ئايەت ۋە سۈرە نومۇرى ئارقىلىق ئىزدەش
ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ پادىشاھلىقى ئاللاھقا خاستۇر، (خالايىقنىڭ) ئاخىر قايتىدىغان جايى ئاللاھنىڭ دەرگاھىدۇر. [24-سۈرە نۇر، 42-ئايەت]
ئەبۇ ھۈرەيرە مۇنداق دېگەن: «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىر نەرسىنى خەيرلىك، تەلەيلىك دەپ قاراشنى ياخشى كۆرەتتى؛ بىر نەرسىنى شۇملۇق دەپ بىلىشنى ياقتۇرمايتتى».(ئىبنى ماجە، 3536-ھەدىس، تىب، 43)
سوئال: بانكىنىڭ ئۆسۈمىنى زاكاتقا ھېسابلاپ بېرىشكە بولامدۇ؟
جاۋاب: بانكىنىڭ ئۆسۈمى ھارام پۇل. مۇنداق ھارام پۇلنى ئۆزى ئىشلىتىشكە ھالال بولمىغان يەردە، ئۇنى باشقىلارغا زاكاتقا ھېسابلاپ بېرىشكە قەتئىي بولمايدۇ. چۈنكى بانكىنىڭ ئۆسۈمى ئۇنىڭ ئىگىسى ئۈچۈن ھارام. ئۇنى ئىشلىتەلمەيدۇ. ئەمما ئۇنى زاكات ياكى سەدىقە ئورنىدا ئەمەس، پەقەت ھارامدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن پېقىرلارغا بەرسە، ئۇنى ئالغۇچىلارغا ھالال بولىدۇ، بەرگۈچىمۇ ھارامدىن قۇتۇلغان بولىدۇ.
تەرجىمىسى : ئى ئاللاھ ! گۇناھىمنى مەغپىرەت قىلغىن، ھويلامنى كەڭ، رىزقىمنى بەرىكەتلىك قىلغىن.