رياض الصالحين-ياخشىلار باغچىسى

114. باب ئۆرە تۇرۇپ سۇ ئىچىشنىڭ دۇرۇسلىقى ۋە لېكىن ئولتۇرۇپ سۇ ئىچكەننىڭ ئەۋزەل ئىكەنلىكى توغرىسىدا

767. ئىبن ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما مۇنداق دەيدۇ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ئازراق زەمزەم سۈيى تۇتقانىدىم، ئۇ ئۆرە تۇرۇپ ئىچىۋەتتى.

― بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

768. ئەززال ئىبن سەبەرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ كەڭ بىر مەيداندا ئۆرە تۇرۇپ سۇ ئىچىپ: « مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇشۇنداق قىلغانلىقىنى كۆرگەن » ، دېدى. ― بۇخارى رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ دىنىي ئەھكامنى سۆز ۋە ھەرىكىتى بىلەن بايان قىلىپ بېرىشنىڭ ياخشى ئىكەنلىكى.

769. ئبىن ئۇمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما مۇنداق دەيدۇ، بىز پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ زامانىسىدا، مېڭىپ تۇرۇپ تاماق يەيتتۇق، ئۆرە تۇرۇپ سۇ ئىچەتتۇق. ― تىرمىزىي رىۋايەت قىلغان.

770. ئەمر ئىبن شۇئەيبنىڭ ئاتىسىنىڭ ئاتىسى بوۋىسىدىن رىۋايەت قىلىدۇكى، مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۆرە تۇرۇپ سۇ ئىچكەنلىكىنىمۇ ۋە ئولتۇرۇپ سۇ ئىچكەنلىكىنىمۇ كۆرگەن. ― تىرمىزىي رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: گەرچە ئولتۇرۇپ سۇ ئىچىش ئەڭ ئەۋزەل بولسىمۇ، لېكىن ئۆرە تۇرۇپ، ئولتۇرۇپ ۋە ياكى مېڭىپ كېتىۋېتىپ سۇ ئىچىشنىڭمۇ بولىدىغانلىقى.

771. ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەلۇم بىر كىشىنى ئۆرە تۇرۇپ سۇ ئىچىشىدىن مەنئى قىلدى. قەتادە مۇنداق دەيدۇ. بىز ئەنەسكە: ئۆرە تۇرۇپ يېيىشچۇ؟ دەپ سورىدۇق. ئەنەس: « ذلكَ أَشَرُّ أَو أَخْبثُ » « ئۆرە تۇرۇپ يېيىش ياخشى ئەمەستۇر » ، دېدى. ― مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

772. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: « لاَ يشْرَبَن أَحدٌ مِنْكُمْ قَائماً، فَمَنْ نَسِيَ فَلْيَسْتَقيءْ » « سىلەردىن ھېچ ئادەم ئۆرە تۇرۇپ سۇ ئىچمىسۇن، ئېسىدە يوق ئىچىپ قالسا قۇسۇۋەتسۇن » .

― مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى: 1) ئۆرە تۇرۇپ سۇ ئىچىشنىڭ ياخشى ئەمەسلىكى، ئۆرە تۇرۇپ يېيىشنىڭ تېخىمۇ ياخشى ئەمەسلىكى.

2) ئۆرە تۇرۇپ سۇ ئىچكۈچى سۈننەتكە مۇخالىپەتچىلىك قىلغانلىقتىن ئۆزىگە ساۋاق بىرىپ سۇنى قەي قىلىۋىتىشنىڭ ياخشى ئىكەنلىكى.

بۇ ھەدىستە پەقەت قەستەن سۈننەتكە مۇخالىپەتچىلىك قىلغانلار كۆزدە تۇتۇلغان، چۈنكى يۇقىرىقى ھەدىسلەردە ئۆرە تۇرۇپ ئىچىش ۋە يېيىشنىڭ دۇرۇسلىقى بايان قىلىنغان.

چىقىرىش كۆزنىكىدە «PDF غا ساقلاش» ياكى «Microsoft Print to PDF» نى تاللاڭ — ئەرەبچە خەت توغرا ساقلىنىدۇ