ئايەت ۋە سۈرە نومۇرى ئارقىلىق ئىزدەش
بوھتاننى ئاڭلىغان چاغلىرىڭلاردا ئەر ـ ئايال مۆمىنلەر بىر-بىرىگە ياخشى گۇماندا بولۇپ، نېمە ئۈچۈن بۇ ئېنىق بوھتان دېمىدى؟ [24-سۈرە نۇر، 12-ئايەت]
ھەكىم ئىبنى ھىزام رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «ئالغۇچى بىلەن ساتقۇچى سودىلاشقان جايىدىن يۆتكىلىپ كەتمىسىلا، ئۇلارنىڭ سودىنى بۇزۇش ئىختىيارى بولىدۇ. ئەگەر سودىدا راست گەپ قىلىشسا، مالنىڭ ئەيىبلىرىنى يوشۇرۇشمىسا، ئۇلارنىڭ سودىسى بەرىكەتلىك بولىدۇ؛ ئەگەر ئۇلار مالنىڭ، پۇلنىڭ ئەيىبلىرىنى يوشۇرۇشسا، سودا ئۈستىدە يالغان گەپ قىلىشسا، قىلغان سودىسىنىڭ بەرىكىتى ئۇچۇپ كېتىدۇ».(مۇسلىم، 3858 - ھەدىس، سېھرىگەرلىك، 47؛ بۇخارىي، 2079 – ھەدىس، سېھرىگەرلىك، 19.)
سوئال: زاكات كەلمەيدىغان نەرسىلەر قايسىلار؟
جاۋاب: تۆۋەندىكى نەرسىلەرگە زاكات كەلمەيدۇ:
(1) كىشىنىڭ ئۆزى ياكى بالىلىرى ئولتۇرىۋاتقان ئۆيلىرى.
(2) ئۆزى ياكى بالىلىرى ئىشلىتىۋاتقان ئۆي ئەشيالىرى.
(3) كىيىلگەن كىيىم - كېچەكلەر.
(4) ئائىلىنىڭ يېيىش ئۈچۈن توپلىغان ئوزۇقلىرى.
(5) ئۆزى ياكى بالىلىرى ئىشلىتىۋاتقان ئاپتوموبىللار.
(6) كىشىنىڭ ئۆز كەسپى ئۈچۈن ئىشلىتىلىۋاتقان سايمانلىرى، ئەشيالىرى، ۋە ماتېرىياللىرى.
(7) زىننەت ئۈچۈن ۋە ئاياللارنىڭ ئېھتىياجى ئۈچۈن تۇتۇلغان ھەر قانداق نەرسىلەرگە زاكات كەلمەيدۇ. ئەمما نەق پۇل ئورنىدا ساقلانغان ئالتۇن، كۈمۈشكە، قاشتېشىغا ۋە شۇنداقلا پۇلغا يارايدىغان، ئېھتىياج سىرتىدىكى ھەرقانداق قىممەتلىك نەرسىگە زاكات كېلىدۇ.
تەرجىمىسى : ئى ئاللاھ ! دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە سەندىن ئامانلىق تىلەيمەن.
تىلاۋەت قىلغۇچى: بەندەر بەلىيلە