رياض الصالحين-ياخشىلار باغچىسى

206. باب چاشگاھ نامىزىنىڭ پەزىلىتى ۋە ئۇنىڭ ئاز-كۆپ ۋە ئوتتۇراھال بولۇشىنىڭ بايانى ۋە ئۇنى ئوقۇپ تۇرۇشقا رىغبەتلەندۈرۈش توغرىسىدا

1139. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، مېنىڭ دوستۇم پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ماڭا ھەر ئايدا ئۈچ كۈن روزا تۇتۇشنى، چاشگاھ نامىزى ئوقۇشنى، ۋىتىر نامىزىنى ئوقۇپ بولۇپ ئاندىن ئۇخلاشنى ۋەسىيەت قىلدى.

― بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى: 1) ھەر ئايدا ئۈچ كۈن روزا تۇتۇش، چاشگاھ نامىزى ئوقۇش ۋە ۋىتىر نامىزى ئوقۇشقا كۆڭۈل بۆلۈشنىڭ پەزىلىتى.

2) تائەت-ئىبادەت قىلىشقا ۋە ياخشى ئىشلار بىلەن شۇغۇللىنىشقا تەۋسىيە قىلىشنىڭ ياخشى ئىكەنلىكى.

1140. ئەبۇ زەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: « يُصبِحُ عَلى كُلِّ سُلامَى مِنْ أَحدِكُمْ صدقَةٌ: فَكُلُّ تَسبِيحة صدَقةٌ،وكل تحميدة صدقة، وكُل تَهليلَةٍ صدَقَةٌ، وَكُلُّ تكبيرة صدَقةٌ، وأَمر بالمعْروفِ صدقَةٌ، ونهيٌ عنِ المُنْكَرِ صدقَةٌ، ويُجْزِئ مِن ذلكَ ركْعتَانِ يركَعُهُما مِنَ الضحى » « ھەر سەھەردە سىلەرنىڭ ھەر بىر ئۈگىلىرىڭلار ئۈچۈن بىر سەدىقە بېرىش لازىم بولىدۇ. ‹ سُبْحَانَ اللهِ › دېيىش بىر سەدىقىدۇر. ‹ اَلْحَمْدُ للهِ › دېيىش بىر سەدىقىدۇر. ‹ لآ اِلٰهَ اِلاّ اللهُ › دېيىش بىر سەدىقىدۇر. ‹ اَللهُ اَكْبَرُ › دېيىش بىر سەدىقىدۇر. ياخشىلىققا رىغبەتلەندۈرۈش بىر سەدىقىدۇر. يامانلىقتىن توسۇش بىر سەدىقىدۇر. چاشگاھ ۋاقتىدا ئىككى رەكئەت ناماز ئوقۇش بولسا، يۇقىرىقىلارنىڭ ھەممىسىگە كۇپايە قىلىدۇ » . ― مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى: 1) چاشگاھ نامىزىنىڭ ئۇلۇغلۇقىنى ۋە ئۇ نامازنىڭ ئەقەللىيىسى ئىككى رەكئەت ئىكەنلىكىنى بايان قىلىش، شۇنداقلا چاشگاھ نامىزىنى ئوقۇشقا رىغبەتلەندۈرۈش.

2) سەدىقە چۈشەنچىسىنىڭ چېتىلىش دائىرىسىنىڭ كەڭلىكى ۋە بارلىق ياخشىلىق تۈرلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقى.

1141. ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، رەسۇلۇللاھ چاشگاھ نامىزىنى تۆت رەكئەت ئوقۇيتتى. خالىسا زىيادە قىلاتتى. ― مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: چاشگاھ نامىزىنى قانچە رەكئەت ئوقۇسا بولىۋېرىدىغانلىقى، لېكىن بۇ ھەقتە كەلگەن ھەدىسلەر پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ چاشگاھ نامىزىنى سەككىز رەكئەتتىن كۆپ ئوقۇمىغانلىقىنى ۋە ئون ئىككى رەكئەتتىن كۆپ ئوقۇشقا رىغبەتلەندۈرمىگەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.

1142. ئۇممۇ ھانىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، مەككە فەتىھ بولغان يىلى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى ئىزدەپ بارسام ئۇ غۇسلى قىلىۋاتقانىكەن. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام غۇسلى قىلىپ بولغاندىن كېيىن سەككىز رەكئەت ناماز ئوقۇدى. بۇ چاشگاھ نامىزى ئىدى. ― بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: چاشگاھ نامىزىنىڭ ئەڭ كۆپىنىڭ سەككىز رەكئەت ئىكەنلىكى ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئوقۇغانلىقىغا ئاساسلانغاندا سەككىز رەكئەت ئوقۇشنىڭ ئەۋزەل ئىكەنلىكى.

چىقىرىش كۆزنىكىدە «PDF غا ساقلاش» ياكى «Microsoft Print to PDF» نى تاللاڭ — ئەرەبچە خەت توغرا ساقلىنىدۇ