نامازنى باشلىغاندىن كېيىن ئوقۇلىدىغان دۇئا
﴿اللَّهُمَّ بَاعِدْ بَيْنِي وَبَيْنَ خَطَايَايَ كَمَا بَاعَدْتَ بَيْنَ الْمَشْرِقِ وَالْمَغْرِبِ، اللَّهُمَّ نَقِّنِي مِنْ خَطَايَايَ كَمَا يُنَقَّى الثَّوْبُ الْأَبْيَضُ مِنَ الدَّنَسِ، اللَّهُمَّ اغْسِلْني مِنْ خَطَايَايَ، بِالثَّلْجِ وَالْماءِ وَالْبَرَدِ﴾
«ئى ئاللاھ! مەن بىلەن مېنىڭ خاتالىقلىرىمنىڭ ئارىلىقىنى شەرق بىلەن غەربنىڭ ئارىلىقىدەك يىراق قىلغىن. ئى ئاللاھ! مېنى خاتالىقلىرىمدىن ئاق كىيىمنى كىردىن پاكىزلىغاندەك پاكىزلىغىن. ئى ئاللاھ! خاتالىقلىرىمنى سۇ، قار ۋە مۆلدۈر بىلەن يۇغىن.» [بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايىتى].
﴿سُبْحانَكَ اللَّهُمَّ وَبِحَمْدِكَ، وَتَبارَكَ اسْمُكَ، وَتَعَالَى جَدُّكَ، وَلاَ إِلَهَ غَيْرُكَ﴾
«ئى ئاللاھ، ساڭا ھەمدە ئېيتىش بىلەن سېنى پاك دەپ ئېتىقاد قىلىمەن، ئىسمىڭ بەرىكەتلىكتۇر، ئۇلۇغلۇقۇڭ يۈكسەكتۇر، سەندىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر.» [تىرمىزى ۋە ئىبنى ماجە رىۋايىتى].
﴿وَجَّهْتُ وَجْهِيَ لِلَّذِي فَطَرَ السَّمَوَاتِ وَالأَرْضَ حَنِيفَاً وَمَا أَنَا مِنَ الْمُشْرِكِينَ، إِنَّ صَلاَتِي، وَنُسُكِي، وَمَحْيَايَ، وَمَمَاتِي لِلَّهِ رَبِّ الْعَالَمِينَ، لاَ شَرِيكَ لَهُ وَبِذَلِكَ أُمِرْتُ وَأَنَا مِنَ الْمُسْلِمِينَ. اللَّهُمَّ أَنْتَ المَلِكُ لاَ إِلَهَ إِلاَّ أَنْتَ، أَنْتَ رَبِّي وَأَنَا عَبْدُكَ، ظَلَمْتُ نَفْسِي وَاعْتَرَفْتُ بِذَنْبِي فَاغْفِرْ لِي ذُنُوبي جَمِيعَاً إِنَّهُ لاَ يَغْفِرُ الذُّنوبَ إِلاَّ أَنْتَ. وَاهْدِنِي لِأَحْسَنِ الأَخْلاقِ لاَ يَهْدِي لِأَحْسَنِها إِلاَّ أَنْتَ، وَاصْرِفْ عَنِّي سَيِّئَهَا، لاَ يَصْرِفُ عَنِّي سَيِّئَهَا إِلاَّ أَنْتَ، لَبَّيْكَ وَسَعْدَيْكَ، وَالخَيْرُ كُلُّهُ بِيَـــــــدَيْكَ، وَالشَّـــــرُّ لَيْسَ إِلَيْــــــكَ، أَنَا بِكَ وَإِلَيْكَ، تَبارَكْتَ وَتَعَالَيْتَ، أَسْتَغْفِرُكَ وَأَتوبُ إِلَيْكَ﴾
«مەن يۈزۈمنى ئاسمان ۋە زېمىنلارنى ياراتقان زاتقا يۈزلەندۈردۈم، مەن مۇشرىكلەردىن ئەمەسمەن. ھەقىقەتەن مېنىڭ نامىزىم، قۇربانلىقىم، ھاياتىم ۋە ماماتىم ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى ئاللاھ ئۈچۈندۇر. ئاللاھنىڭ شېرىكى يوقتۇر، مەن شۇنىڭغا (يەنى يالغۇز ئاللاھقىلا ئىبادەت قىلىشقا) بۇيرۇلدۇم. مەن مۇسۇلمانلاردىنمەن. ئى ئاللاھ! سەن ھەقىقى پادىشاھدۇرسەن، سەندىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر، سەن مېنىڭ رەببىم، مەن سېنىڭ بەندەڭمەن، ئۆزۈمگە زۇلۇم قىلدىم، گۇناھىمغا ئىقرارمەن، بارلىق گۇناھلىرىمنى كەچۈرگىن. چۈنكى گۇناھلارنى پەقەت سەنلا كەچۈرىسەن. مېنى گۈزەل ئەخلاقلارغا يىتەكلىگىن، گۈزەل ئەخلاقلارغا پەقەت سەنلا يىتەكلەيسەن. مېنى يامان ئەخلاقلاردىن قايتۇرغىن، يامان ئەخلاقلاردىن پەقەت سەنلا قايتۇرىسەن. مەن (ئەمرى - پەرمانىڭغا) ھازىرمەن، بارلىق ياخشىلىق سېنىڭ قولۇڭدىدۇر، يامانلىق ساڭا مەنسۇپ ئەمەس، مەن قۇدرىتىڭ بىلەن مەۋجۇتمەن، سەن تەرەپكە قايتىمەن، سەن بەرىكەتلىك ۋە بۈيۈكتۇرسەن، سەندىن كەچۈرۈم سورايمەن ۋە ساڭا تەۋبە قىلىمەن.» [مۇسلىم رىۋايىتى].
