80. باب گۇناھ بولمايدىغان ئىشلاردا ھۆكۈمرانلارغا ئىتائەت قىلىشنىڭ زۆرۈرلۈكى، گۇناھ بولىدىغان ئىشلاردا ئىتائەت قىلىشنىڭ ھاراملىقى توغرىسىدا
ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: ﴿يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُواْ أَطِيعُواْ اللّهَ وَأَطِيعُواْ الرَّسُولَ وَأُوْلِي الأَمْرِ مِنكُمْ﴾ ئى مۇئمىنلەر! ئاللاھقا، پەيغەمبەرگە ۋە ئۆزۈڭلاردىن بولغان ئىش ئۈستىدىكىلەرگە ئىتائەت قىلىڭلار . («قۇرئان كەرىم» سۈرە نىسا 59- ئايەتنىڭ بىر قىسمى)
663. ئىبن ئۇمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: « عَلى المَرْءِ المُسْلِم السَّمْعُ والطَّاعَةُ فِيما أَحَبَّ وكِرَهَ، إِلاَّ أنْ يُؤْمَرَ بِمَعْصِيَةٍ فَإذا أُمِر بِمعْصِيَةٍ فَلاَ سَمْعَ وَلا طاعَةَ » « مۇسۇلمان كىشىنىڭ بىرەر گۇناھ ئىشقا بۇيرۇمىسىلا مەيلى ياقتۇرسۇن، مەيلى ياقتۇرمىسۇن ئۆز ھۆكۈمرانىغا ئىتائەت قىلىشى زۆرۈر. ئەگەر گۇناھقا بۇيرۇسا ئىتائەت قىلىشقا بولمايدۇ » . ― بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.
664. ئىبن ئۇمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمادىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، بىز ھەر قانداق چاغدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ئىتائەت قىلىشقا بەيئەت قىلساق ئۇ بىزگە: « فيما اسْتَطَعْتُمْ » « قولۇڭلاردىن كېلىشىچە بەيئەت قىلىڭلار » ، دەيتتى.
― بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.
ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى: 1) ئىش ئىگىلىرىگە ئىتائەت قىلىشنىڭ ئاۋامنىڭ كۈچى يېتىدىغان ئىشلاردا بولىدىغانلىقى.
2) ئىش ئىگىلىرىنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈننىتىگە ئەگىشىش يۈزىسىدىن ئاۋامغا مېھرى-شەپقەت قىلىشقا رىغبەتلەندۈرۈلگەنلىكى.
665. ئىبن ئۇمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان. « مَنْ خلَعَ يَداً منْ طَاعَةٍ لَقِى اللَّه يوْم القيامَةِ ولاَ حُجَّةَ لَهُ، وَمَنْ ماتَ وَلَيْس في عُنُقِهِ بيْعَةٌ مَاتَ مِيتةً جَاهِلًيَّةً » « كىمكى ئۆز خەلىفىسىگە بويسۇنۇشتىن باش تارتسا، قىيامەت كۈنى ئاللاھ تائالاغا ئۆزىنىڭ مۇسۇلمانلىقىغا پاكىتسىز ھالدا مۇلاقات بولىدۇ. كىمكى ئىتائەت قىلىشتىكى بەيئەتنى بۇزغانلىقىغا ھېچ ئۆزرىسى بولمىغان ھالدا ئۆلسە، جاھىلىيەت زامانىسىدىكىلەرگە ئوخشاش گۇمراھلىق بىلەن ئۆلگەن بولىدۇ » . ― مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.
مۇسلىمنىڭ يەنە بىر رىۋايىتىدە: « ومَنْ ماتَ وَهُوَ مُفَارِقٌ للْجَماعةِ، فَإنَّهُ يمُوت مِيتَةً جَاهِليَّةً » « كىمكى جامائەتتىن ئايرىلغان ھالدا ئۆلسە، ئۇ جاھىلىيەت زامانىسىدىكىلەرگە ئوخشاش گۇمراھلىق بىلەن ئۆلگەن بولىدۇ » ، دىيىلگەن.
ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: ئادىل يولباشچىغا قول بېرىش-بەيئەت قىلىشنىڭ ۋە مۇسۇلمانلار جامائىتىنى لازىم تۇتۇشنىڭ زۆرۈر ئىكەنلىكى، گۇناھ ئىشلارغا بۇيرۇمىسىلا ئاسىيلىق قىلىشقا ۋە ئىتائەتتىن سەۋەبسىز باش تارتىشقا بولمايدىغانلىقى.
666. ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: « اسْمَعُوا وأطيعوا، وإنِ اسْتُعْمِل علَيْكُمْ عبْدٌ حبشىٌّ، كَأَنَّ رَأْسهُ زَبِيبَةٌ » « گەرچە سىلەرگە بېشى ئۈزۈمدەك كىچىك، پاخمىباش قارا قۇل ھۆكۈمران بولسىمۇ ئىتائەت قىلىڭلار » .
― بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.
ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى: 1) ئىش ئىگىلىرى گۇناھ-مەئسىيەتكە بۇيرۇمىسىلا ئۇلارنىڭ رەڭگى ۋە ئېرقىغا قارىماستىن ئىتائەت قىلىشنىڭ زۆرۈر ئىكەنلىكى.
2) ھەدىستىكى «قارا قۇل»، دېگەننى تىلغا ئېلىش بولسا ئىتائەت قىلىشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى تەكىتلەش ئۈچۈندۇر. قۇل كىشىنىڭ ھۆكۈمران بولۇشى جائىز ئەمەس، چۈنكى ھۆكۈمران بولۇشتا كىشىنىڭ ئازاد بولۇشى شەرت قىلىنىدۇ.
667. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: « عليْكَ السَّمْعُ وَالطَّاعةُ في عُسْرِكَ ويُسْرِكَ وَمنْشَطِكَ ومَكْرهِكَ وأَثَرَةٍ عَلَيْك » « سېنىڭ قىيىنچىلىق ۋە ئوڭۇشلۇق ھالەتلىرىڭدە بولسۇن، ياقتۇرغان ياكى ياقتۇرمىغان ھالەتلىرىڭدە بولسۇن، ۋە مەيلى ھۆكۈمراننىڭ ئۆز نەپسىگە چوغ تارتىپ نەپسانىيەتچىلىك قىلغان ھالەتلىرىدە بولسۇن ئىتائەت قىلىشىڭ لازىم » .
― مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.
ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: ھەرقانداق ئەھۋال ئاستىدا مەيلى بەزى ھەقلىرىدىن ئايرىلىپ قالسۇن ۋە ياكى قىيىنچىلىققا دۇچار بولسۇن كوللېكتىپ مەنپەئىتىنى شەخسىي مەنپەئەتنىڭ ئۈستىگە قويۇش يۈزىسىدىن ئىتائەت قىلىشنىڭ زۆرۈرلىكى.
