شەيتانغا تاش ئاتقاندا ھەر بىر تاش بىلەن تەكبىر ئېيتىش توغرىسىدا
﴿يُكَبِّرُ كُلَّمَا رَمَى بِحَصَاةٍ عِنْدَ الْجِمَارِ الثَّلاَثِ، ثُمَّ يَتَقَدَّمُ، ويَقِفُ يَدْعُو مُسْتَقْبِلَ الْقِبلَةِ، رَافِعاً يَدَيْهِ بَعْدَ الْجَمْرَةِ الْأُولَى وَالثَّانِيَةِ. أَمَّا جَمْرَةُ الْعَقَبَةِ فَيَرْمِيهَا وَيُكَبِّرُ عِنْدَ كُلِّ حَصَاةٍ وَيَنْصَرِفُ وَلاَ يَقِفُ عِنْدَهَا﴾
«ئۈچ شەيتاننىڭ ھەر بىرىگە تاش ئاتقاندا تەكبىر ئېيتىدۇ، ئاندىن ئىلگىرىلەيدۇ. بىرىنچى ۋە ئىككىنچى شەيتانغا تاش ئېتىپ بولغاندىن كېيىن قىبلىگە ئالدىنى قىلىپ، قولىنى كۆتۈرۈپ دۇئا قىلىدۇ، ئەمما چوڭ شەيتانغا تاش ئاتقاندا ھەر بىر تاشنى تەكبىر بىلەن ئاتىدۇ، ئاندىن توختىماستىن ئۇ جايدىن ئايرىلىدۇ.» [بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايىتى].