ئايەت ۋە سۈرە نومۇرى ئارقىلىق ئىزدەش
مۆمىنلەر ئۈستىدە يامان سۆزلەرنىڭ تارىلىشىنى ياقتۇرىدىغان ئادەملەر، شۈبھىسىزكى، دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە قاتتىق ئازابقا قالىدۇ، ئاللاھ (سىرلارنى ۋە نىيەتلەرنى) بىلىپ تۇرىدۇ، سىلەر بىلمەيسىلەر. [24-سۈرە نۇر، 19-ئايەت]
ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «ئاللاھقا سىغىنىپ (كۆز تېگىشتىن) پاناھ تىلەڭلار، چۈنكى كۆز (تېگىش) راستتۇر».[ئىبنى ماجە، 3508 – ھەدىس، تېب، 32]
سوئال: زاكات كىملەرگە بېرىلمەيدۇ؟
جاۋاب: زاكات تۆۋەندىكى 5 خىل شەخسكە بېرىلمەيدۇ:
(1) بايلارغا،
(2) كۇففارلارغا،
(3) زاكات بەرگۈچىنىڭ ئاتا- ئانىلىرىغا، بوۋا، مومىلىرىغا،
(4) زاكات بەرگۈچىنىڭ بالىلىرىغا، نەۋرىلىرىگە، چەۋرىلىرىگە،
(5) زاكات بەرگۈچىنىڭ جورىسىغا بېرىلمەيدۇ. يەنى ئەرنىڭ ئايالىغا، ئايالىنىڭ ئېرىگە زاكات بېرىشى دۇرۇس ئەمەس. بەرگەندىمۇ ئادا تاپمايدۇ.
تەرجىمىسى : ئى ئاللاھ ! سېنى زىكرى قىلىشىمغا، ساڭا شۈكۈر قىلىشىمغا ۋە ساڭا ئوبدان قۇلچىلىق قىلىشىمغا يار – يۆلەك بولغايسەن.
تىلاۋەت قىلغۇچى: ياسىر دۇسەرىي