668. ئابدۇللاھ ئىبن ئۇمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، بىر قېتىم پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن بىر سەپەردە بولدۇق. بىز بىر جايغا چۈشتۇق. بەزىلىرىمىز چېدىرلىرىمىزنى تۈزەۋاتاتتۇق، بەزىلىرىمىز ئوقيا ئېتىش مۇسابىقىسى بىلەن بولۇۋاتاتتۇق ۋە بەزىلىرىمىز ئۇلاقلارنى ئوتلىتىش بىلەن بولۇۋاتاتتۇق. بىر ئادەم پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ۋاكالىتەن: « جامائەت نامىزىغا ھازىر بولۇڭلار »، د ەپ چاقىرىپ قالدى. بىز پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەتراپىغا يىغىلدۇق، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېدى: « إنَّهُ لَمْ يَكُنْ نبي قَبْلي إلاَّ كَانَ حَقا علَيْهِ أنْ يَدُلَّ أُمَّتَهُ عَلى خَيرِ ما يعْلَمُهُ لهُمْ، ويُنذِرَهُم شَرَّ ما يعلَمُهُ لهُم، وإنَّ أُمَّتَكُمْ هذِهِ جُعِلَ عَافيتُها في أَوَّلِها، وسَيُصِيبُ آخِرَهَا بلاءٌ وأُمُورٌ تُنكِرُونَهَا، وتجيءُ فِتَنٌ يُرقِّقُ بَعضُها بَعْضاً، وتجيء الفِتْنَةُ فَيقُولُ المؤمِنُ: هذِهِ مُهْلِكَتي، ثُمَّ تَنْكَشِفُ، وتجيءُ الفِتنَةُ فَيَقُولُ المُؤْمِنُ: هذِهِ هذِهِ، فَمَنْ أَحَبَّ أنْ يُزَحْزَحَ عن النَّارِ، ويُدْخَلَ الجنَّةَ، فَلْتَأْتِهِ منيته وَهُوَ يُؤْمِنُ بِاللَّهِ وَاليَوْمِ الآخِرِ، ولَيَأْتِ إلى الناسِ الذي يُحِبُّ أَنْ يُؤتَى إلَيْهِ ومَنْ بَايع إماماً فَأَعْطَاهُ صَفْقَةَ يدِهِ، وثمَرةَ قَلْبهِ. فَليُطعْهُ إنِ اسْتَطَاعَ، فَإنْ جَاءَ آخَرُ ينازعُهُ، فاضْربُوا عُنُقَ الآخَرِ » « مەندىن ئىلگىرى قانداقلا بىر پەيغەمبەر ئۆتمىسۇن ئۆز ئۈممىتى ئۈچۈن ياخشى دەپ بىلگەن نەرسىلىرىگە ئۈممىتىنى دالالەت قىلىش، ئۇلارغا يامان دەپ بىلگەن نەرسىدىن ئۇلارنى ئاگاھلاندۇرۇش ئۇنىڭ زىممىسىگە ئارتىلغانىدى، سىلەردىن ئىبارەت بۇ ئۈممەتنىڭ ئاۋۋالقىلىرىغا ئامانلىق نېسىپ بولغان. كىيىنكىلىرىگە بولسا (يەنى ھىجىرىينىڭ 3- ئەسىرىدىن كىيىنكىلەرگە) تۈرلۈك بالا-قازا، سىلەر ئىنكار قىلىدىغان بىدئەت ئىشلار مەيدانغا كېلىدۇ، شۇنداق بىر پىتنىلار كېلىدۇكى، باشتا كەلگەن پىتنىلەر كېيىن كەلگەن پىتنىلەرنىڭ ئالدىدا ھېچ نەرسە بولماي قالىدۇ ۋە يەنە شۇنداق بىر پىتنە بولىدۇكى، مۇئمىن ئۇنى كۆرگەن چاغدا بۇ پىتنە مېنى ھالاك قىلىدۇ دەپ تۇرغاندا ئۇ پىتنە كۆتۈرۈلۈپ كېتىدۇ ۋە يەنە بىر خىل پىتنە كېلىپ مۇئمىن كىشى بۇ پىتنە مېنى ھالاك قىلىدىغان بولدى، بۇ پىتنە مېنى ھالاك قىلىدىغان بولدى، دەپ قالىدۇ، قانداق بىر كىشى دوزاختىن يىراق بولاي، جەننەتكە كىرەي دېسە، ئاللاھ تائالا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىمان ئېيتقان ھالدا كەلسۇن. ئۆزى قانداق مۇئامىلىگە ئۇچراشنى ياقتۇرسا، كىشىلەرگە شۇنداق مۇئامىلە قىلسۇن. كىمكى بىرەر ھۆكۈمرانغا سەمىمىيلىك بىلەن قول بەرگەن بولسا، قولىدىن كېلىشىچە ئىتائەت قىلسۇن، ئەگەر باشقا بىر كىشى كېلىپ ئۇ خەلىفە بىلەن ھاكىمىيەت تالاشسا ئۇنىڭ كاللىسىنى ئالسۇن » . ― مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.
ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى: 1) كىشىلەرنى ئۇلار ئورتاق كۆڭۈل بۆلىدىغان خەۋەر-مەسىلىلەر ئۈچۈن بىريەرگە توپلاشقا بولىدىغانلىقى.
2) ئۈممەتنى خەتەرلىك ئەھۋاللاردىن ئاگاھلاندۇرۇشنىڭ ھۆكۈمرانلار ۋە ئۆلىمالار ئۈستىدىكى مەجبۇرىيەت ئىكەنلىكى.
3) بىر-بىرىگە ئۇلۇشۇپ كەينى-كەينىدىن يۈز بېرىدىغان ئېغىر پىتنىلەر بولۇپ، ئۇلارنىڭ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام خەۋەر قىلغىنىدەك يۈز بەرگەنلىكى، بۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسالامنىڭ ئالدىنئالا خەۋەر بېرىشتەك مۆجىزىلىرىنىڭ بىرى ئىكەنلىكى.
4) پىتنە-پاسات بىلەن بولۇپ كېتىشتىن ۋە گۇناھلار دولقۇنىغا چۆكۈپ كېتىشتىن ئاگاھلاندۇرۇلغانلىقى.
5) ئىمانىنى ساقلاشقا، توغرا يولدا مېڭىشقا، گۈزەل ئەخلاق ۋە ياخشى مۇئامىلىدە بولۇشقا رىغبەتلەندۈرۈش، بۇنداق قىلىشنىڭ پىتنە-پاساتنىڭ شەررىدىن ساقلاپ دوزاخقا چۈشۈپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئالىدىغانلىقى.
6) كۈچى يېتىدىغان توغرا ئىشلاردا ھاكىملارغا بەرگەن ۋەدىسىگە ۋاپا قىلىش ۋە ئۇلارغا ئىتائەت قىلىش كېرەكلىكى.
7) ئادىل ھۆكۈمراننىڭ باشچىلىقىدا ھۆكۈمرانلارغا ئىتائەت قىلمىغانلار بىلەن ئۇرۇش قىلىشنىڭ زۆرۈر ئىكەنلىكى.
669. ئەبۇ ھۇنەيدە ۋائىل ئىبن ھۇجر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، سەلەمە ئىبن يەزىد جۇئفى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن: « ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى، بىزدىن ئۆز ھەققىنى تەلەپ قىلىدىغان، بىزنىڭ ھەققىمىزنى بەرمەيدىغان ھۆكۈمرانلار مەيدانغا كەلسە بىزنى نېمە قىلىشقا بۇيرۇيسەن؟ » ، دەپ سورىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: « اسْمَعُوا وأطِيعُوا، فَإنَّما علَيْهِمْ ماحُمِّلُوا وعلَيْكُم ما حُمِّلْتُمْ » « سۆزىنى ئاڭلاڭلار، ئەمرىگە ئىتائەت قىلىڭلار، چۈنكى ئۇلارمۇ ئىشىغا جاۋابكار، سىلەرمۇ قىلغان ئۆز ئىشىڭلارغا جاۋابكار » ، دېدى. ― مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.
ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى: 1) ھۆكۈمرانلارغا گەرچە ئۇلار ئۆز مەجبۇرىتىنى تولۇق ئادا قىلالمىغان بولسىمۇ، مۇقىملىق ۋە ئومۇمنىڭ مەنپەئەتىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن ئۇلارغا ئىتائەت قىلىشنىڭ زۆرۈر ئىكەنلىكى.
2) ئۆز مەجبۇرىيىتىنى تولۇق ئادا قىلالماسلىقى ئاۋامنىڭ ھۆكۈمرانلار توغرىسىدىكى مەجبۇرىيىتىنى تولۇق ئادا قىلماسلىقىغا باھانە بولالمايدىغانلىقى.
3) ھەركىم ئۆز قىلمىشىغا ئۆزى مەسئۇل ۋە تولۇق ئادا قىلمىغان مەجبۇرىيىتى ئۈچۈن ئۆزى جاۋابكار بولىدىغانلىقى.
670. ئابدۇللاھ ئىبن مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: « إنَّهَا ستَكُونُ بعْدِي أَثَرَةٌ، وأُمُورٌ تُنْكِرُونَهَا » « مەندىن كېيىن ئىنساپسىزلىقلار ۋە سىلەر ئىنكار قىلىدىغان ئىشلار پەيدا بولىدۇ » ، ئۇلار: « ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى، بىزدىن شۇ زامانغا توغرا كېلىپ قالغانلارنى قانداق قىلسۇن دەيسەن؟»، دېدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: « تُؤَدُّونَ الحَقَّ الذي عَلَيْكُمْ، وتَسْأَلُونَ اللَّه الذي لَكُمْ » « سىلەرنىڭ زىممەڭلەرگە يۈكلەنگەن ئادا قىلىشقا تېگىشلىك بولغان ھەقنى ئادا قىلىڭلار، ئۆزەڭلارغا تېگىشلىك ھەققىڭلارغا ئېرىشىشنى ئاللاھتىن تىلەڭلار » ، دېدى.
― بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.
671. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەھىسسالام مۇنداق دېگەن: « مَنْ أَطَاعَني فَقَدْ أَطَاعَ اللَّه، وَمَنْ عَصَاني فَقَدْ عَصَى اللَّه، وَمَنْ يُطِعِ الأمِيرَ فَقَدْ أطَاعَني، ومَنْ يعْصِ الأمِيرَ فَقَدْ عَصَانِي » « كىمكى ماڭا ئىتائەت قىلسا ئاللاھ تائالاغا ئىتائەت قىلغان بولىدۇ. كىمكى ماڭا ئاسىيلىق قىلسا ئاللاھ تائالاغا ئاسىيلىق قىلغان بولىدۇ، كىمكى ھۆكۈمدارغا ئىتائەت قىلسا ماڭا ئىتائەت قىلغان بولىدۇ. كىمكى ھۆكۈمدارغا ئاسىيلىق قىلسا ماڭا ئاسىيلىق قىلغان بولغان بولىدۇ » .
― بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.
672. ئىبن ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمادىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: « من كَرِه مِنْ أَمِيرِهِ شيْئاً فَليَصبِر، فإنَّهُ مَن خَرج مِنَ السُّلطَانِ شِبراً مَاتَ مِيتَةً جاهِلِيةً » « كىمكى باشلىقىنىڭ بىرەر ئىشىنى ياقتۇرمىسا سەۋر قىلسۇن، كىمكى سۇلتانغا ئىتائەت قىلىشتىن بىر غېرىچ چەتنەيدىكەن، ئۇ جاھىلىيەت دەۋرىدىكىلەرگە ئوخشاش ئۆلگەن بولىدۇ » . ― بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.
ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: ھۆكۈمدارلارنىڭ قىڭغىرلىق تەرەپلىرىگە ئۇلارغا نەسىھەت قىلىپ ۋە ھەقىقەتنى ئۇچۇق-ئاشكارا سۆزلەش بىلەن بىرگە سەۋر قىلىش.
673. ئەبۇ بەكرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان: « مَن أهَانَ السُّلطَانَ أَهَانَهُ اللَّه » « كىمكى ھۆكۈمدارنى مەنسىتمىسە، ئاللاھ تائالا ئۇنى مەنسىتمەيدۇ » . ― تىرمىزىي رىۋايەت قىلغان.
ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: ھۆكۈمدارلار ئۆلىمالارنى كامالى ئىھتىرام بىلەن ھۆرمەتلەشكە رىغبەتلەندۈرۈش.