رياض الصالحين-ياخشىلار باغچىسى

184. باب يىغىلىپ قۇرئان تىلاۋەت قىلىشنىڭ ياخشىلىقى توغرىسىدا

1023. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: « ومَا اجْتَمَعَ قَوْمٌ في بَيْتٍ من بُيوتِ اللَّهِ يَتْلُونَ كتاب اللَّهِ، ويتَدَارسُونَه بيْنَهُم، إِلاَّ نَزَلتْ علَيهم السَّكِينَة، وغَشِيَتْهُمْ الرَّحْمَة، وَحَفَّتْهُم الملائِكَةُ، وذَكَرهُمْ اللَّه فيِمنْ عِنده » « بىرەر قەۋم مەسجىدلەردىن بىرىگە يىغىلىپ، قۇرئان تىلاۋەت قىلىشسا ۋە قۇرئان ئۈستىدە توختىلىپ، ئۇنى ئۆزئارا ئۆگەنسە، ئاللاھ تائالا ئۇلارغا خاتىرجەملىك بېغىشلايدۇ. ئۇلارنى ئاللاھ تائالانىڭ رەھمىتى ئورايدۇ، پەرىشتىلەر ئۇلارنىڭ ئەتراپىغا جەم بولىدۇ. ئاللاھ تائالا ئۆز ھوزۇرىدىكى پەرىشتىلەرگە ئۇلاردىن مەمنۇن بولغانلىقىنى ئېيتىپ بېرىدۇ » . ― مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: مەسجىدلەردە يىغىلىپ قۇرئان تىلاۋەت قىلىشنىڭ، قۇرئان ئىلىملىرىنى ئۆگىنىشنىڭ ياخشى ئىكەنلىكى. مۇنداق قىلىشنىڭ خاتىرجەملىك ۋە ئاللاھ تائالانىڭ رەھمىتىنىڭ چۈشىشىگە، پەرىشتىلەرنىڭ ھازىر بولۇشىغا، يىغىلغۇچىلاردىن ئاللاھ تائالانىڭ رازى بولۇشىغا ۋە ئۇلارنىڭ ياخشى ئىشلىرىنىڭ ئاسماندا تىلغا ئېلىنىشىغا سەۋەبچى بولىدىغانلىقى.

چىقىرىش كۆزنىكىدە «PDF غا ساقلاش» ياكى «Microsoft Print to PDF» نى تاللاڭ — ئەرەبچە خەت توغرا ساقلىنىدۇ