207. باب كۈن نەيزە بويى كۆتۈرۈلگەندىن تارتىپ تاكى كۈن تىكلەنگەنگە قەدەر چاشگاھ نامىزى ئوقۇشنىڭ دۇرۇسلۇقى، كۈن كۆتـۈرۈلـۈپ قاتـتىق قىزىغاندا چاشگاھ نامىزى ئوقۇشنىڭ ئەۋزەللىكى توغرىسىدا
207. باب كۈن نەيزە بويى كۆتۈرۈلگەندىن تارتىپ تاكى كۈن تىكلەنگەنگە قەدەر چاشگاھ نامىزى ئوقۇشنىڭ دۇرۇسلۇقى، كۈن كۆتـۈرۈلـۈپ قاتـتىق قىزىغاندا چاشگاھ نامىزى ئوقۇشنىڭ ئەۋزەللىكى توغرىسىدا
1143. زەيد ئىبن ئەرقەم رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، ئۇ بىر جامائەنىڭ چاشگاھ نامىزى ئوقۇۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ مۇنداق دېگەن: « بۇ جامائەگە نامازنىڭ بۇ ۋاقىتتىن باشقا ۋاقىتتا ئوقۇلسا ئەۋزەل بولىدىغانلىقى شەكسىز مەلۇمدۇر. چۈنكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: ‹ صَلاةُ الأوَّابِينَ حِينَ ترْمَضُ الفِصَالُ › ‹ تەۋبە قىلغۇچىلارنىڭ نامىزى بوتىلاقلار ئىسسىقتىن پۇتلىرىنى يەرگە قويالمىغان چاغدىكى نامازدۇر› » . ― مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.
ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: چاشگاھ نامىزىنى كۈن كۆتۈرۈلگەندىن باشلاپ كۈن قايرىلغۇچە ئوقۇشقا بولىدىغانلىقى. لېكىن، كۈن كۆتۈرۈلۈپ ئالەم قىزىشقا باشلىغاندا ئوقۇشنىڭ ئەۋزەل ئىكەنلىكى. بۇ ۋاقىتتا ئوقۇشتىكى ھېكمەت چاشگاھ ناماز ئوقۇغان ۋاقىتنىڭ ناماز ئوقۇش چەكلەنگەن كۈن چىقىش ۋاقتىدىن يىراق بولۇشى ئۈچۈندۇر.