ئەزان ئېيتىلغاندا ئوقۇلىدىغان دۇئا
[يَقُولُ مِثْلَ مَا يَقُولُ المُؤَذِّنُ إِلاَّ فِي] ﴿حَيَّ عَلَى الصَّلَاةِ وَحَيَّ عَلَى الْفَلَاحِ﴾ فَيقُولُ: ﴿لاَ حَوْلَ وَلاَ قُوَّةَ إِلاَّ بِاللَّهِ﴾
«ئەزان ئېيتىلغاندا (ئەزاننى ئاڭلىغۇچى) مۇئەززىننىڭ دېگىنىنى تەكرارلايدۇ، لېكىن مۇئەززىن: "ھەييى ئەلەسسەلات ۋە ھەييي ئەلەلفەلاھ" دېگەندە «لا ھەۋلە ۋە لا قۇۋۋەتە ئىللا بىللاھ» دەيدۇ. [بۇخارى رىۋايىتى].
يَقُولُ: ﴿وَأَنَا أَشْهَدُ أَنْ لاَ إِلَهَ إِلاَّ اللَّهُ وَحْدَهُ لاَ شَرِيكَ لَهُ وَأَنَّ مُحَمَّداً عَبْدُهُ وَرَسُولُهُ، رَضِيتُ بِاللَّهِ رَبَّاً، وَبِمُحَمَّدٍ رَسُولاً، وَبِالْإِسْلاَمِ دِينَاً﴾. ﴿يَقُولُ ذَلِكَ عَقِبَ تَشَهُّدِ الْمُؤَذِّنِ﴾
مۇئەززىن شاھادەت كەلىمىسىنى ئېيتىپ بولغاندىن كېيىن ئەزاننى ئاڭلىغۇچى مۇنداق دەيدۇ: «مەن ئاللاھتىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئۇ زاتنىڭ بەندىسى ۋە ئەلچىسى دەپ گۇۋاھلىق بېرىمەن. پەرۋەردىگارىمنىڭ ئاللاھ ئىكەنلىكىگە، پەيغەمبىرىمنىڭ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئىكەنلىكىگە، دىنىمنىڭ ئىسلام ئىكەنلىكىگە رازى بولدۇم.» [مۇسلىم رىۋايىتى].
﴿يُصَلِّي عَلَى النَّبِيِّ - صلى الله عليه وسلم - بَعْدَ فَرَاغِهِ مِنْ إِجَابَةِ الْمُؤَذِّنِ﴾
«مۇئەززىنگە ئەگىشىپ ئەزان كەلىمىلىرىنى ئېيتىپ بولغاندىن كېيىن، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا دۇرۇت ئوقۇيدۇ.» [مۇسلىم رىۋايىتى].
﴿اللَّهُمَّ رَبَّ هَذِهِ الدَّعْوَةِ التَّامَّةِ، وَالصَّلاَةِ الْقَائِمَةِ، آتِ مُحَمَّداً الْوَسِيلَةَ وَالْفَضِيلَةَ، وَابْعَثْهُ مَقَامَاً مَحمُوداً الَّذِي وَعَدْتَهُ، [إِنَّكَ لَا تُخْلِفُ الْمِيعَادَ]﴾
«بۇ ئۇلۇغ چاقىرىق ۋە بەرپا قىلىنغان نامازنىڭ پەرۋەردىگارى ئاللاھ، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا يېقىنلىق ۋە پەزىلەت ئاتا قىلغىن، ئۇنى ئۆزەڭ ۋەدە قىلغان ماقامى مەھمۇد (قىيامەت كۈنىدىكى شاپائەت مەرتىۋىسى) گە ئېرىشتۈرگىن، "جەزمەنكى سەن ۋەدەڭگە خىلاپلىق قىلمايسەن"» [بۇخارى رىۋايىتى].
﴿يَدْعُو لِنَفسِهِ بَيْنَ الْأَذَانِ وَالْإِقَامَةِ فَإِنَّ الدُّعَاءَ حِينَئِذٍ لاَ يُرَدُّ﴾
ئەزان بىلەن تەكبىر ئارىلىقىدا ئۆزىگە دۇئا قىلىدۇ. چۈنكى بۇ ۋاقىتتا قىلىنغان دۇئا ئىجابەت قىلىنىدۇ. [تىرمىزى، ئەبۇ داۋۇد ۋە ئەھمەد رىۋايىتى].