم تَبْلُغُنِي حَيْثُ كُنْتُمْ﴾
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «مېنىڭ قەبرەمنى زىيارەتگاھقا ئايلاندۇرىۋالماڭلار، ماڭا دۇرۇت ئېيتىڭلار، سىلەرنىڭ ماڭا ئېيتقان دۇرۇتۇڭلار سىلەر قەيەردە بولۇشۇڭلاردىن قەتئى نەزەر، ماڭا يىتىپ تۇرىدۇ.» [ئەبۇ داۋۇد ۋە ئەھمەد رىۋايىتى].
وَقَالَ - صلى الله عليه وسلم -: ﴿الْبَخِيلُ مَنْ ذُكِرْتُ عِنْدَهُ فَلَمْ يُصَلِّ عَلَيَّ﴾
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «مەن تىلغا ئېلىنغان جايدا ماڭا دۇرۇت ئېيتمىغان ئادەم بېخىلدۇر.» [تىرمىزى رىۋايىتى].
وَقَالَ - صلى الله عليه وسلم -: ﴿إِنَّ لِلَّهِ مَلاَئِكَةً سَيَّاحِينَ فِي الْأَرْضِ يُبَلِّغُونِي مِنْ أُمَّتِي السَّلاَ﴾
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ھەقىقەتەن زېمىندا ئاللاھنىڭ ساياھەتچى پەرىشتىلىرى بار، ئۇلار ئۈممىتىمنىڭ سالامىنى ماڭا يەتكۈزۈپ تۇرىدۇ.» [نەسائى ۋە ھاكىم رىۋايىتى].
وَقَالَ - صلى الله عليه وسلم -: ﴿مَا مِنْ أَحَدٍ يُسَلِّمُ عَلَيَّ إِلاَّ رَدَّ اللَّهُ عَلَيَّ رُوحِيَ حَتَّى أَرُدَّ عَلَيْهِ السَّلاَمَ﴾
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «بىرەر كىشى ماڭا سالام قىلسا ئۇنىڭ سالامىغا جاۋاپ قايتۇرغىنىمغا قەدەر، ئاللاھ ماڭا روھىمنى قايتۇرىدۇ.» [ئەبۇ داۋۇد رىۋايىتى].