رياض الصالحين-ياخشىلار باغچىسى

127. باب ئۇخلاش ۋە يېتىپ قوپۇش ئەدەپلىرى توغرىسىدا

814. بەرا ئىبن ئازىب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، قاچانكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ياتىدىغان چاغدا، ئوڭ تەرىپىنى بېسىپ يېتىپ مۇنداق دەيتتى: « اللَّهُمَّ أَسْلَمْتُ نَفْسِي إليْكَ، وَوجَّهْتُ وَجْهي إلَيْكَ، وفَوَّضْتُ أَمْرِي إلَيْكَ، وَأَلجَأْتُ ظهْري إلَيْكَ، رَغْبةً وَرهْبَةً إلَيْكَ، لا مَلْجأ ولا مَنْجى مِنْكَ إلاَّ إلَيْكَ، آمَنْتُ بِكتَابكَ الذي أَنْزلتَ، وَنَبيِّكَ الذي أَرْسَلْتَ » « ئى ئاللاھ ئۆزۈمنى ساڭا تاپشۇردۇم، يۈزۈمنى ساڭا قاراتتىم، ئىشلىرىمنى ساڭا تاپشۇردۇم، سەندىن ئۈمىدۋار بولۇپ، سەندىن ئەيمىنىپ ساڭا يۆلەندىم، سەندىنلا پاناھلىق ۋە نىجاتلىق تىلەيمەن. سېنىڭ نازىل قىلغان كىتابىڭغا ۋە ئەۋەتكەن پەيغەمبىرىڭگە ئىمان كەلتۈردۈم » . ― بۇخارى رىۋايەت قىلغان.

815. بەرا ئىبن ئازىب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ماڭا: « إذَا أَتَيْتَ مَضْجَعكَ فَتَوَضَّأْ وُضُوءَكَ لِلصَّلاةِ، ثُمَّ اضْطَجِعْ عَلى شِقِّكَ الأَيمَنِ، وَقُلْ » « ئەگەر ئۇخلىماقچى بولساڭ، نامازغا ئالغاندەك تاھارەت ئېلىپ، ئوڭ يېنىڭنى بېسىپ يېتىپ مۇنداق دېگىن »، د ەپ يۇقىرىدا ئۆگەتكەن دۇئانى ئۆگەتتى ۋە: « واجْعَلْهُنَّ آخِرَ مَا تَقول » « ئۇ دۇئانى شۇ كۈنى دەيدىغان سۆزلىرىڭنىڭ ئاخىرىقىسى قىل »، د ېدى.

― بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

816. ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام كېچىسى 11 رەكئەت ناماز ئوقۇيتتى، تاڭ سۈزۈلگەندە يەڭگىل ئىككى رەكئەت ناماز ئوقۇيتتى، ئاندىن مۇئەززىن كېلىپ: جامائەت ھازىر بولدى، دەپ ئېلان قىلغۇچىلىك ئوڭ يېنىنى بېسىپ ياتاتتى. ― بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى: ئىمامى نەۋەۋى ئېيتىدۇ: بامدات نامىزىنىڭ سۈننىتىدىن كېيىن يېنى يېتىش بولسا يۇقىرىدا بەرا ئىبن ئازىب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلغان پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ: « ... ثُمَّ اضْطَجِعْ عَلى شِقِّكَ الأَيمَنِ » «ئوڭ يېنىڭنى بېسىپ ياتقىن»، دېگەن ھەدىسىگە ئاساسلانغاندا سۈننەت ھېسابلىنىدۇ.

يەنە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ بۇ ئادەتنى داۋاملىق قىلمىغانلىقى بۇنىڭ ۋاجىپ ئەمەس، سۈننەت ئىكەنلىكىنىڭ دەلىلى بولالايدۇ.

2) ئوڭ يېنىنى بېسىپ يېتىشنىڭ سۈننەت ئىكەنلىكى.

817. ھۇزەيفە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئاخشىمى ياتقاندا: « اللَّهُمَّ بِاسْمِكَ أمُوتُ وَ أَحْيَا » « ئى ئاللاھ، ياشايدىكەنمەن، ئىسمىڭنى زىكىر قىلىپ ياشايمەن. ئۆلىدىكەنمەن، سېنىڭ ئىسمىڭنى زىكىر قىلىپ ئۆلىمەن » ، دەيتتى. ئەتىگەندە تۇرغاندا: « الحَمْدُ للَّهِ اَلَّذي أَحْيَانَا بعْدَ مَا أَمَاتَنَا وإليه النُّشُورُ » « جىمى مەدھىيە بىزنى ئۆلگەندىن كېيىن تىرىلدۈرگەن ئاللاھقا مەنسۇپ، قىيامەت كۈنى يەنە ئاللاھ تىرىلدۈرىدۇ »، د ەيتتى. ― بۇخارى رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: بۇخىل ھالەتتە ئۇخلاشنىڭ ياخشى ئىكەنلىكى ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ئەگىشىش ئۈچۈن بۇ دۇئانى ئوقۇشنىڭ ياخشى ئىكەنلىكى.

818. يەئىيشە ئىبن تىخفە غىفارىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، ئاتام ماڭا مۇنداق دەيتتى: بىر كۈنى مەسجىدتە دۈم ياتقانىدىم، بىر كىشى پۇتى بىلەن مېنى مىدىرلىتىپ: « إنَّ هذِهِ ضَجْعَةٌ يُبْغِضُهَا اللهُ » « بۇ ئاللاھ تائالا يامان كۆرىدىغان يېتىش » ، دېدى. قارىسام ئۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئىكەن. ― ئەبۇ داۋۇد رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: دۈم يېتىپ ئۇخلاشنىڭ چەكلىنىدىغانلىقى.

819. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: « مَنْ قَعَدَ مَقْعَداً لَمْ يَذْكُرِ الله تعالى فِيهِ كَانَتْ عَلَيِهِ مِنَ الله تعالى تِرةٌ، وَمَنِ اضْطَجَعَ مُضْطَجَعاً لاَيَذْكُرُ الله تعالى فِيهِ كَانَتْ عَلْيِه مِن اللهِ تِرةٌ » « كىمكى بىرەر جايدا ئولتۇرۇپ ئۇ جايدا ئاللاھ تائالانى ياد قىلمىسا ئاللاھ تائالادىن ئۇنىڭغا بىرەر كەمتۈكلۈك يېتىپ قالىدۇ، كىمكى بىرەر جايدا يېتىپ ئۇ جايدا ئاللاھ تائالانى ياد ئەتمىسە ئاللاھ تائالادىن ئۇنىڭغا بىرەر كەمتۈكلۈك يېتىپ قالىدۇ » . ― ئەبۇ داۋۇد رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: ئاللاھ تائالانى ھەممە جايدا ئەسلەپ زىكىر قىلىش يۈزىسىدىن ياتقان ۋاقىتتىمۇ ئاللاھ تائالانى ئەسلەشتىن غاپىل بولماسلىق لازىملىقى.

چىقىرىش كۆزنىكىدە «PDF غا ساقلاش» ياكى «Microsoft Print to PDF» نى تاللاڭ — ئەرەبچە خەت توغرا ساقلىنىدۇ