ئۇلاغ ۋە قاتناش ۋاسىتىلىرىدا ئولتۇرغاندا ئوقۇيدىغان دۇئا
﴿بِسْمِ اللَّهِ، الْحَمْدُ لِلَّهِ، «سُبْحَانَ الَّذِي سَخَّرَ لَنَا هَذَا وَمَا كُنَّا لَهُ مُقْرِنِينَ وَإِنَّا إِلَى رَبِّنَا لَمُنْقَلِبُونَ» الْحَمْدُ لِلَّهِ، الْحَمْدُ لِلَّهِ، الْحَمْدُ لِلَّهِ، اللَّهُ أَكْبَرُ، اللَّهُ أَكْبَرُ، اللَّهُ أَكْبَرُ، سُبْحَانَكَ اللَّهُمَّ إِنِّي ظَلَمْتُ نَفْسِي فَاغْفِرْ لِي، فَإِنَّهُ لاَ يَغْفِرُ الذُّنُوبَ إِلاَّ أَنْتَ﴾
«ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن (باشلايمەن)، جىمى ھەمدۇ سانا ئاللاھقا خاستۇر. (بىزگە بۇنى بويسۇندۇرۇپ بەرگەن زات پاكتۇر، بىز ئۇنىڭغا مىنىشكە قادىر ئەمەس ئىدۇق، بىز ھەقىقەتەن پەرۋەردىگارىمىزنىڭ دەرگاھىغا قايتقۇچىلارمىز). (سۈرە زۇخرۇف 14- ئايەت). جىمى ھەمدۇ-سانا ئاللاھقا خاستۇر، جىمى-ھەمدۇ سانا ئاللاھقا خاستۇر، جىمى-ھەمدۇ سانا ئاللاھقا خاستۇر. ئاللاھ بۈيۈكتۇر، ئاللاھ بۈيۈكتۇر، ئاللاھ بۈيۈكتۇر. ئى ئاللاھ! سېنى بارچە نۇقسانلاردىن پاك دەپ ئېتىقاد قىلىمەن، ھەقىقەتەن مەن ئۆزۈمگە زۇلۇم قىلدىم، مەن ئۈچۈن مەغپىرەت قىلغىن. چۈنكى سەندىن باشقا ھېچكىم گۇناھلارنى مەغپىرەت قىلالمايدۇ.» [ئەبۇ داۋۇد ۋە تىرمىزى رىۋايىتى].