﴿اللَّهُمَّ رَبَّ جِبْرَائِيلَ، وَمِيْكَائِيلَ، وَإِسْرَافِيلَ، فَاطِرَ السَّمَوَاتِ وَالأَرْضِ، عَالِمَ الغَيْبِ وَالشَّهَادَةِ أَنْتَ تَحْكُمُ بَيْنَ عِبَادِكَ فِيمَا كَانُوا فِيهِ يَخْتَلِفُونَ. اهْدِنِي لِمَا اخْتُلِفَ فِيهِ مِنَ الْحَقِّ بِإِذْنِكَ إِنَّكَ تَهْدِي مَنْ تَشَاءُ إِلَى صِرَاطٍ مُسْتَقيمٍ﴾
«ئى جىبرىئىل، مىكائىل، ئىسراپىل ئەلەيھىسسالاملارنىڭ پەرۋەردىگارى، ئاسمان-زېمىننى ياراتقۇچى، غايىب ۋە ھازىرنى بىلگۈچى ئاللاھ، سەن بەندىلىرىڭ ئوتتۇرىسىدا ئۇلارنىڭ ئىختىلاپ قىلىشقان نەرسىلىرىدە ھۆكۈم قىلىسەن. سەن مېنى ئىختىلاپ قىلىنغان نەرسىلەردە ئىزنىڭ بىلەن توغرىغا باشلىغىن. سەن ھەقىقەتەن خالىغان كىشىنى توغرا يولغا باشلايسەن.» [ئىمام مۇسلىم رىۋايىتى].
﴿اللَّهُ أَكْبَرُ كَبِيرَاً، اللَّهُ أَكْبَرُ كَبِيراً، اللَّهُ أَكْبَرُ كَبِيراً، وَالْحَمْدُ لِلَّهِ كَثيراً، وَالْحَمْدُ لِلَّهِ كَثيراً، وَالْحَمْدُ لِلَّهِ كَثيراً، وَسُبْحَانَ اللَّهِ بُكْرَةً وَأَصِيلاً﴾ (ثَلاثاً) ﴿أَعُوذُ بِاللَّهِ مِنَ الشَّيْطَانِ: مِنْ نَفْخِهِ، وَنَفْثِهِ، وَهَمْزِهِ﴾
«ئاللاھ بۈيۈكتۇر، ئاللاھ بۈيۈكتۇر، ئاللاھ بۈيۈكتۇر، بارلىق ھەمدۇ- سانا ئاللاھقا خاستۇر، بارلىق ھەمدۇ-سانا ئاللاھقا خاستۇر، بارلىق ھەمدۇ-سانا ئاللاھقا خاستۇر، ئاللاھ داۋاملىق پاكتۇر (ئۈچ قېتىم ئوقۇلىدۇ). مەلئۇن شەيتاننىڭ ۋەسۋىسىدىن، ئۇنىڭ تەكەببۇرلۇققا ئۇندىشىدىن ۋە يامانلىقنى ئۈگۈتىشىدىن ئاللاھقا سىغىنىمەن.» [ئەبۇ داۋۇد ۋە ئەھمەد، ئىبنى ماجە ۋە مۇسلىم رىۋايىتى].
