دۈشمەن ياكى زوراۋان ھاكىم بىلەن ئۇچراشقاندا ئوقۇيدىغان دۇئا
﴿ناللَّهُمَّ إِنَّا نَجْعَلُكَ فِي نُحُورِهِمْ وَنَعُوذُ بِكَ مِنْ شُرُورِهِمْ﴾
«ئى ئاللاھ! بىز ئۇلارنىڭ ھالاكىتىنى ساڭا تاپشۇرىمىز ۋە ئۇلارنىڭ يامانلىقىدىن ساڭا سىغىنىمىز.» [ئەبۇ داۋۇد رىۋايىتى].
﴿ناللَّهُمَّ أَنْتَ عَضُدِي، وَأَنْتَ نَصِيرِي، بِكَ أَجُولُ وَبِكَ أَصُولُ وَبِكَ أُقَاتِلُ﴾
«ئى ئاللاھ! سەن مېنىڭ تايانچىمسەن، سەن مېنىڭ مەدەتكارىمسەن، سېنىڭ ياردىمىڭ بىلەن سەير قىلىمەن، سېنىڭ بىلەن كۈچ - قۇۋۋەت تاپىمەن، سېنىڭ ياردىمىڭ بىلەن ئۇرۇش قىلىمەن.» [ئەبۇ داۋۇد ۋە تىرمىزى رىۋايىتى].
﴿نحَسْبُنَا اللَّهُ وَنِعْمَ الْوَكِيلُ﴾
«ئاللاھ بىزگە كۇپايە قىلىدۇ، ئۇ نېمىدىگەن ياخشى ھىمايە قىلغۈچى-ھە!.» [بۇخارى رىۋايىتى].