ئولتۇراشتا ئوقۇلىدىغان دۇئا
عَنِ ابْنِ عُمَرَﷺ قَاَلَ: كَانَ يُعَدُّ لِرَسُولِ اللَّهِ - صلى الله عليه وسلم - فِي الْمَجْلِسِ الوَاحِدِ مِائَةُ مَرَّةٍ مِنْ قَبْلِ أَنْ يَقُومَ: ﴿رَبِّ اغْفِرْ لِي، وَتُبْ عَلَيَّ، إِنَّكَ أَنْتَ التَّوَّابُ الغَفُورُ﴾
ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىر سورۇندىن قوپۇپ كېتىشتىن ئىلگىرى يۈز قېتىم: «رَبِّ اغْفِرْ لِي وَتُبْ عَلَيَّ إِنَّكَ أَنْتَ التَّوَّابُ الْغَفُورُ» تەرجىمىسى: «ئى رەببىم! مېنى مەغپىرەت قىلغىن ۋە تەۋبەمنى قوبۇل قىلغىن. ھەقىقەتەن سەن تەۋبىلەرنى قوبۇل قىلغۇچى، گۇناھلارنى مەغپىرەت قىلغۇچىسەن» دەيتتى. [تىرمىزى رىۋايىتى ۋە ئىبنى ماجە].