﴿اللَّهُمَّ لَكَ الْحَمْدُ، أَنْتَ نُورُ السَّمَوَاتِ وَالأَرْضِ وَمَنْ فِيهِنَّ، وَلَكَ الْحَمْدُ أَنْتَ قَيِّمُ السَّمَوَاتِ وَالأَرْضِ وَمَنْ فِيهِنَّ، [وَلَكَ الْحَمْدُ أَنْتَ رَبُّ السَّمَواتِ وَالأَرْضِ وَمَنْ فِيهِنَّ] [وَلَكَ الْحَمْدُ لَكَ مُلْكُ السَّمَوَاتِ وَالأَرْضِ وَمَنْ فِيهِنَّ] [وَلَكَ الْحَمْدُ أَنْتَ مَلِكُ السَّمَوَاتِ وَالأَرْضِ] [وَلَكَ الْحَمْدُ] [أَنْتَ الْحَقُّ، وَوَعْدُكَ الْحَقُّ، وَقَوْلُكَ الْحَقُّ، وَلِقاؤُكَ الْحَقُّ، وَالْجَنَّةُ حَقٌّ، وَالنَّارُ حَقٌّ، وَالنَّبِيُّونَ حَقٌّ، وَمحَمَّدٌ - صلى الله عليه وسلم - حَقٌّ، وَالسّاعَةُ حَقٌّ] [اللَّهُمَّ لَكَ أَسْلَمتُ، وَعَلَيْكَ تَوَكَّلْتُ، وَبِكَ آمَنْتُ، وَإِلَيْكَ أَنَبْتُ، وَبِكَ خاصَمْتُ، وَإِلَيْكَ حاكَمْتُ. فَاغْفِرْ لِي مَا قَدَّمْتُ، وَمَا أَخَّرْتُ، وَمَا أَسْرَرْتُ، وَمَا أَعْلَنْتُ] [أَنْتَ المُقَدِّمُ، وَأَنْتَ المُؤَخِّرُ لاَ إِلَهَ إِلاَّ أَنْتَ] [أَنْتَ إِلَهِي لاَ إِلَهَ إِلاَّ أَنْتَ﴾
«ئى ئاللاھ، بارلىق ھەمدۇ-سانا ساڭا خاستۇر، سەن ئاسمان- زېمىننىڭ ۋە ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى كىشىلەرنىڭ نۇرىسەن. بارلىق ھەمدۇ- سانا ساڭا خاستۇر، سەن ئاسمانل، زېمىننى ۋە ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى كىشىلەرنى باشقۇرغۇچىسەن. بارلىق ھەمدۇ-سانا ساڭا خاستۇر، سەن ئاسمانلارنىڭ، زېمىننىڭ ۋە ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى كىشىلەرنىڭ پەرۋەردىگارىسەن. بارلىق ھەمدۇ-سانا ساڭا خاستۇر، ئاسمان-زېمىن ۋە ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى كىشىلەرنىڭ ئىگىدارچىلىقى ساڭا مەنسۇپتۇر. بارلىق ھەمدۇ-سانا ساڭا خاستۇر، سەن ئاسمان-زېمىن ۋە ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى كىشىلەرنىڭ مۇتلەق پادىشاھىسەن. بارلىق ھەمدۇ-سانا ساڭا خاستۇر، سەن ھەقدۇرسەن، ۋەدەڭ ھەقتۇر، سۈزۈڭ ھەقتۇر، قىيامەتتە سەن بىلەن ئۈچرۈشۈش ھەقتۇر، جەننەت ھەقتۇر، دوزاخ ھەقتۇر، پەيغەمبەرلەر ھەقتۇر، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ھەقتۇر، قىيامەت ھەقتۇر. ئى ئاللاھ! ساڭا بويسۇندۇم، ساڭا تەۋەككۇل قىلدىم، ساڭا ئىمان ئېيتتىم، ساڭا قايتتىم، سەن ياردىمىڭ بىلەن پىداكارلىق كۆرسەتتىم، ھەقگە ئىنكار قىلغانلارنى ساڭا قويدۇم، ئىلگىرى ۋە كېيىنكى كۇناھلىرىمنى، يۇشۇرۇن ۋە ئاشكارە گۇناھلىرىمنى كەچۈرگىن، سەن ئەۋۋەلىسەن، سەن ئاخىرىسەن، سەندىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر، سەن ئىلاھىمسەن، سەندىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر.» [بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايىتى].